ئۇخاۋچۈ يېزىسى

ئۇخاۋچۈ يېزىسى تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيىسى، شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقىي جەنۇبتا باغراش ناھىيەسىنىڭ سۆڭەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا بېيداچۈ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 96 كىۋادرات كىلومېتىر. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۇخاۋچۈ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
تەۋە رايون شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيەسى
رايۇن نۇمۇرى 0909
خەنزۇچە ئاتىلىشى 五号渠乡
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
نوپۇسى 15460

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇخاۋچۈ يېزىسىئۇخاۋچۈ يېزىسى تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيىسى، شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقىي جەنۇبتا باغراش ناھىيەسىنىڭ سۆڭەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا بېيداچۈ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 96 كىۋادرات كىلومېتىر. 

ئۇخاۋچۈ يېزىسىقاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئۇخاۋچۈ يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىدىكى بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، شەرقىي جەنۇبتا باغراش ناھىيەسىنىڭ سۆڭەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا بېيداچۈ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 96 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 2006-يىلى قاراشلىق مەھەللە، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىدىن بازار ئەتراپى مەھەللىسى، تۇخاۋچۈي كەنتى، يۇقارقى ئۇخاۋچۈ كەنتى، جۇڭگو ئۇخاۋچۈ كەنتى، شياۋۇخاۋچۈ كەنتى، سىخاۋچۈ كەنتى، شياسەنخاۋ كەنتى،  ئارىنچۈي كەنتى، چاغانچۈ كەنتى، 39 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار بار. يىل ئاخىرىدىكى نوپۇس 15460 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 10341 ئادەم، خۇيزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا. نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %17.8، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %15.7. ھازىرقى كۆلىمى 55 مىڭ مو، ئاشلىق زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 19 مىڭ مو، 37153 مو يەرگە ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغان. ئۆزگىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن قىزىلچا، گازىر، تاۋۇز، پەمىدۇر، پىگمېنتلىق مۇچ، كۆكتات قاتارلىقلار بار.

2006-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10775 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش 8626 يۈەن، ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش 5 مىليون 970 مىڭ يۈەن، ئۈچىنچى ئىشلەپچىقىرىش 1552 يۈەن . ئاشلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 180 مىڭ توننا، 80 توننا ياغلىق دان، 60 مىڭ توننا قىزىلچا، 26 توننا ئارپا بەدىيان، 57 مىڭ توننا سانائەت شوخلىسى بار. 341 مىڭ مو يەردە ئورمان بەرپا قىلىنغان، يىل ئاخىرىدا 25 مىڭ تۇياق چارۋا قالغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 16 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن، ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 107 مىليون يۈەنگە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4812 يۈەنگە يەتكەن، مالىيە كىرىمى بىر مىليۇن200 مىڭ يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى ئامانەت پۇلىنىڭ قالدۇقى 2 مىليون 300 مىڭ يۈەن بولغان. 

ئۇخاۋچۈ يېزىسىسوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بىر نەچچە يىل ئىچىدە شورلاشقان تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆزگەرتىش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ۋە پىلانلاش ئېلىپ بېرىلغان، 5000 مو تېرىلغۇ يەرنى ئۆزگەرتكەن، مەبلەغ سېلىپ يېڭىدىن 300 كىۋادرات مېتىر كېسەلخانا قۇرۇلغان، بىر ۋاسكېتبول مەيدانى يېڭىدىن ياسالغان، مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسنى قايتا سېلىش قۇرلۇشى ئېلىپ بېرىلغان؛ يېزا-كەنت يوللىرىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغان، يېڭىدىن  سۇچىلىق يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇشى ياسالغان. يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر سېلىنغان. ئاشلىق مۇقىملاشتۇرۇلغان، تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ،  يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەشتۈرۈلگەن، يىل ئىچىدىكى بوغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 18624.9 مو، 774.9 مو كۆممىقوناق، قىزىلچا 12437.1 مو، سانائەت شوخلىسى 8200 مو، 3726 مو ئاق گازىر، تاۋۇز 12789.4 مو بولغان. ئەمگەك ۋاستىچىسى يېتىشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى يېتەكلەش خاراكتېرلىك ماھارەت تەربىيىلەش كۇرسى ئېچلغان، تەربىيەلەشكە قاتناشقان ئادەم سانى 3210 ئادەمگە يەتكەن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#