سۇقسۇر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇقسۇر (ئىلمىي نامى: Aix galericulata؛ ئىنگلىزچە نامى: Mandarin Duck، يەنى جۇڭگو ئەمەلدار ئۆردىكى) يەنە بىر نامى قوشماق ئۆردەك بۇلۇپ چىشىسى مېكيان، ئەركىكى خوراز دەپ ئاتىلىدۇ. مېكيىنى بىلەن خورازنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەركەك قۇش تۇمشۇقى قىزىل، پۇتى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، پېيىنىڭ رەڭگى ئوچۇق ۋە چىرايلىق، باش قىسمىنىڭ كۆزىگە يېقىن جايىدا كەڭ ئاق قېشى بار، قانىتىنىڭ ئۈستىدە بىر جۈپ پەي سېرىق يەلپۈگۈچ شەكىللىك تىك بۇلۇپ، خۇددى يەلكەنگە ئوخشاش، دۇمبە قىسمىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، دالىدا ناھايىتى ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. چىشى قۇشنىڭ تۇمشۇقى قارا، پۇتى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بولۇپ، بېشى ۋە پۈتكۈل ئۈستۈنكى بەدىنى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدە، كۆز ئەتراپى ئاق رەڭلىك، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىنچىكە ئاق قېشى بار، ھەم ئىنتايىن كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ ۋە ئۆزگىچە. ئاساسلىقى تاغ ئورمىنى، دەريا، كۆل، سۇ ئازگىلى، قومۇشلۇق ۋە سازلىقتا ياشايدۇ، ئوزۇق تاللىمايدۇ.
سۇقسۇر جۇڭگو نىڭ داڭلىق مەنزىرە قۇشى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان، چۈنكى كىشىلەر ئارسىدىكى ئاشىق-مەشۇقلاردەك ھەممىسى جۈپ-جۈپ ھەرىكەت قىلىدۇ. دائىم پەيدا بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىمكى جۇڭگودىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە سۇقسۇرنى كىشىلەر دائىم ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتكە تەمسىل قىلغان.
ئەركەك سۇقسۇر
سۇقسۇر كىچىك تىپتىكى ئۈزگۈچى قۇش. ئەركەك قۇشنىڭ بېشىنىڭ مەركىزىي ياپيېشىل ھەمدە پارقىراق كېلىدۇ؛ گەجگە قىسمى قىزىل ۋە بوينىنىڭ ئارقىسىدىكى قارامتۇل سۆسۈن يېشىل رەڭلىك پەيسىمان تاج تەركىب تاپىدۇ. ئەتراپى ئاق بولۇپ، كەڭ ھەم ئۇزۇن، ھەم بىر قىسمى كەينىگە سوزۇلۇپ تاج ھاسىل قىلغان. كۆز ئالدى سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، باش قىسمىدا قوڭۇر بېغىر رەڭ داغلىرى بولىدۇ؛ كۆز ئۈستى ۋە قۇلاق پەيلىرى قوڭۇر رەڭدە، بويۇن يان قىسىملىرى نەيزە شەكىللىك، پەيلىرى بېغىر رەڭلىك. دۈمبە، بەل قارامتۇل قوڭۇر، مىس يېشىل مېتال يالتىرىقى بولىدۇ؛ ئىچكى تەرەپ مۈرە پەيلىرى سۆسۈن رەڭلىك، سىرتقى تەرىپى نەچچە تال ئاق رەڭلىك ھەمدە قارا رەڭلىك تىۋىتلىق. قاناتلىرىدىكى قىسقا پەيلەر (قۇشنىڭ) دۈمبە قىسمى ئوخشاش رەڭلىك. دەسلەپكى ئۇچۇش پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە، سىرتقى پەينىڭ تۈكچىللىرى قىسمىدا ئاق پەيلىرى بار، ئىچكى ئۇچى پەيلىرىنىڭ تۈكچىللىرى يېشىل پارقىراق بولىدۇ؛ ئىككىلەمچى ئۇچۇش پەيلىرى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، پەي ئۇچى ئاق رەڭلىك، ئىچى تەرىپىدىكى بىر نەچچە تال سىرتقى پەينىڭ تۈكچىللىرى يېشىل مېتال رەڭدە بولىدۇ؛ 3-دەرىجە ئۇچۇش پەيلىرى (قانات ۋە قۇيرۇقتىكى) قارا قوڭۇر، پەينىڭ تۈكچىللىرى سىرتى يەنە يېشىل مېتال رەڭدە بولىدۇ، پەينىڭ تۈكچىللىرى بىلەن ئىچكى تەرەپ ئىككىلەمچى ئۇچۇش پەيلىرىنىڭ سىرتقى ئۈستىگە يېشىل بىلەن كۆك بىرلىشىپ كەتكەن، يېشىل رەڭلىك قانات داغلىرى بولىدۇ؛ قۇيرۇق پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر، بەزىدە مېتال يېشىل رەڭدە؛ بويۇن، كېكىردەك ساپ زىغىر رەڭلىك. ئالدى كۆكرەك ۋە كۆكرەك تەرىپى قارامتۇل سۆسۈن، بىرىنچى قۇيرۇقى ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ئاق، كۆكرەكنىڭ ئىككى تەرىپى قارا رەڭلىك تىۋىتلىرى بار، ئىككى بىقىندىكى يېقىن قىسىملىرىدا ئاق داغلار بار، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى بىقىنى سۆسۈن قوڭۇر رەڭلىك، قولتۇق پەيلىرى قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ.
چىشى سۇقسۇر
چىشى قۇشنىڭ بېشى ۋە بوينى كۈلرەڭ قوڭۇر، باش قىسىمىدا تاجى بولمايدۇ، كۆز ئەتراپى ئاق رەڭلىك، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر تال ئاق سىزىق بىلەن كۆز ئەتراپى ئاق چەمبەر بىلەن تۇتىشىدۇ، ئۆزىگە خاس بولغان ئاق قېشى بار. ئۈستۈنكى بەدىنى كۈلرەڭ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ئىككى قانىتى ئەركەك قۇشنىڭكى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. بويۇن، كېكىردەك قىسمى ئاق رەڭلىك. مەيدە، كۆكرەك يان تەرپى ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى قارامتۇل قوڭۇر، سۇس رەڭلىك داغلىرى بار. قورساق قىسمى ۋە قۇيرۇق ئاستىدىكى قىسقا پەيلىرى ئاق رەڭدە بولىدۇ.
رەڭدار پەردىسى قوڭۇر رەڭلىك، ئەركەك قۇش تۇمشۇقى سۇس قىزىل رەڭلىك، ئۇچى ئاق بولىدۇ. چىشى قۇش قوڭۇر رەڭدىن سۇس قىزىل رەڭلىك، تۇمشۇق ئاساسى ئاق، پۇتى قىزغۇچ سېرىق.
چوڭ-كىچىكلىكى
سۇقسۇرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆلچىمى:
ئەركەك سۇقسۇر (♂) | چىشى سۇقسۇر (♀) | |
بەدەن ئېغىرلىقى | 430-590 گرام | 435-550 گرام |
تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى | 401-430 مىللىمېتىر | 438-450 مىللىمېتىر |
تۇمشۇق ئۇچى ئۇزۇنلۇقى | 26-31 مىللىمېتىر | 27-38 مىللىمېتىر |
قانىتى ئۇزۇنلۇقى | 179-240 مىللىمېتىر | 202-229 مىللىمېتىر |
قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى | 77-127 مىللىمېتىر | 92-138 مىللىمېتىر |
ئوشۇق-پەنجە ئۇزۇنلۇقى | 37-47 مىللىمېتىر | 38-48 مىللىمېتىر |
(ئىزاھات: ئەركەك ♂، چىشى ♀).
سۇقسۇر كۆپىيىش مەزگىلىدە ئاساسلىقى تاغ ئورمىنى، دەريا، كۆل، سۇ ئازگىلى، قومۇشلۇق ۋە سازلىقتا ياشايدۇ، ئوزۇق تاللىمايدۇ. قىش پەسلىدە كۆپ ۋاقىتلاردا كەڭ كۆل، دەريا ۋە سازلىقلاردا، ئادەتتە چۆللۈك، يىڭنە يوپۇرماقلىق ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق ئارىلاش ئورمان ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئېرىق، سازلىق، يېقىن قومۇشلۇق كۆللەرگە ۋە كۆل قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ؛ توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە 20 دانىدىن كۆپرەك، بەزىدە باشقا ياۋا ئۆردەكلەر بىلەنمۇ بىللە ھەركەت قىلىدۇ. ھەر كۈنى سەھەردىكى تۇمان تارقاپ بولغاندىن، كەچتە ئارام ئالغۇچە ئورمانلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ؛ كۆل بويىدىكى دەرەخ سايىسى، قومۇشلۇق ياكى سۇ يۈزىدە لەيلەپ يۈرۈپ، ئاندىن ئورمانلىققا ئۇچۇپ كىرگەندىن كېيىن بېرىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ، تەخمىنەن ئىككى سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ دەريا جىلغىلىرى ياكى كۆلچەك ئەتراپىدىكى دەرەخ شاخلىرى ياكى قورام تاشلار ئۈستىگە قايتىپ ئارام ئالىدۇ.
كۆچۈشى
سۇقسۇر ھەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە كەينى-كەينىدىن كۆچۈپ كېلىپ، شەرقىي شىمالدا كۆپىيىدۇ؛ 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە كۆپىيىش ماكانىدىن جەنۇبقا كۆچىدۇ. كۆچكەندە توپ-توپ بۇلۇپ، دائىم 8-7 ياكى 10 دانە نەچچە توپ بولۇپ كۆچىدۇ، كۆپ بولغاندا بەزىدە يەنە 50 دانە بولغان چوڭ توپىمۇ ئۇچرايدۇ. گۇيجۇ، تەيۋەن قاتارلىق جايلىرىغا تارقالغان سۇقسۇر كۆچمەس قۇشلار.
ئادىتى
سۇقسۇر دائىم توپلىشىپ كۆچكەن جايىغا يېتىپ كېلىپ پەس تاغلىق يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كىيىن كەڭ كۆل ۋە ئۇششاق تاشلارغا قۇنۇپ دەم ئالىدۇ. دەم ئېلىش ۋاقتىدا سۇ ياكى تېخى ئېرىپ بولالمىغان مۇز ئۈستىدە توپ بولۇپ ياشايدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا دائىم توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ كۆچۈش پەسلى ۋە قىش پەسلىدە توپلىشىپ ھەركەت قىلىدۇ. سۇ ئۈزۈشكە ۋە سۇغا شۇڭغۇشقا، يەردە مېڭىشقا ناھايىتى ماھىر، سۇ يۈزىدىكى ھەرىكەتتىن باشقا، يەنە دائىم قۇرۇقلۇققا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ئوزۇقلىنىدۇ. ھۇشيار بولۇپ، ئادەم ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغان ھامان دەرھال ئۇچۇپ كېتىدۇ ھەمدە بىر خىل ئىنچىكە <ئو> ئاۋازنى چىقىرىدۇ.
ئوزۇقلىنىشى
سۇقسۇر ئوزۇق تاللىمايدۇ. يېمەكلىك تۈرلىرى پەسىل ۋە ماكانىغا ئايلانغان قاراپ ئۆزگىرىدۇ، كۆپىيىش مەزگىلى ھايۋانات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ، قىشلىق يېمەكلىكلەرنى دېگۈدەك ھەممىسى دۇب دەرىخى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاتتىق شاكاللىق مېۋىلىرى. ئەتىياز ۋە قىش پەسلىدە، ئاساسلىقى ئوت-چۆپ، ئوت، دەرەخ يوپۇرماقلىرى، يەككە يىلتىز، جۇڭگو كەتىراسى، مۇخ قاتارلىق ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكلەرنى، قوناق، شال قاتارلىق زىرائەتلەرنى ۋە ئۈچقات، بەللۇت (دۇب مېۋىسى) قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى ۋە ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى يەيدۇ.
كۆپىيىش پەسلىدە ئاساسلىقى ھايۋانات خاراكتېرلىك يېمەكلىك بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، مەسىلەن: چۈمۈلە، تاش چىۋىنى، كۆزنىچىك، سېرىق چېكەتكە، پاشا، قوڭغۇز قاتارلىق ھاشارات ۋە ھاشارات لىچىنكىسى، دەريا راكى، راك، قۇلۇلە، ئۆمۈچۈك ۋە كىچىك تىپلىق بېلىق ۋە پاقا قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ.
تاغدىكى ئورماندا كۆپىيىدۇ. سۇ بويىغا يېقىن تەبىئىي يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 10-18 مېتىر دەرەخ كامېرىغا يوشۇرۇنۇپ ئىنتايىن ئاددىي ئۇۋا ياسايدۇ. ئۇۋا ئىچى ئۆزى دەل-دەرەخلەرنىڭ شاخ-شۇمبىلىرى، ئۇنىڭدىن قالسا چىشى قۇش ئۆز بەدىنىدە تارتىپ چىقىرىۋالغان مامۇق پەيلەر بىلەن ياسالغان. ئۇۋا ئېغىزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 8 سانتىمېتىر × 9 سانتىمېتىر، ئۇۋىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى 34 سانتىمېتىر × 43 سانتىمېتىر، تۆشۈك دىۋارىنىڭ قېلىنلىقى 8 سانتىمېتىر، تۆشۈك چوڭقۇرلۇقى 64 سانتېمىتىر. 5- ئاينىڭ باشلىرىدا تۇخۇم تۇغۇشقا باشلايدۇ، ھەربىر ئۇۋىدا 7-12 دانە تۇخۇم بولىدۇ، تۇخۇم يۇمۇلاق شەكىللىك، ئاق رەڭلىك سىلىق، دېغى يوق، چوڭ-كىچىكلىكى 47-52 مىللىمېتىر × 37-40 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى 18-45 گرام، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 22.9 گرام، تۇخۇم بېسىش مەزگىلى 28-30 كۈن.
چۆجىسى بالدۇر يېتىلىدۇ، باچكىسى تۇخۇمدىن چىققاندىن كېيىن پۈتۈن بەدىنى يەنى مامۇق پەي بىلەن قاپلانغان، تۇخۇمدىن چىققان كۈنى قۇش بالىسى ئېگىز دەرەخ كامارلىرىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، سۇغا كىرگەندىن كېيىن سۇ ئۈزەلەيدۇ ۋە سۇغا چۆكەلەيدۇ.
دۇنيادىكى تارقىلىشى
سۇقسۇرسۇقسۇر جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى.
كىرگۈزگەن جايلار: ئاۋسترىيە، بېلگىيە، دانىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، سلوۋېنىيە، شىۋېتسارىيە ۋە ئەنگلىيەلەردىن ئىبارەت.
كۆچمەن قۇشلار: بېلارۇسىيە، شياڭگاڭ، ھىندىستان، موڭغۇلىيە، بېرما، نىپال، ئىسپانىيە، تايلاند ۋە ۋيېتنام.
جۇڭگودىكى تارقىلىشى
سۇقسۇر كۆپىنچە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى، ئىچكى موڭغۇلدا كۆپىيدۇ؛
سۇقسۇرشەرقىي جەنۇبدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر، شۇنداقلا فۇجيەن، گۇاڭدۇڭدا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. ئاز ساندىكىلىرى تەيۋەن، يۈننەن، گۈيجۇ قاتارلىق جايلاردا كۆچمەس قۇشلاردۇر.
فۇجيەن ئۆلكىسى ئېكران ناھىيەسى 11 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭقۇر ئېرىق سۈيىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تىنىچ تاغلىقىدا ھەر يىلى مىڭدىن ئارتۇق سۇقسۇر بۇ يەردە قىشلايدۇ، جۇڭگودىكى تۇنجى سۇقسۇر تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شاڭراۋ شەھىرى ۋۇيۈەن ناھىيەسى سۇقسۇر كۆلى ئاسىيا ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ياۋا سۇقسۇر قىشلىق ماكانى.
سۇقسۇر يەككە تۈر بۇلۇپ، كەنجى تۈرى يوق.
«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى (IUCN)؛ 2012-يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ver 3.1 ____ خەتىرى تۆۋەن (LC).
جۇڭگو ئىككىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.