ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى

ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى __ 1864-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى غۇلجا شەھرىدە قوزغىلاڭ كۈتۈرگەنلكىنى جاكارلايدۇ. بۇ

نامى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى
ۋاقتى 1864-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئورنى غۇلجا شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەيپىڭ تىيەنگو ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا -ئارقىدىن پارتلايدۇ.  چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسى، ئىقتىسادى كىرىزىسكە دۇچ كېلىدۇ.  ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئىقتىسادى سېلىقىنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرىدۇ.  ئىلىدىكى جىياڭجۈن مەھكىمىسى ئىلگىرى ھەر بىر تۈتۈننىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يىلىغا تاپشۇرىدىغان 4 خو ( 256كىلوگرام ) بۇغداي غەللە پاراقنى 1863-يىلىغا كەلگەندە 32 خوغا ئۆستۈرىدۇ.  ھەددىدىن زىيادە ئىقتىسادى زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن ئىلى دېھقانلىرى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۈتۈرۈشكە مەجبۇر بۇلىدۇ. دەسلەپتە 1863-يىلى 3-ئايدا ياڭ سەنشىڭ، مائېرلەنلەر باشچىلىقىدا باياندايدىكى خۇيزۇلار قوزغىلاڭ كۈتۈرىدۇ، بۇ قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خۇيزۇلار غۇلجا شەھرىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئابدۇرۇسۇلبەگ باش قوماندان بۇلۇش شەرتى بىلەن بۇ تەكلىپكە قۇشۇلىدۇ.

ئابدۇرۇسۇلبەگ مەخپى تەييارلىقلاردىن كىيىن، 1864-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى غۇلجا شەھرىدە قوزغىلاڭ كۈتۈرگەنلكىنى جاكارلايدۇ.  قوزغىلاڭچىلار شۇكۈنى غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. ئەتىسى مۇھىم ھەربى قورغان چىلپەڭزىنى ئىشغال قىلىپ، زور تۈركۈمدىكى قورال-ياراغ، ئوق -دورا، ماددى ئەشيالارنى غەنىمەت ئالىدۇ ھەمدە بايانداي قورغىنىغا يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئىلى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلارمۇ قوزغىلىپ، ئۇيەردىكى چىڭ قۇشۇنلىرىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ.  قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھرىنى مەركەز قىلغان ھالدا بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئادەم سانى 30 مىڭغا يېتىدۇ.  ئابدۇرۇسۇلبەگ ئەمىر باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىدۇ.

1865-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى قوزغىلاڭچىلار بايانداي قورغىنىنى ئىشغال قىلىدۇ.  ئارقىدىنلا كۈرە بىلەن سۈيدۈڭنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قورشاۋغا ئالىدۇ. ۋە تارباغاتايدىن ياردەمگە كەلگەن چىن قۇشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.  يۇلتۇزدىكى تورغاۋۇت ۋاڭلىرىنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن قۇشۇنىمۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بۇلىدۇ.  چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چاپچالدا تۇرۇشلۇق قۇشۇنى دەرھال بىتەرەپلىك ئېلان قىلىدۇ.  1866-يىلى 1-ئاينىڭ بېشىدا قوزغىلاڭچىلار بايانداينىڭ شىمالىدىكى شەندۇڭ جاڭزىسىنى، 1866-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كۈرە قەلئەسىنى ئىشغال قىلىدۇ.  ئىلى جىياڭجۈنى مىڭ رۈي ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.  سابىق جياڭجۈن چاڭ چىڭ ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئەسىرگە ئېلىنىدۇ.  4-،5-ئايلاردا چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈيدۈڭدە تۇرۇشلۇق قۇشۇنى تەسلىم بۇلىدۇ.  قورغاس جەڭ ئارقىلىق ئىشغال قىلىنىدۇ.  ئىلى خەلقى بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، ئاقسۆڭەك -پومېشچىكلارنىڭ يەر زېمىن، مال مۈلكى قوزغىلاڭچى دېھقانلارغابۆلۈپ بېرىلىدۇ.  قەرز ھۆججەتلىرى يىتىپ تاشلىنىدۇ.  يانچىلار ئازات قىلىنىدۇ.  ئېغىر باج-سېلىق، ئالۋان-ياساقلار بىكار قىلىنىدۇ.

قوزغىلاڭچىلار بايانداي قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقاندا، ئىلى جىياڭجۈنى مىڭ رۈي مەزەمزات ھېكىمنى تۈرمىدىن چىقىرىپ (مەزەمزات ئەسلىدە ئىلىنىڭ ھېكىمبېگى بۇلۇپ، 1864-يىلى ئۆستۈرمە سېلىقلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىدى، دىگەن باھانە بىلەن زىندانغا تاشلانغانىدى). تارتۇقلار بېرىپ، ئۇنى قوزغىلاڭچىلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئەۋەتىدۇ.  مەزەمزات قوزغىلاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرگەندىن كىيىن خەلق تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈشكە كىرىشىدۇ.

بايانداي ئۇرۇشى بۇلۇۋاتقان پەيىتتە، ئۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن خەلق بىررەھبەرلىك ئاپاراتى قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە قازى نەسرىدىن ئەلەمنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن كېڭەش مەجلىسى ئېچىلىدۇ.  مەجلىسكە نەسرىدىن ئەلەم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.  قۇرۇلتاي مەزەمزاتنى مەزەمخان ئۈنۋانى بىلەن خان قىلىپ تىكلەيدۇ.  ئابدۇرۇسۇل بەگنى ئەمىر، نەسرىدىن ئەلەمنى قازى كالان، شەۋكەت ئاخۇننى قازى ئەسكەر، موللا روزىنى مۇپتى قىلىپ، ئالاھەزەل سۇلتاندىن يۈز بېشىغىچىلىك ھەممە مەنسەپدارلارنى تەيىنلەيدۇ.  شۇنداق قىلىپ ئىلىدا دىنى ھاكىمىيەت -ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلىدۇ.  لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇلتانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەزھەپچىلىك، ھوقۇق تالىشىش كۈرۈشى ئەۋىج ئالىدۇ.  نەتىجىدە سۇلتان مەزەمزات ئەمىر ئابدۇرۇسۇلنى سۇيىقەسىت بىلەن ئۆلتۈرىدۇ.

1865-يىلى مۇھەممەت پوچى غوجا ( ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ) مەزەمزاتنى ئۆلتۈرۈپ سۇلتانلىقنى تارتىۋالىدۇ.  ئۇ ئۆزى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن خەلققە بارلىق بەگلەرنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ ۋە مۇھەممەت پوچىنىڭ قىلمىشى خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ.  ئارا ئۆستەڭلىك شەمسىدىن خەلپەم پۇرست تېپىپ مۇھەممەت پوچىنى ئۆلتۈرىدۇ.  ئۇنىڭ سۇلتان بولغان ۋاقتى ئاران 36 كۈن بۇلىدۇ. مۇھەممەت پوچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن غۇلجا شەھرىدە قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، موللا شەۋكەت ئاخۇن سۇلتانلىققا تەيىنلىنىدۇ.  موللا شەۋكەت سۇلتانلىققا ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئەمىر لەشكەر ئۇبۇلئەلاغا سۇمۇلدىكى شىبەلەرنى جازالاش بۇيرىقىنى چۈشۈرىدۇ.  ئۇبۇلئەلا 500 ئاتلىق ئەسكەرنى ئېلىپ قاراتام كېمىسى ئارقىلىق شىبە يېزىلىرىغا ئۆتىدۇ.  قۇشۇن سەككىز سۇمۇلدىن ئۆتۈپ، شىبە سەككىز تۇغ باش بۇغىسى جايلاشقان ئالتە سۇمۇلغا بارغۇچە ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايدۇ.  ئەمىر لەشكەرنىڭ چاپچال تەۋەسىگە ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان توقىلەك يۈزبېگى 300 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئېلىپ ئالتە سۇمۇلغا يېتىپ كىلىدۇ. توقىلەك يۈزبېگى ئۇبۇلئەلانىڭ شىبەلەرنى جازالاش مۇددىئاسىغا ئاشكارا قارشى تۇرىدۇ.  ئاشۇ جىددى پەيىتتە سەككىز تۇغ باشبۇغى قارماڭا ئۇبۇلئەلا بىلەن توقىلەك يۈزبېگىنى ئۆز مەھكىمىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇبۇلئەلا تەسلىم بۇلۇش شەرتىنى قۇيىدۇ. شىبە باشبۇغىسى قارماڭا بىرىنچى، ئىلى سۇلتانلىقىدىكىلەر شىبەلەردىن قىز ئالماسلىق، ئىككىنچى شىبەلەرنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلىماسلىق، ئۈچىنچى، ئۆز قەبىلىسىنىئۇرۇشقا سالماسلىق شەرتىنى قۇيىدۇ.  ئەمىر ئۇبۇلئەلا بۇ شەرتلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ.  نەتىجىدە شىبەلەر يۇقىرىقى شەرتلەر ئاستىدا تەسلىم بۇلىدۇ.  بۇ سورۇنغا شىبە ئايال سۇخا مېھمان كۈتۈشكە چاقىرتىلىدۇ.  ئۇبۇلئەلا سۇخاغا كۆز ئۈزمەي قارايدۇ.  بۇنى سەزگەن باشبۇغ قارماڭا كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكىدۇ. يۇقىرىقى شەرت بۇيىچە قان تۈكۈلمەي مەسىلە ھەل قىلىدۇ.  شىبە قۇشۇنى ئەمىر ئۇبۇلئەلا قۇشۇنىغا قۇشۇلىدۇ.  بۇ قۇشۇن ئىچىدە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە، ۋە ئاز -تولا رۇس تىلىنى بىلىدىغان فۇشەن ئىسىملىك بىر شىبە ياش بۇلۇپ، ئۇ ئەمىر ئۇبۇلئەلا يېنىدا تەرجىمان بۇلىدۇ.

سۇلتان موللا شەۋكەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا، مۇستەبىتلىكنى يولغا قۇيىدۇ.  ئۇ تولىمۇ قابىلىيەتسىزلىكى ۋە ئەمىر ئۇبۇلئەلا بىلەن بولغان زىددىيىتى سەۋەپلىك 1870-يىللىرى ئەتراپىدا قاش دەرياسى بويىدا، ھاكىمىيەت بېشىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ئورنىغا، ئەلا پالۋان « جاھان پالۋان، سۇلتان باھادىر غازى، ئۇبۇلئەلاخان » ئۈنۋانى بىلەن خانلىققا كۈتۈرۈلىدۇ. شىبە يىگىتى فۇشەن ئوردىدا ئۇبۇلئەلا يېنىدا بۇلىدۇ.  بۇ كۈنلەردە ئوردىدا زىددىيەتلەر ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ، سۈركىلىش ئېغىر بۇلىدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە فۇشەن ئوردىدىكى قورال-ياراق، ئەسكىرى كۈچ ۋە باشقا ئىشلارنى ئىگىلەيدۇ - دە، شىبە باشبۇغىسى قارماڭانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئوردا ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى دوكلات قىلىدۇ.  بۇ چاغدا قارماڭا تەسلىم بۇلۇش سورۇنىدا ئەمىر ئۇبۇلئەلانىڭ سۇخاغا تىكىلىشىنى ئويلاپ، تېخىمۇ كۆپرەك ماتىرىيالغا ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلدىغان سۇخانى ئېرىدىن ئاجرىتىپ ئەلا سۇلتانغاسوۋغا قىلىدۇ.  سۇخا شۇكۈندىن باشلاپ سۇلتان ئەلانىڭ يېنىدا بۇلۇپ، ئوردا ۋە سۇلتاننىڭ ئىچكى مەخپىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە تەرجىمان فۇشەن ئارقىلىق باشبۇغ قارماڭاغا يەتكۈزىدۇ.  (سۇخا سۇلتان ئۇبۇلئەلاغا تەگكەندىن كىيىن خەلق ئۇنى شىۋە سارىخان دەپ ئاتايدۇ ) ئۇلار مەسلىھەت قىلىشقاندىن كېيىن، فۇشەن ئوردىدىن چىقىپ چارروسىيىگە ئۆتۈپ، چارروسىيىدىكى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كونسۇلىغا سۇلتان ئەلانىڭ ئوردىسىكى ئىچكى سىرلارنى يەتكۈزىدۇ.  كونسۇل چارروسىيىنىڭ ئىلىغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ، ئىلى سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى باشلايدۇ. ( بۇ ئەھۋالنى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چارروسىيە كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان، رۇسچە بىلىدىغان تەرجىمان شىبە فىرانسىيىلىك بىر كونسۇل خادىمىگە سۆزلەپ بېرىدۇ، فىرانسىيىلىك دۆلىتىگە قايىتقاندىن كېيىن، بۇنىفىرانسۇز تىلىدا كىتاپ قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ.  بۇ كىتاپ كىيىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ.  رۇسچىدىن شۆمۈتۇڭ ئەپەندى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدۇ ).

ئەلا پالۋان سۇلتانلىق تەختىگە چىققاندىن كىيىن ھەردەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيدۇ.  جۈملىدىن موللا توختى ئاخۇننى ئەمىرلىككە كۈتۈرىدۇ.  كىيىن ئەلا سۇلتان بىلەن موللا توختى ئاخۇن ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىدۇ.  ئەخمەتخان غوجا( ئىلىدىكى چوڭ غوجا ) بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇلتانغا قارشى توپىلاڭ كۈتۈرىدۇ.  لېكىن توپىلاڭ تېزلىكتە بېسىقتۇرۇلىدۇ.  ئەخمەتخان غوجا بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن خۇيزۇئاتامانى ياگۇرنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ.  بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغانياگۇر ئىلىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت خەلپە بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ھەمدە ئەلاخان سۇلتاننىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى رەت قىلىپ، ئۇرۇش قوزغايدۇ.  نەتىجىدە ئەلاخان بىلەن ياگۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئۇيغۇرلار بلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللى قىرغىنچىلىققا ئايلىنىدۇ.  ئۇرۇشتا ياگۇر مەغلۇپ بۇلىدۇ، موللا شەۋكەت ئاخۇن بىلەن، ئەخمەتخان غوجا ئۆلتۈرۈلىدۇ. 

ئەلاخان سۇلتان ياگۇر ئۈستىدىن غەلبەقىلغاندىن كېيىن چارروسىيە ھۆكۈىمتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ.  چارروسىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ تېكەسكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ.  ئىلى سۇلتانلىقى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.  چارروسىيە 1869-يىلى چوڭ مازارغا ئەسكەر كىرگۈزىدۇ.

1870-يىلى 6-ئايدا تېكەسكە ئىككىنچى قېتىم ئەسكەر كىرگۈزۈپ پاراكەندىچىلىك سالىدۇ.  شۇيىلى 9-ئايدا مۇز داۋاننى بېسىۋېلىپ، ئىلى سۇلتانلىقىغا يولسىزتەلەپلەرنى قۇيىدۇ.  ئىلى سۇلتانلىقى بۇنداق يولسىز تەلەپلەرنى رەت قىلىدۇ ۋە مۇزداۋانغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.  ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ بۇنداق قاتتىق پۇزۇتسىيەسى چارروسىيىنىڭ قارا نىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارلايدۇ.  جۈملىدىن 1871-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى رەسمى قارار قىلىدۇ ھەمدە كالپاكوۋىسكىيىنى باش قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ بۇچاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا قازاق دالاسىدا چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۈتۈرۈلۈپ، چارروسىيە قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلىدۇ.  قازاق ئاتامانى تازبېك ئالبان قەبىلىسىنى باشلاپ ئىلىغا كېلىپ پاناھلىنىدۇ.  ئەلاخان سۇلتان ئۇلارنى توققۇز تارا تەۋەسىگە ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ.  

 چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلىغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىشى 

چارروسىيە دائىرىلىرى ئىلى سۇلتانلىقىدىن تازبېكنى چارروسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.  ئىلى سۇلتانلىقى تەلەپنى رەت قىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى سۇلتان ئەلاخانغا « ئەگەر سىلەر تازبېكنى تۇتۇپ بېرىشنى خالىمايدىكەنسىلەر، ئۇ ھالدا ساڭا ۋە سېنىڭ خەلقىڭگە پايدىسىز بۇلىدۇ.  بىز سىلەرگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىپلا قالماي، چۇقۇم سىلەرنىڭ يۇرتىڭلارنىمۇ ئىشغال قىلىۋالىمىز » دىگەن مەزمۇندا نوتا تاپشۇرۇپ تەھدىت سالىدۇ.  لېكىن ئەلاخان سۇلتان بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغايدۇ.  ئۇرۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چونجىنى بېسىۋالغان چارروسىيە قۇشۇنلىرى داۋاملىق شەرققە ئىلگىرلەپ تېكەسكە ھۇجۇم قىلىدۇ.  مۇز داۋاننى بېسىپ ياتقان چارروسىيە قۇشۇنلىرى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىنى بويلاپ كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ.  ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدا 5-ئاينىڭ 18-كۈنى چارروسىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان بۇرۇغچىر دىگە يەردىن يولغا چىقىپ، قورغاس دەرياسىغا قىستاپ كىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جەنۇپ ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى شەكىللىنىدۇ.  شىمالى تەرەپتە چارروسىيە ئەسكەرلىرى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مازارنى بېسىۋالىدۇ.  20-كۈنى ئىلى قۇشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى قورغاسقا چىكىندۈرىدۇ.  21-،22-كۈنلىرى دۈشمەننى ئاقكەنت ( ھازىرقى قازاقىستان چىگراسىدا ) گىچە قوغلاپ بارىدۇ.  جەنۇبى سەپتە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى دۈشمەن قۇشۇنىغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، 21-كۈنى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىگە چىكىندۈرۈلىدۇ.  26-كۈنى ئىلى ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ : چارروسىيە قۇشۇنلىرى ئۆز قۇشۇنلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلى سۇلتانلىقىدىكى تەسلىمىچىلەرنىڭ باشلىقى بېشىر بەگنى سېتىۋالىدۇ.  بېشىر بەگ ئىلى ئارمىيىسىنىڭ مەخپىيىتى ۋە باشقا ئىچكى سىياسى ئەھۋاللارنى چارروسىيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئىچكى جەھەتتە بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  1871-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چارروسىيە قۇشۇنلىرى چونجى بىلەن بۇرۇغجىر دىن بىرلا ۋاقىتتا كەتمەنگ ھۇجۇم قىلىدۇ.  ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بۇلىدۇ.  بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا ئىلى سۇلتانى ئەلاخان ھەم تازبېكلەرمۇ بىۋاستە قاتنىشىدۇ. ، لېكىن ئىلى ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بۇلۇپ، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەتمەن قولدىن كېتىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چارروسىيە قۇشۇنلىرى غۇلجا شەھرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ.  بۇ چاغدا ئىلىدىكى ئۇيغۇر قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، خەنزۇ، شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەشكىللىنىپ، چارروسىيىگە قارشى سەپ تۈزىدۇ.  لېكىن قوماندان تەنشىڭ ئۈلۈمدىن قورقۇپ چىكىنگەنلىكتىن، قورغاسقىچە بولغان يەرلەر قولدىن كىتىدۇ.  6-ئاينىڭ 30-كۈنى چىڭسىخوزا ( سۈزۈكسۇ ) قولدىن كىتىدۇ.  7-ئاينىڭ 1-كۈنى چارروسىيە قۇشۇنلىرى سۈيدۈڭگە ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە تەسلىمىچىلەرنى قۇترىتىپ، خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرىسىدا مىللى ىرغىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.

ئىچكى جەھەتتە تەسلىمىچىلىك، ئىتتىپاقسىزلىق، قىرغىنچىلىق، تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك ئىمپېرىينىڭ تاجا ۋۇزى ئاستىدا ئەلاخان سۇلتان تەسلىم بۇلۇشقا مەجبۇر بۇلىدۇ.  چارروسىيە ئىلىنى قوراللىق بېسىۋالىدۇ.  1871-يىلى چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئەلاخان سۇلتاننى ئائىلىسى بىلەن چارروسىيگە ئېلىپ كىتىدۇ.  سۇلتان ئۇبۇلئەلاخان ئۈچ يىل روسىيە تەۋەسىدە تۇرغاندىن كىيىن روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ روخسىتىنى ئېلىپ غۇلجا شەھرىگە قايتىپكىلىدۇ ۋە 1874-يىلى ۋاپات بۇلىدۇ.  ئۇنىڭ جەسىتى غۇلجا شەھرى ئىچىدىكى « تېرەك بۈزرۈكۋار » غا قۇيۇلىدۇ.

چارروسىيە ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كىيىن ئىلى دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئىككى رايۇن تەسىس قىلىدۇ.  ھەمدە غۇلجا شەھرىنى شىمالى رايۇننىڭ مەركىزى، قاينۇقنى جەنۇبى رايۇننىڭ مەركىزى قىلىپ بەلگىلەپ، ئىككى رايۇندا 14 بولۇش تەشكىل قىلىدۇ.  بېشىر بەگنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ.  ھەرەمباغ ۋە سايبويىمەھەللىسىدە ھەربى گازارما قۇرۇپ، رەسمى مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەيدۇ.

1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى يوقىتىلغاندىن كىيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ بېسىمى ۋە زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى ھەربى گۇرۇھنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، ئىلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چارروسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىدۇ.  1878-يىلى 12-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى چىڭ خۇنى سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ روسىيىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجە چىقىرالمايدۇ.  1880-يىلى يەنە چىڭ ھۆكۈمىتى زىڭ جىنى چارروسىيىگە سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتىدۇ.  ئىككى يىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 1881-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى « جۇڭگو روسىيە ئىلى شەرتنامىسى » ئىمزالىنىدۇ.  بۇ تەڭسىز شەرتنامىگە ئاساسەن قورغاس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلار چارروسىيىگە بۈلۈپ بېرىلىدۇ.  ئىلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش بەدىلىگە 9 مىليۇن رۇبلى تۆلەم تۆلىنىدۇ.  لېكىن، چارروسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ ھۆكۈمىتىگە مەجبۇرى تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىدا « تەڭرىتاغنىڭ ئاساسى غول ئومۇرتقىسى چىگرا سىزىقى قىلىنىدۇ» دەپ ئۇچۇق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ بەلگىلىمىگە خلاپ ھالدا چىگرا سىزىقنىڭ جەنۇبىدىكى گۈڭگۈرىتلىق تاغنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ.

ئىككى يىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 1881-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى « جۇڭگو روسىيە ئىلى شەرتنامىسى » ئىمزالىنىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

شىنجاڭ يېقىقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر كىتابىدىن ئېلىنغان.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#