رادارغا چۈشمەس ئايروپىلان

رادارغا چۈشمەس ئايروپىلان

رادارغا چۈشمەس (كۆرۈنمەس) ئايروپىلان - ئۇ رادارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرالىغاچقا، ئاسمان بوشلۇقىدا «كۆرۈنمەيدۇ (رادارغا چۈشمەيدۇ) ». 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئايروپىلاننىڭ مېتالدىن ياسىلىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنىڭ سىرتقى يۈزى ئېلېكترو ماگىنىپ دولقۇننى قايتۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرمۇ ئېلېكترو ماگىنىت دوقۇنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئايروپىلان ماتورى شاۋقۇن، يورۇقلۇق چىقىرىدۇ. ئايروپىلاننىڭ سىرتقى قېپى ھاۋا بىلەن سۈركىلىپ ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ. 

رادارغا چۈشمەس ئايروپىلانئايروپىلاننى ھاۋا بوشلۇقىدا «كۆرۈنمەس»رادارغا چۈشمەس قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى مەسلىلەرنى ھەل قىلماي بولمايدۇ. 

رادارغا چۈشمەس ئايروپىلاننى ئادەتتىكى ئايروپىلانغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى، ياساشتا ئىشلىتىلگەن ماتېرىيالى، سىرتقى قېپىنىڭ سىرى، ماتورى ۋە يېقىلغۇسى قاتارلىقلار ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن. رادارغا چۈشمەس ئايروپىلاننىڭ شەكلى يايپاڭ بولۇپ، ئايروپىلان گەۋدىسى بىلەن ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئۇلانغان جايلىرى يۇمىلاق ھالدا سىلىق تۇتاشتۇرۇلغان ھەمدە رادار دولۇنىنى قايتۇرۇش يۈزى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايروپىلان گەۋدىسىگە كاربون تالاسى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بىرىكمە ماتېرىيال قوللىنىلىپ، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى يوشۇرۇش ئىقتىدارغا ئىگە سىر بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ، رادار دولقۇنىنى كۈچلۈك تۈردە سۈمۈرۈۋالىدۇ-دە، رادار دولقۇنى «شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەيدۇ».

رادارغا چۈشمەس ئايروپىلان رادارغا چۈشمەس ئايروپىلاننىڭ ماتورى ئۆزگەرتىلىپ، ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان ۋە ئىسسىقلىق ئۆتمۈزمەيدىغان قۇرۇلمىلار قوللىنىلغانلىقى ھەمدە يېڭى تىپتىكى يېقىلغۇ ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئايروپىلاننىڭ ئنفرا قىزىل نۇر رادىئاتسىيە مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. شۇڭا ئايروپىلاننى دۈشمەننىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بايقىيالمايدۇ.

 رادارغا چۈشمەس (كۆرۈنمەس) ئايروپىلان يەنە كۆرۈنىدىغان نۇرنى تەكشۈرۈش ۋە قايتما ئاۋاز دولقۇنىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ماتورنىڭ تەۋرىنىشى، ئايروپىلاننىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى نۇردىن تارتىپ ئايروپىلان قېپىنىڭ سىرتقى رەڭگىگىچە ھەممىسى قاتتىق تىزگىنلەنگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، رادارغا چۈشمەس سېستىمىسى ۋە ئېلېكترونلۇق دالدىلاش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بۇلۇپ، ھەم دۈشمەننى رازۋېدكا قىلالايدۇ، ھەم دۈشمەننىڭ رازۋېدكا ئۈسكۈنىلرى تەرىپىدىن بايقالمايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#