ئوتتۇرا شەرق

ئوتتۇرا شەرق

ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ تۇتاشقان يېرىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. 16-، 17-ئەسىرلەردە غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر شەرققە قاراپ كېڭەيگەن ۋاقىتتا، شەرق تەرەپتىكى رايونلارنىڭ غەربىي ياۋروپاغا بولغان يىراق-يېقىنلىقىغا قاراپ شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەرنى «يېقىن شەرق» ، «ئوتتۇرا شەرق» ۋە «يىراق شەرق» دەپ ئايرىغان.

نامى ئوتتۇرا شەرق
چەتئەلچە نامى Middle East
خەنزۇچە نامى 中东

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوتتۇرا شەرقياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ تۇتاشقان يېرىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. 16-، 17-ئەسىرلەردە غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر شەرققە قاراپ كېڭەيگەن ۋاقىتتا، شەرق تەرەپتىكى رايونلارنىڭ غەربىي ياۋروپاغا بولغان يىراق-يېقىنلىقىغا قاراپ شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەرنى «يېقىن شەرق» ، «ئوتتۇرا شەرق» ۋە «يىراق شەرق» دەپ ئايرىغان. يېقىن شەرق، ئوتتۇرا شەرق دېگەن ئورۇنلار كۆپ ھاللاردا ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىلىدۇ. بۇ ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئېنىق ئەمەس، بەزىدە پەقەت ئافغانىستان بىلەن ئىراقنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر قوللىنىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق يۇقىرىدا ئېيتقان ئافغانىستان بىلەن ئىراندىن سىرت يەنە مىسىر، پەلەستىن، سۈرىيە، ئىراق، ئىئوردانىيە، لىۋان، يەمەن جۇمھۇرىيىتى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، كۇۋەيت، قاتار، بەھرەيىن، تۈركىيە، سىپروس ۋە ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت دۆلەت ۋە رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئوتتۇرا شەرقئوتتۇرا شەرقنىڭ مەيدانى 8 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئاھالىسى 220 مىليونغا يېتىدۇ (1984) . ئوتتۇرا شەرق ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئە ئارىلىقىدىكى مۇھىم قۇرۇقلۇق، سۇ، ھاۋا قاتناش تۈگۈنى، بۇ جاينىڭ ستراتېگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم، ئوتتۇرا شەرق ھازىر ئۆزىنىڭ نېفىت ھەم تەبىئىي گازدىن ئىبارەت مول يەر ئاستى بايلىقى بىلەن دۇنيانىڭ «نېفىت ئامبىرى» دەپ ئاتالماقتا. ئوتتۇرا شەرقتىن ئېلىنىۋاتقان ھەم ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان نېفىت دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىمەكتە. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#