ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەپ ياسالغان ئالاھىدە بىر «كارىۋات» بولۇپ، ئۇ «بۆشۈك» دەپ ئاتىلىدۇ. بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى، ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بۆشۈك
خەنزۇچە نامى 维吾尔族摇篮

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئادەتتە بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش نەچچە سانتىمېتر، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتر ئەتراپىدا، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتر ئەتراپىدا بولۇپ پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا ھەتتا بىر تال تۆمۈر مىخمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۆشۈكنىڭ لايىھىلىنىشى جەھەتتىن، ئۇ ئىشلىتىش ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تولىمۇ مۇۋاپىق بولۇشتىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى كۆركەم ۋە نەپىسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇنى يەنە بىر خىل گۈزەل-سەنئەت بۇيۇمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار بۆشۈككە بىر خىل مۇقەددەس ئېرىمىلىق نەرسە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىشتىن ئىلگىرى «بۆشۈك توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مۇراسىم بالا تۇغۇلۇپ قىرقى توشقىچە ئارىلىقتا بولىدۇ. يەنى بوۋاق ھاياتقا كۆز ئاچقاندىن كېيىنلا «كىندىكئانىسى» بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدۇ. «كىندىكئانىسى» نىڭ قولى يەڭگىل بولسا بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە كىندىك يارىسى ساقىيىپ كېتىدۇ. بۇ «كىندىكى چۈشتى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بالىنى بۆشۈككە سالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا، بالىنى بۆشۈككە سېلىش بىر خىل ئېرىمىلىق ئادەت تۈسىنى ئالغاچقا، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بۆشۈك ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش يېڭى جابدۇقلىرى تەييارلىنىدۇ. بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم «بۆشۈكئانىسى» تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، بالىنىڭ «بۆشۈكئانىسى» نىڭ ئۇدۇمىنى ئېلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. خەلق ئارىسىدا «بۆشۈكئانىسى» ، «ئېرىمچى» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىنىدۇ. «بۆشۈكئانىسى» بالىغا تەييارلىغان بۆشۈكنى قىبلە تەرەپكە قويۇپ، دۇئا-تەكبىر قىلغاندىن كېيىن، بۆشۈكنى رەت تەرتىپى بويىچە راسلاشقا باشلايدۇ. ئالدى بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىكى ئويۇقچىغا جاك(كۈلتۈك) نى ئورنىتىدۇ. جاكنىڭ تۆشۈككە تۇتاشقان يۈزىگە جاك تۇمىقىنى كىيدۈرىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تەرىپىگە ئون بەش سانتىمېتر كۋادرات چوڭلۇقتا تۆت دانە تىز ياستۇق قويۇلىدۇ. ئۈستىگە بۆشۈكنىڭ چوڭلۇقىغا «ئوردا» (جاكقا ئۇدۇل قىلىپ تۆشۈككە قويۇپ تىكىلگەن پاختىلىق كۆرپە) قويۇلىدۇ. ئودىنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق پاختىلىق كۆرپە(بۇ ئادەتتە ئىككى پارچە بولىدۇ) سېلىنىدۇ ۋە زاكا(كىرلىك) بىلەن ئورىلىدۇ. باش تەرىپىگە بوۋاققا ماس كېلىدىغان كىچىك ياستۇق قويۇلىدۇ. ئاستى تەرەپ تەكشى بولغاندىن كېيىن، «بۆشۈك ئانىسى» بوۋاقنى يالىڭاچىلاپ، بەدەنلىرىنى يۇمشاق سىيلاپ ئېرىم قىلىدۇ ۋە ئاۋايلاپ بۆشۈككە سالىدۇ. ئاندىن جاكقا توغرىلاپ شۈمەك(ياغاچتىن نەيچە قىلىپ ياسالغان سۈيدۈك يولى ئېغىزى) سالغاندىن كېيىن، ئىككى پۇتىنى تۈزلەيدۇ ۋە يۆگەك بىلەن مەھكەم ئورايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىككى تىزىغا «تىزلىق» كۆرپە قويۇپ، پۇت تارتقۇ(بىر سويام كەڭلىكتە ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلگەن رەخت كاشا) بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىن ئايلاندۇرۇپ چىگىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالىنىڭ قورساق ۋە كۆكرەك تەرىپىمۇ يۆگەك بىلەن چۈمكىلىدۇ. ئىككى قولنى بالىنىڭ بىقىنىغا تەكشى رۇسلاپ، ئىككى جەينىكىگىچە جەينەكلىك قويۇپ «قولتارتقۇ» (پۇتتارتقۇغا ئوخشىشىدۇ) بىلەن تېڭىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنى بۆشۈككە بۆلەش ئاخىرلىشىدۇ. بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە بوۋاققا دائىم ھەمراھ بولسۇن دەپ، بۆرە ئوشۇقى ياكى بىر پارچە نان ئېسىپ قويىدۇ. قاپارتما نەقىشلىك قىلىپ ياسالغان بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىكى گورىزونتال ياغاچ(بۆشۈك تۈرمىلى) قا بالىنى يامان كۆزىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئېرىمىلىق تۇمار ئېسىلىدۇ ۋە بەزىدە كۆز مۇنچاق مارجان بېكىتىلىدۇ. بۆشۈكنىڭ ئۈستىگە رەڭلىك ئېسىل رەختلەردىن ياسالغان «بۆشۈك ياپقۇ» يېپىلىدۇ. بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە ئوغۇل بالا بولسا تىغ(پىچاق) ، ئەگەر قىز بالا بولسا ئەينەك قىستۇرۇپ يېپىلىدۇ. بۇ بالىنى «قارا بېسىپ قالماسلىق» نىڭ ئېرىمىدۇر. تۇنجى قېتىم بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ بولغاندىن كېيىن، «بۆشۈكئانىسى» ئادراسمان ياكى ئالما قېقى(بىر چىمدىم يىرىك تۇز قوشۇلىدۇ) بىلنە ئىسرىق سېلىپ، بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىن توققۇز قېتىم ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىغا چاپلىشىۋالغان «يامان روھ» لارنى قوغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆشۈككە سېلىش مۇراسىمى ئاياغلىشىدۇ.

بۆشۈكنىڭ ياسىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بالىنى بۆلەش مۇئەييەن ئىلمىي قائىدىگە ئاساسلانغاچقا، ئۇ مەلۇم ئەۋزەللىككە ئىگە:

بىرىنچىدىن، بالىنىڭ ياتقان ئورنى پاكىز بولىدۇ. چۈنكى، بالىنى ھەر قېتىم بۆشۈككە سېلىشتىن بۇرۇن، بۆشۈك كۆرپىلىرى ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ياكى ھاۋالاندۇرۇلىدۇ. بالىنىڭ ئاستى ھۆل بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال سادىر بولمايدۇ. بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتى خۇددى يەر ئاستى پاسكىنا سۇ تۇرۇبىسىدەك تەبىئىي ھالدا جاكقا قويۇلىدۇ. ئىككىنچىدىن، بالا ئېچىلىپ قېلىپ، سوغۇق تېگىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، كېچىلىرى ئانىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغا ۋە دەم ئېلىشىغا پايدىلىق پۇرسەت يارىتىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، بالىنىڭ فىزىنومىيە جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈشىگە پايدىلىق، چۈنكى، ئادەمنىڭ بوۋاق مەزگىلى خۇددى يۇمران نوتىغا ئوخشىشىدۇ، بۆشۈككە بۆلەشتە بالىلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئېلىنىپ، قول، پۇت ۋە بەدەن رۇسلاپ قائىدىلىك تېڭىلغاچقا، بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك ئۆسىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، بۆشۈك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇم بولۇپ، مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، بۆشۈك تەۋرەتمىگەن ئانىلارنى تېپىش تەس. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەڭ كەڭ تارقالغان «ئەللەي ناخشىسى» (بۆشۈك ناخشىسى) ئەمەلىيەتتە خەلقىمىزنىڭ بۆ شۈككە بولغان قەسىدىسىدۇر. 

بىرىنچى،

بۆشۈك بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆلچەملىك يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

ئىككىنچى،

بۆشۈككە بۆلەنگەن بالىدا ئاسانلىقچە ئۆپكىسى شامالداپ قالىدىغان، زۇكام بولىدىغان، تولا چۈشكۈرۈپ، شالى ئاقىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەيدۇ.

ئۈچىنچى،

بۆشۈك جابدۇقلىرى قەرەللىك ئاپتاپقا سېلىنىپ قۇرۇق ھەم ئىسسىق ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بوۋاقلاردا ھۆلدە يېتىپ قالىدىغان، سوغۇق ئەڭگىزى ئېشىپ، يولا جاراھەت چىقىدىغان، قەغىشلىك قىلىپ، باققۇچىسىنى ئارام ئالدۇرمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.

تۆتىنچى،

بوۋاق ئۈچۈن ئارام ئېلىش، ھوزۇرلىنىشتۇر. بۇۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەپ،«ئەللەي ناخشىسى»نى لەرزان ئېيتىپ سىيلىق تەۋرىتىپ بەرسى ،ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ. قارارلىق، نورمال ئۇيقۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بەشىنچى،

بۆشۈك بوۋاقنىڭ بوغۇم-ئۈگىلىرىنى، مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#