كانادادىكى سەيلىگاھلار

كانادادىكى سەيلىگاھلار

كانادادا كىنكاردىن سەيلىگاھى، ھۇرون كۆلى، نىياگارا شارقىراتمىسى، برۇسې يېرىم ئارىلى دۆلەتلىك باغچىسى قاتارلىق سەيلىگاھلار بار. 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كانادادا كىنكاردىن سەيلىگاھى، ھۇرون كۆلى، نىياگارا شارقىراتمىسى، برۇسې يېرىم ئارىلى دۆلەتلىك باغچىسى قاتارلىق سەيلىگاھلار بۇلۇپ، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، ھاۋاسىنىڭ ساپلىقى بىلەن كىشىگە ئىستىتىك زوق ۋە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. 

كىنكاردىن

كىنكاردىن شەھىرى ھۇرون كۆلى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، 200 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، قويۇق ئەنگلىيە پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ شەھەر كۆل بويىغا قۇرۇلغان بولغاچقا، كۆلگە يېقىن سېلىنغان ئۆيلەر قەدىمىي، شەھەر كوچىلىرىمۇ تار. كونا ئۆيلەر ياغاچتىن سېلىنغان بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ سىرتى خىش بىلەن ئورالغان، بۇ ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرى تار، نەپىس. بەزى ئۆيلەرنىڭ سىرتىغا چىرايلىق ئويمىلار ئويۇلغان. كىنكاردىن شەھىرىنىڭ سودا كوچىسى كىشىگە قەدىمىي تۈس بېرىدۇ.

ھۇرون كۆلى

ھۇرون كۆلىھۇرون كۆلى شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆل ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھۇرون كۆلىنىڭ كۆلىمى 60 كىۋادرات كىلومېتىر، كۆلنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 176 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 229 مېتىر.

نىياگارا شارقىراتمىسى

نىياگارا شارقىراتمىسىنىياگارا دەرياسى شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆل ئىچىدىكى ئېرى كۆلىنىڭ ئونتارىئو كۆلى بىلەن تۇتىشىدىغان سۇ يولى، ئۇ شىمالىي ئامېرىكىدىن ئېقىپ كېلىپ، كانادا بىلەن تۇتاشقان جايدىكى چوڭ جىلغىدا دۇنياغا داڭلىق نىئاگارا شارقىراتمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. نىئاگارا شارقىراتمىسى ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، بىر قىسمى ئامېرىكىغا، بىر قىسمى كاناداغا جايلاشقان. كانادا تەۋەسىدىكى قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى 52 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 750 مېتىر بولۇپ، شەكلى ئات تاقىسىغا ئوخشايدۇ. ئىككى ئۇچى ئارىسىدىكى ئارىلىق 400 مېتىر كېلىدۇ.

برۇسې يېرىم ئارىلى دۆلەتلىك باغچىسى

برۇسې يېرىم ئارىلى دۆلەتلىك باغچىسى كانادادىكى 39 دۆلەتلىك باغچىنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 154 كىۋادرات كىلومېتىر. باغچا نىئاگارا يارى، جورجى پورتى كۆلى ۋە ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي ئورمانلىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. بۇ يەردە بىرمۇ مېھمانساراي، كۆڭۈل ئېچىش سورىنى، ھەتتا ئەخلەت ساندۇقىمۇ يوق. برۇسې يېرىم ئارىلىنى ئىپتىدائىي ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ، غەرب، شىمال، شەرق تەرىپىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ سۈزۈك كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ، 200 كىلومېتىرغا يېقىن دېڭىز ياقىسى سىزىقى ئەتراپىدا 30 نەچچە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى بار، كۆلنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ يەر شەكلى تۈز، شىمالىي قىرغىقى پورت ۋە ئارال، شەرق تەرىپى تىك يار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#