پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى

پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 58-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان. 1996-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئا ت پ (1996) 2-نومۇرلۇق ھۆججەت ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى
ھۆججەت ئا ت پ (1996) 2-نومۇرلۇق ھۆججەت
خەنزۇچە نامى 人民检察院举报工作规定
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1996-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرىنچى باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى فۇنكسىيىسىنى ئىجرا قىلىپ، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يېيىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ بەلگىلىمە تۈزۈلدى.

2-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاممىغا بىۋاسىتە تايىنىپ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، «ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش»قا ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىدىغان كەسپىي خىزمىتى، مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى لۇشيەننى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى.

3-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىىس-ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جىنايى قىلمىش ئۈستىدىن قىلغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشىنى قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، جىنايەتنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇننىڭ بىر تۇتاش، توغرا يولغا قويۇلۇشىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

4-ماددا ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى»نى تەسىس قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزىنىڭ خىزمتىىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

5-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى:

1) ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىش؛

2) پاش قىلىنغان، مەلۇم قىلىنغان ماتېرىياللارنى قوبۇل قىلىش، باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش؛

3) قىسمەن پاش قىلىنغان، مەلۇم قىلىنغان ماتېرىياللارنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈش (يەنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش)؛

4) قوغداش، مۇكاپاتلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش.

6-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشى لازىم:

1) ئاممىغا تايىنىش، ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش، مەخسۇس خىزمەت بىلەن ئاممىۋى لۇشيەننى بىرلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش؛

2) پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش؛

3) بىر تۇتاش باشقۇرۇش، تارماق بويىچە بېجىرىش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش؛

4) مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛

5) جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش.

7-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ج خ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، شۇنىڭدەك باشقا قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى لازىم.

ئىككىنچى باب قوبۇل قىلىش

8-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدىغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشنىڭ دائىرىسى: خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى، دۆلەت خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يۈرگۈزگەن قانۇنسىز قاماش، قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش، ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلىش، قانۇنسىز ئاختۇرۇشقا ئوخشاش پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى، شۇنىڭدەك پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىدىن ئىبارەت.

9-ماددا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرمەيدىغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش، دېلو مەلۇم قىلىش، ئەرز قىلىشلارنىمۇ قوبۇل قىلىش كېرەك.

جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

10-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جىنايى پاكىت ياكى جىنايەت گۇماندارىنى سەزگەندە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.

11-ماداد پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشنى يازمىچە، ئاغزاكى، تېلېفوندا ياكى پاش قىلغۇچى ئۆزى قۇلايلىق دەپ قارىغان باشقا شەكىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

12-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پاش قىلىنغۇچى، مەلۇم قىلىنغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، خىزمەت ئورنى ياكى ئادرېسى ۋە جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

پاش قىلغۇچى ئەسلىي ئىسىم-فامىلىىسنى قوللىنىشى، خىزمەت ئورنى، ئادرېسى ياكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئېنىق ئېيتىشى؛ ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەت ئورنى ياكى ئادرېسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىسا، ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىش كېرەك.

پاش قىلغۇچى پاكىت، دەلىل-ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقارماسلىقى، باشقىلارغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلماسلىقى لازىم.

13-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خېتىنى ئۆز تىل-يېزىقىدا يازسىمۇ، ئەمالار يېزىقى ياكى چەت ئەل يېزىقىدا يازسىمۇ بولىدۇ.

14-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش قوبۇلخانىسى، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ساندۇقى، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەخسۇس تېلېفونى تەسىس قىلىپ، تېلېفون نومۇرى ۋە پوچتا نومۇرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى ياكى پاش قىلغۇچى قۇلايلىق دەپ ھېسابلىغان جايدا سۆزلىشىپ، پاش قىلغۇچىغا قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

15-ماددا باش تەپتىش مۇھىم پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى تەستىقلىشى، قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا پاش قىلىپ، مەلۇم قىلىپ كەلگەن ئاممىنى قوبۇل قىلىشى لازىم. باش تەپتىش قوبۇل قىلىش كۈنىنى ئېلان قىلىش كېرەك.

16-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشنى قوبۇل قىلغۇچى خادىملار مەدەنىي قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىزغىن، مۇلايىم بولۇش؛ سەۋرچان، ئىنچىكە بولۇش؛ ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇش؛ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

17-ماددا ئاغزاكى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشنى قوبۇل قىلغۇچى خادىملار خاتىرە قالدۇرۇشى، خاتىرىنى ئوقۇپ بېرىپ خاتالىقى بولمىغاندىن كېيىن، پاش قىلغۇچى ئىمزاسىنى قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.

پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشنى قوبۇل قىلغۇچى خادىملار پاش قىلغۇچىغا قارا چاپلىسا قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى لازىم.

18-ماددا تېلېفوندا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشنى قوبۇل قىلغاندا، پاش قىلغۇچىدىن ئېنىق سوراپ، ئەينەن خاتىرە قالدۇرش كېرەك.

19-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش نامى بىلەن قەستەن چاتاق چىقارغۇچىلارغا، پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، تەنقىدىي تەربىيە بېرىش لازىم. تەپتىش خادىملىرىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزگەن، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ نورمال خىزمەت تەرتىپىنى بۇزغانلارنى قانۇن ياكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى باب باشقۇرۇش

20-ماددا خەلق تەپتىش مەھكمىلىرى قوبۇل قىلغان پاش قىلىش، ملۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. مەھكىمىنىڭ باش تەپتىشى ۋە باشقا تارماقلار قوبۇل قىلغانلىرىنى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا تەستىقلاپ تاپشۇرۇش ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم. ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، ۋاقتىنچە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىرىنى باش تەپتىش ياكى تارماق مەسئۇلىنىڭ تەستىقلىشىغا دوكلات قىلىش كېرەك.

21-ماددا ۋاقتىنچە تەكشۈرۈش قىممىتى بولىمىغان ياكى دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ دېلو بىلەن شەكىللەنمىگەن پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى، كېيىنچە تەكشۈرۈشكە ساقلاپ قويسا بولىدۇ.

22-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىيالىنى قاتتىق باشقۇرۇشى، پاش قىلغۇچى ۋە پاش قىلىنغۇچىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، پاش قىلىنغان ئاساسىي مەزمۇن ۋە بېجىرىش ئەھۋالىنى بىرمۇبىر خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

23-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزىدە ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىيالىنى تۆۋەندە قىسقارتىلىپ مۇھىم دېلو ماتېرىيالى دېيىلىدۇ) مەخسۇس ئادەم باشقۇرۇشى، بەلگىلىمىگە ئاساسەن مۇھىم دېلو ماتېرىياللىرىنى يوللاش، ئەنگە ئالدۇرۇشقا ئوخشاش كونكرېت ئىشلارنى بېجىرىشى لازىم.

24-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىيالىنى قەرەللىك رەتلەپ تۇرۇشى، ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى باب تەكشۈرۈش

25-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركەزلىرى پاش قىلىنغان، مەلۇم قىلىنغان ۋە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ماتېرىياللارنى تېزدىن تەكشۈرۈشكە مەخسۇس ئادەم بېكىتىپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى مەسئۇلىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللاش كېرەك. مۇھىم پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى باش تەپتىشنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش لازىم. 

26-ماددا ئىمزاسى قويۇلغان يازمىچە پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشتا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزمۇنى ئېنىق ئەمەس دەپ ھېسابلىغانلىرىنى پاش قىلغۇچى بىلەن يۈزتۇرانە سۆزلەشسە ياكى ئۇنىڭ ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

27-ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە ئالدى بىلەن جىددىي تەدبىر بوللىنىش، ئاندىن بەلگىلىمە بويىچە يوللاش كېرەك:

1) جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان، جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ياكى جىنايەت سادىر قىلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا سېزىلگەن بولسا؛

2) جىنايەت گۇماندارى ئۆلۈۋېلىشقا، قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان ياكى قېچىپ يۈرگەن بولسا؛

3) دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇش ياكى تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش ئېھتىمالى بولسا؛

4) جىددىي تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر بولغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.

28-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئۆز مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى تېزدىن دەسلەپكى تەكشۈرۈپ، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنىڭ مەۋجۇت بولغان-بولمىغانلىقىنى، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا تېگىشلىك بولغان-بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى لازىم.

دەسلەپكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەخپىي ئېلىپ بېرىش كېرەك.

29-ماددا دەسلەپكى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئادەتتە تەھقىقلەش تارماقلىرى ئېلىپ بارىدۇ.

پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنىڭ خاراكتېرى ئېنىق بولماي، قايسى تارماققا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئايرىش قىيىن بولسا، ئەھۋال جىددىي بولۇپ تېزدىن بېجىرىش زۆرۈر بولسا، ئامما كۆپ قېتىم پاش قىلغان، مەلۇم قىلغان بولسىمۇ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان ۋە باش تەپتىش بېجىرىشكە تاپشۇرغان بولسا، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى دەسلەپكى تەكشۈرىدۇ.

30-ماددا دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى باش تەپتىش تەستىقلايدۇ.

31-ماددا دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، «دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن دوكلات» يېزىش، دېلو ئېچىش ياكى دېلو ئاچماسلىق پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، باش تەپتىشنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش لازىم.

بەشىنچى باب بىر تەرەپ قىلىش

32-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى قوبۇل قىلغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى، ماتېرىيالنىڭ خاراكتېرى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئاساسەن ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك:

1) تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرمەيدىغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى مەسئۇل ئورۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە پاش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم.

2) تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە كىرىدىغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى، ئۆز مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغانلىرىنى «پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن جاۋاب قايتۇرۇش تالونى»نى قوشۇپ مەسئۇل كەسپىي تارماقنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ ئۆز مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغانلىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بولغان تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.

33-ماددا قوبۇل قىلغان مۇھىم دېلو ماتېرىياللىرىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، «تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مۇھىم دېلو ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئەنگە ئالدۇرۇشنى يوللاش جەدۋىلى»نى بىرمۇبىر تولدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش لازىم. دېلو يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىققا، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكىلىرىنى باشقا ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

34-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئەنگە ئالدۇرۇش ئىشىنى پاش قىلىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە بېجىرىش، ئەھۋال جىددىي بولغانلىرىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك.

35-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇشقا يوللىغان مۇھىم دېلو ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى، ئوخشىمىغان پىكىر بولسا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم. تۆۋەن دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسى يۇقىرى دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشى شەرت.

36-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى، تەڭ دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە مۇھىم پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرسا بولىدۇ.

37-ماددا تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى پاش قىلىنغان، مەلۇم قىلىنغان دېلولاردىن تەكشۈرۈپ نەتىجىسى يوللىنىشقا تېگىشلىك بولغانلىرىدا، ئۈچ ئاي ئىچىدە،ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ ئالتە ئاي ئىچىدە، دېلو ئېچىش ياكى دېلو ئاچماسلىققا ئائىت تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىگە مەلۇم قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بېجىرىشكە تاپشۇرغان تارماقلار سۈيلەپ بېجىرگۈزۈشى ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.

38-ماددا ئۆز مەھكىمىسىدىكى باشقا تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئۈچ ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزىگە جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. مۇددەت توشسىمۇ جاۋاب قايتۇرمىغان بولسا، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى سۈيلەپ بېجىرگۈزۈشى لازىم.

39-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆۋەن دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يوللىغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى كېرەك. پاكىت ئېنىق، بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇۋاپىق بولسا، دېلونى ئاياغلاشتۇرۇش؛ پاكىت مۈجىمەل، بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇۋاپىق بولمىسا، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تولۇقلاپ تەكشۈرۈشىگە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

40-ماددا بېجىرىپ ئاياغلاشتۇرغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش دېلولىرىنى، بەلگىلىمىگە بىنائەن ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاش كېرەك.

ئالتىنچى باب قوغداش

41-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دېموكراتىيە ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم.

42-ماددا تەپتىش ئورگانلىرى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتىدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تۈزۈمىنى چىڭىتىشى شەرت:

(1) پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى تەپتىش خىزمىتىدە شەكىللەندۈرۈلگەن دۆلەت مەخپىيەتلىكى ۋە خىزمەت مەخپىيەتلىكى بولۇپ، دۆلەت ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەخپىەيتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بېجىرىش شەرت.

(2) پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشنىڭ قوبۇل قىلىنىش، تىزىملىنىش، بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش، ساقلىنىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلىرىدا مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاپ، ئاشكارىلىنىپ قېلىش ياكى يوقاپ كېتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆچۈرۈپ يېزىش، كۆپەيتىش، تۇتۇپ قېلىش، يوقىتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

(3) پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەت ئورنى، ئادرېسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىيالى ۋە پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى پاش قىلىنغۇچى، مەلۇم قىلىنغۇچى ئورۇن ۋە پاش قىلىنغۇچى، مەلۇم قىلىنغۇچىغا ئاشكارىلاش ياكى يەتكۈزۈپ بېرىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

(4) ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش ماتېرىيالىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ياكى كۆپەيتىلمىسىنى كۆرسىتىشكە، پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ؛ ئىمزاسىز خەتلەرنىڭ تەھقىقلەش خىزمىتىدە ئېھتىياجلىق بولغانلىرىدىن باشقىلىرىدا، قوليازمىنى باھالاش رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

(5) تەشۋىقات خەۋىرىدە ۋە پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى تەقدىرلەشتە، ئۆزى ماقۇل بولغانلىرىدىن باشقىلىرىدا، پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى، ئىدارىسىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

43-ماددا مۇشۇ بەلگىلىمىنىڭ 42-ماددىسىدىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان جاۋابكارلارنى، قىلمىشى ۋە كەلتۈرگەن ئاقىۋىتىگە ئاساسەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

44-ماددا پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىپ، ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلارنى، تەكشۈرۈپ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-ېينىكلىكىگە قاراپ، ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلىش لازىم:

(1) دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىپ، ئومۇمنىڭ نامىنى سېتىپ ئۆزى پايدا ئېلىپ، پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن بويىچە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەش، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغۇچىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

(2) پاش قىلغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىلارغا زەربە بېرىپ، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنى مەسئۇل تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش لازىم.

45-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشتىن پايدىلىنىپ پاكىتنى بۇرمىلاپ، دەلىل-ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقىلارغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

يەتتىنچى باب مۇكاپاتلاش

46-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا ئوخشاش ئىقتىسادىي جىنايەت ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، «ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش»قا ئوخشاش قانۇن-ئىنتىزام جىنايىتىگە ئائىت چوڭ، مۇھىم دېلولاردا، تەھقىقلەپ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئارقىلىق، پاش قىلىنغۇچى، مەلۇم قىلىنغۇچى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلغان بولسا، پاش قىلىشتا، خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس ۋە ئىدارىنى مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتە مۇكاپاتلاش كېرەك.

47-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن شەخس ۋە ئورۇنغا، ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ مۇناسىپ مۇكاپاتلاش، تۆھپىسى چوڭ بولغانلىرىنى ئوبدان مۇكاپاتلاش لازىم.

48-ماددا پاش قىلىش، مەلۇم قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش ئىشىنى، ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىش كېرەك.

49-ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەقدىرلەش خىزمىتىنى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى كونكرېت ئۈستىگە ئالىدۇ.

50-ماددا ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى ئېھتىياجىغا ئاساسەن پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مۇكاپاتلاش فوندى قۇرسا بولىدۇ. مۇكاپاتلاش فوندىنى پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش مەركىزى باشقۇرۇپ، مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئورۇنغا ئىشلىتىدۇ.

بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#