شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان بىر يېزا ئىگىلىك ئالىي مەكتەپ، ئۇنىڭ ئاساسى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، گېنېرال ۋاڭ جېن 1952 - يىلى قۇرۇلغان تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپ. 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى نامىنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قىىشقا تەستىقلىغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1952-يىلى
داڭلىق مەكتەپداشلار ۋېن كېشياۋ، لى دوڭخۇي، ماسەيمېن
ئادرېسى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى يېزا ئىگىلىك دادۇڭ يولى 311 - نومۇر
مەكتەپ مۇدىرى لو چيۇجياڭ
خەنزۇچە نامى 新疆农业大学
مەسئۇل تارماق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى
مەكتەپ تۈرى ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسىتېتى
فاكۇلتېتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، ئورمانچىلىق ئىنستىتۇتى، سۇ ئىنشائاتلىرى ۋە ئاممىۋىي قۇرۇلۇش ئىنسىتىتۇتى، ماشىنىسازلىق قاتناش ئىنستىتۇتى، ئوتلاقچىلىق ۋە مۇھىت ئىلمى ئىنستىتۇتى، ھايۋانات پەنلىرى ئىنستىتۇتى، ھايۋانات تېببىي ئىنستىتۇتى
توربېكىتى http://www.xjau.edu.cn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىشىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايون قارمىقىدىكى ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نەنچاڭ يولى 42-نومۇرغا جايلاشقان. گېنىرال ۋاڭ جىن قۇرغان ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 2-پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپى ئاساسىدا 1952-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى «1-ئاۋغۇست ئىنستىتۇتى» بولۇپ قۇرۇلغان. 1995-يىلى سابىق مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1010000 كۋادرات 

مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 100953 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ شتاتى 1892. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەكتەپتە تەبىئىي پەن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد، باشقۇرۇش قاتارلىق دەرسلىكلەر بىر گەۋدە قىلىنغان، دوكتور، ماگىستىر ئاسپىرانتلار مائارىپىدىن باشلاپ تولۇق، مەخسۇس كۇرس مائارىپى، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ، چوڭلار مائارىپى قاتارلىق كۆپ قاتلاملاردىن شەكىللەندۈرۈلگەن ئالىي يېزا ئىگىلىك مائارىپ سىستېمىغا ئايلانغان. ھازىر يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، ئورمانچىلىق ئىنستىتۇتى، چارۋىچىلىق ئىنستىتۇتى، سۇ ۋە تۇپراق قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتى، ماشىنىسازلىق قاتناش ئىنستىتۇتى، ئىقتىساد سودا ئىنستىتۇتى، چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى، يېمەكلىك ئىلمىي فاكۇلتېتى، باغۋەنچىلىك، مۇھىت بايلىقى فاكۇلتېتى، كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى، خەنزۇتىلى بۆلۈمى، چەتئەل تىلى بۆلۈمى، بىئولوگىيە ئاساسىي بۆلۈمى، ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمى، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى قاتارلىق يەتتە ئىنستىتۇت ۋە توققۇز فاكولتېت، بۆلۈملەر، بىر دوكتور تەربىيىلەش نۇقتىسى ۋە 24 ماگىستىر تەربىيلەش نۇقتىسى، 45 تولۇق، مەخسۇس كۇرس كەسپىي بەرپا قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى، ئوتلاق ئىلمىي ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسىپ ھېسابلىنىدۇ.1999-يىلدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار سانى 7000 دىن كۆپرەككە يەتكەن. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچى 2000 دىن كۆپرەك(ئوقۇتقۇچى 704 نەپەر) ، بۇنىڭ ئىچىدە پروفېسسور 51 نەپەر، دوتسىنت 222 نەپەر، لىكتور 301 نەپەر، مىللىي ئوقۇتقۇچى 38 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكىنى 30 نەپەر، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكىنى 173 نەپەر، پۈتۈن مەكتەپتە 15تەتقىقات ئورنى ۋە 70 نەچچە تەجرىبىخانا بار. 46620000 كۋادرات مېتىر پراكتىكا ئورمانچىلىق مەيدانى، 2670000 كۋادرات مېتىر تەجرىبە يېزا ئىگىلىك مەيدانى، 20 گە يېقىن پراكتىكا مەيدانى(زاۋۇتى) ۋە سىرتقا قارىتا ئىشلەپچىقىرى پراكتىكا بازىسى بار. كۇتۇپخانىدا 320000 پارچە كىتاب ساقلانماقتا. مەكتەپ تورى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ مەملىكەتلىك «863» بىئولوگىيىلىك تېخنىكا ساھەسىدىكى زور تەتقىقات تۈرىدىن بىرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. دۆلەتنىڭ «توققۇزىنچى بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى» پاختا، ئاشلىق، ئوتلاق ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق تەتقىقات تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان. دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى ياردەم تۈرىدىن 20 نى ئۈستىگە ئالغان. نۆۋەتتە دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېڭى پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش مۇلازىمەت تۈرىدىن 92 نى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تۈرىدىن بەشنى، جۇڭگو چەت ئەل ھەمكارلىق تۈرىدىن تۆتنى، دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانا تۈرىدىن بىرنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا كومىتېتى قاتارلىق ھەرقايسى نازارەت ئىدارە تۈرىدىن 69 خىلنى ئۈستىگە ئالغان. پەن تەتقىقات تۈرلىرى ئىچىدە 11 خىل تۈر ئاپتونوم  رايون دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا، بەش خىل تۈر يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇكاپاتىغا، ئىككى خىل تۈر يۇمشاق ئىلىم مۇكاپاتىغا، ئالتە خىل تۈر ئىجتىمائىي پەن مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان تۈرلەر 18 خىلغا يەتكەن. بۇ مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان كىۋەزنى قىسقا، زىچ ۋە بالدۇر يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى، تاۋۇز ئۇرۇقىنى يىتىشتۈرۈش، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي بېقىش قاتارلىق تەتقىقاتلار ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك-چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1997-يىلدىكى تەتقىقات تەرەققىيات نەتىجىسى مەملىكەتلىك 593 تولۇق كۇرسلۇق ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە 138-ئورۇندا، 46 يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى ئىچىدە 13-ئۇرۇندا، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلار 40 مىڭدىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىشىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان بىر يېزا ئىگىلىك ئالىي مەكتەپ، ئۇنىڭ ئاساسى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، گېنېرال ۋاڭ جېن 1952 - يىلى قۇرۇلغان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپ. 1995-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى نامىنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قىىشقا تەستىقلىغان. 

1954 - يىلى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ئايرىپ بېرىلدى، 1958 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 

1959 - يىلى، شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق ئىككى سىستېما قوشۇۋېتىلىپ، شىنجاڭ « 1 - ئاۋغۇست » يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى قىلىنغان.

1979 - يىلى، قەشقەر يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى قوشۇۋېتىلىپ، شىنجاڭ « 1 - ئاۋغۇست » يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى بولغان. 

1995-يىىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەت مائارىپ كومىتېتى نامىنى  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىغان. 

2006 - يىلى تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر بولغان. 

2012 - يىلى غەربىي قىسىم ئالىي مەكتەپ ئۇل قۇرۇلۇشى ئىقتىدارى قاتارىغا كىرگەن. 

2013 ـ يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلارنى تەربىيەلەش پىلانىدىكى ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 

2014 ـ يىلى 5-ئايدا، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالاھىدە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى ئىسلاھات نۇقتىسىدا سىناق قىلىشتىكى نوقتىلق ئالىي مەكتەپ.  

ئىنستىتۇت ۋە فاكۇلتېت كەسپىي 

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى2014-يىلى 12-ئايدا، بۇ مەكتەپتە 15 كەسپىي ئىنستىتۇت، بىر خەلقئارا مائارىپ ئىنستىتۇتى ۋە ـ سىياسىي ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش بۆلۈمى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان. 62 كەسپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت كونترول قىلغان كەسىپتىن ئۈچ، ئالاھىدە كەسىپتىن 4 ى تەسىس قىلىنغان. يېزا ئىگىلىك، فىزىكا، قۇرلۇش، ئىقتىساد، باشقۇرۇش، ئەدەبىيات، قانۇن يەتتە پەندە تۈرى، يېزا ئىگىلىك ئىلمى كەسپىدىن 15، تەبىئىي پەنلەر تۈرىدىكى كەسپتىن توققۇز، سانائەت پەنلىرى كەسپىدىن 20 سى، ئىقتىسادشۇناسلىق تۈرى كەسپىدىن ئىككى، باشقۇرۇش ئىلمى كەسپىدىن 12، ئەدەبىيات كەسپىدىن3 ، قانۇنشۇناسلىق كەسپىگە دائىردىن بىرسى تەسىس قىلىنغان. 

ئوقۇتقۇچى بايلىق كۈچى 

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى2014-يىلى 12-ئايغىچە، مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى 510 نەپەر، سىرتتىن تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى 190 نەپەر، مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە پروفېسسور 115نەپەر، دوتسېنت 297 نەپەر، لېكتور 372؛ 213 نەپەر دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلار، ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر 443 نەپەر. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە 10 نەپىرى ش ئۇ ئا ر داڭلىق ئۇقۇتقۇچى دېگەن نامغا ئېرىشتى، 6 نەپەر ش ئۇ ئا ر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ماھىرى دېگەن نامغا ئېرىشتى، بىر نەپەر باۋشەن پولات - تۆمۈر مائارىپ فوندى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 

پەن قۇرۇلۇشى 

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى2014-يىلى 12-ئايغىچە، بۇ مەكتەپنىڭ  ئۆز ئىچىگە ئالغان كەسپىلىرى يېزا ئىگىلىك، فىزىكا، قۇرلۇش، ئىقتىساد، باشقۇرۇش، ئەدەبىيات، قانۇن قاتارلىق يەتتە چوڭ پەن تۈرى. قۇرۇلۇش ئالتە پوستدوكتورلۇق پەن - تەتقىقات سەييارە پونكىتى، ئالتە بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەر دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى، 19 دانە 2- دەرىجىلىك پەنلەر دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى، 18 دانە بىرىنچى دەرىجىلىك پەنلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا بېرىش ھوقۇق ئورۇن،  74 دانە 2 - دەرىجىلىك پەنلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ھوقۇق نۇقتىسى، تۆت كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپارانتلىق ئۈنۋانى بېرىش ئورنى، ئالتە قۇرۇلۇش ماگىستىرى ئورنى، 12 يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ماگىستىر ئىلمىي ئۇنۋان، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەندىن بىرسى، دۆلەت ئورمانچىلىق باش ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق پەندىن بىرسى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پەندىن 10 ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈش پەندىن بىرسى بار. 

ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى 

2014-يىلى 12-ئايغىچە، بۇ مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش يەتتە تولۇق كۇرس كەسىپلىرى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە كەسىپ قۇرۇلۇشى نۇقتىسى، 11 تولۇق كۇرس كەسىپلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلەر ئىھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، مائارىپ مىنىستىرلىقى پاختا قۇرۇلۇشى مەركىزىدىن بىرى  قۇرلۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزىدىن بىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەجرىبە ئوقۇتۇش ئۈلگە مەركىزىدىن يەتتىسى، تور دۆلەت نادىر ۋىدىئو ئوچۇق دەرسلىكتىن 3 تۈر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەرخىل دەرسلىكتىن 19 تۈر. 

ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق 

2014-يىلى 5-ئايدا تور بېكىتىدە كۆرسىتىلىشىچە ئاساسلانغاندا، بۇ مەكتەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلى، بايىنغولىن ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، خوتەن، سانجى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا « پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش كېلىشىمى » ئىمزالاپ، جايلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش ۋە پەن - تېخنىكا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ئېلىپ باردى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى، شىڭتىيەن گۇرۇھى شىركىتى، تيەنكاڭ گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلار بىلەن پەن تەتقىقاتتا ھەمكارلىق ئورناتتى. 

پەن تەتقىقات سۇپىسى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى2013 - يىلىغا قەدەر، ئۆلكە ۋە مىنىستىرلىق بىرلىكتە قۇرغان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن بىرسى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك ئىلمىي كۆزىتىش تەجرىبە پونكىتىدىن بىرسى، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 7سى بار. جەمئىي يەتتە تەتقىقات ئورنى، بۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپ دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنىدىن 3 ( ئوتلاقچىلق تەتقىقات ئورنى، ئورمانچىلىق تەتقىقات ئورنى، ئات كەسپى تەتقىقات ئورنى )، ئاكادېمىيە دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنىدىن تۆت ( قۇرغاق رايونلاردا تۇپراق - ئوغۇت تەتقىقات ئورنى، قۇرغاق رايوننىڭ چۆل – تەتقىقات ئورنى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك تەتقىقات ئورنى ). ھەرقايسى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنستىتۇتى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مېۋىلىك دەرەخ تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىنغان، قوغۇن - تاۋۇز تەتقىقات ئورنى، قۇرغاق رايون ئۆسۈملۈك تەتقىقات مەركىزى، ماددى ئەشيا توشۇش قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق تەتقىقات ئورنى ( مەركىزى ) بار. 

قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى 

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى2006-يىلدىن 2013-يىلغىچە، بۇ مەكتەپ جەمئىي 562 تىك يۆنىلىشلىك تەتقىقات تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت پەن - تېخنىكا تۈرىدىن 5 نى، دۆلەت پەن - تېخنىكا تىرەك پىلانىدىن 22 تۈر، 236 مىليون يۈەنگە يېقىن. رىياسەتچىلىكى ياكى قاتنىشىشى بىلەن تاماملانغان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى، مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 60 تۈرلۈك مۇكاپات، بۇنىڭ ئىچىدە 2 تۈر دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا 6 تۈر، ئاپتونوم رايونلۇق پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى بويىچە 3 تۈر بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. 12 خىل سورت بېكىتىشتىن ئۆتكەن، 81 تۈر پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 

ساقلانما بايلىقى 

كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىدا ساقلانغان ماتېرىياللار 100 مىڭ نۇسخىدىن ئارتۇق، ژۇرنال 2200 خىلدىن 

ئارتۇق، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن 15 بار. 

دۆلەت بويىچە 2 - دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى بېكىتىشتە يېڭى بېكىتىلگەن ئورۇن ( 1995 - يىلى )، ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى نەشر بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلاش سارىيى ( 1997 - يىلى )، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ رەقەملىك كۇتۇپخانا خەلقئارا ھەمكارلىق پىلان تۈرى شىنجاڭ مۇلازىمەت مەركىزى ( 2010 - يىلى ) ۋە شىنجاڭ ئاز ساندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھۈججەت بايلىقىنى رەقەملەشتۈرۈشتىكى پىششىقلاپ ئىشلەش مەركىزى. 

ئىلىم ژۇرنىلى 

« شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى »، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئاشكارا تارقىتىلغان يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال ئىلمىي ژۇرنال. 

1965 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، 2004 - يىلى جۇڭگو پەن - تېخنىكا مەركىزى قەرەللىك ژۇرنال قاتارىغا كىردى . 2008 - يىلى، « جۇڭگو مۇھىم قەرەللىك ژۇرناللارنىڭ ئومۇمىي مۇندەرىجىسى » ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك ئىلمىي تۈرىدىكى مەركىزى قەرەللىك ژۇرنال.

مەكتەپ ئىزنىكىدە، بىر كۆتۈرۈلۈپ چىققان قۇياش، مەكتەپ ئىسمىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە سىمۋول قىلىنغان. 

پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى : لى باۋ چېڭ 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى : لو چيۇجياڭ 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى : جاڭ جيې، زەينەپ نېغمەت

مۇئاۋىن مۇدىرى : جاۋ جى يۈەن، سۇلايمان ياسىن، گاۋ فاشۈي، ۋاڭ چاڭشىن، جياڭ پىڭئەن، يېمىن، تاھىر روزى 

نازىر دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى :لىيۋۋېي  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    33.3%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#