تەبلىۋاز

تەبلىۋاز
تەبلىۋاز قەدىمكى دۇمباق تىپىدىكى چالغۇلارنىڭ ئەزاسى. ئۇيغۇر قەدىمىي مىللىي چالغۇ ئەسۋابى.
ئۇيغۇرچە نامى تەبلىۋاز
تۈرى چالغۇ ئەسۋابى
تەۋەلىكى دۇمباق تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەبلىۋازتەبلىۋاز _ قەدىمكى دۇمباق تىپىدىكى چالغۇلارنىڭ ئەزاسى. دۇمباق ئىنسانلار تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن كەشىپ قىلىنغان ۋە تارىختىكى خىلمۇخىل چالغۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس ياراتقان.

تەبلىۋاز دۇمباق تىپىدىكى ئەڭ قەدىمكى سوقما چالغۇ بولۇپ، ئەينى زامانلاردا ئۇنىڭ جەڭ تەبلىۋىزى ۋە نەغمە تەبلىۋىزىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلى بولغان. جەڭ تەبلىۋىزى ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلگەن. ئۇ كۆپىنچە بويۇنغا ئېسىپ ئالدىغا توغرىسىغا ساڭگىلىتىش بىلەن ئىككى قول ئارقىلىق ئىككى تەرەپتىن ئۇرۇپ، مېڭىپ تۇرۇپ چېلىناتتى ۋە تەنتەنە قىلىشقا ئىشلىتىلەتتى. نەغمە تەبلىۋىزىنى چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، تېقىمىغا يانتۇ قويۇپ، ئىككى قول بىلەن ئىككى تەرىپىدىن ئۇرۇپ چېلىش ئارقىلىق مۇزىكا – ئۇسسۇللارغا تەڭكەش قىلىنغان.

چوڭ تەبلىۋازلارنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 35 سانتېمىتىر، چوڭ بېشىنىڭ دىئامېتىرى25 سانتىمېتىر كېلىدۇ. كىچىك بېشىنىڭ دىئامېتىرى 20 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ. تەبلىۋازلارنىڭ چوڭ–كىچىك ھەمدە ئىككى تەرەپتىن ۋە بىر تەرەپتىن ئۇرۇپ چېلىندىغان ئىككى خىل شەكلى بار. ئىككى تەرەپتىن چېلىندىغانلىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى ئوخشاش ياسىلىپ تېرە كېرىلىدۇ. بىر تەرپتىن چېلىندىغانلىرىنىڭ بىرلا تەرىپى چوڭ، بىرلا تەرىپى چوڭ، يەنە بىر تەرىپى كىچىكرەك ياسىلىپ، چوڭ تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ. ھازىرقى تەبلىۋازلارغا ئاساسەن ئات ۋە ئېشەك تېرىلىرى قاپلىنىدۇ.

ئىككى تەرەپتىن چېلىندىغانلىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى ئوخشاش ياسىلىپ تېرە كېرىلىدۇ. بىر تەرپتىن چېلىندىغانلىرىنىڭ بىرلا تەرىپى چوڭ، بىرلا تەرىپى چوڭ، يەنە بىر تەرىپى كىچىكرەك ياسىلىپ، چوڭ تەرىپىگە تېرە كېرىلىدۇ. ھازىرقى تەبلىۋازلارغا ئاساسەن ئات ۋە ئېشەك تېرىلىرى قاپلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#