ژىيۇل ۋېرن

ژىيۇل ۋېرن

تونۇشلۇق بولغان فرانسىيە نىڭ داڭلىق فانتازىيەلىك رومان يازغۇچىسى ژىيۇل ۋېرن 1828-يىلى 28-فېۋرالدا، فرانسىيە نىڭ غەربىدىكى ناڭت شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 1905-يىلى 24-مارتتا ئامىيەن شەھرىدە ۋاپات بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ژىيۇل ۋېرن
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1928-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
چەتئەلچە نامى Jules Gabriel Verne
خەنزۇچە ئاتىلىشى 儒勒·加布里埃尔·凡尔纳
يۇرتى فرانسىيەنىڭ غەربىدىكى ناڭت شەھىرى
كەسپى فانتازىيەلىك رومان يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ژىيۇل ۋېرنژىيۇل ۋېرن فرانسىيە نىڭ غەربىدىكى ناڭت شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادىسى پىيەر ۋېرن قانۇن خىزمەتچىسى، ئاپىسى بولسا ناڭت بۇرژۇئازلىرىدىن بولۇپ، ژىئۇل بەش بالىنىڭ چوڭى بۇلۇپ، دادىسى ئۇنىڭ بىر ياراملىق ئادوۋكات بولۇشىنى ئۈمىت قىلاتتى. پادىشاھلىق تولۇق ئوتتۇرىدا رىتورىك ۋە پەلسەپە ئۆگەنگەن ژىيۇل 1848-يىلى پارىژدا قانۇن كەسپىنى تۈگەتكەن. شۇ چاغلاردىلا شېئىر ۋە داستان يېزىشقا باشلىغان. پارىژدىكى ئوقۇش مەزگىلىدە، قانۇندىن بەكرەك تىياتىرغا قىزىقىدىغان ۋېرن تىياتىرخانىدا ئالېكساندىر دىيۇما بىلەن تونۇشقان. «تارىخى تىياتىرخانا» نىڭ ئىگىدارچىسى بولغان دىيۇما ۋېرىننىڭ «ئۈزۈلگەن نەيچە» دىراممىسىنى ئويناتقۇزغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، دادىسىنىڭ خىزمىتىگە ۋارسلىق قىلىشنى رەت قىلغان ژىئۇل «دۆلەتلىك كۈتۈپخانە» دىن ئايرىلمايدىغان بولۇپ قالغان ۋە كونا ساياھەتچى ۋە قىدىرىپ تەكشۈرگۈچى، ئەما بولۇپ قالغان ژاك ئاراگو بىلەن يېقىن بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالغان.

1851-يىلى «ئائىلىلەر مۇزىيى» ژورنىلىدا تۇنجى ھېكايىلىرى «مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى كېمىلىرى» ۋە «ھاۋادىكى بىر ماجىرا» لارنى ئېلان قىلغان. كىيىنكى يىلى «لىرىك تىياتىر» غا كاتىپلىققا ئورۇنلاشقان. بۇ مەزگىللەردە نۇرغۇنلىغان دىرامما ۋە ھېكايىلەرنى يېزىپ چىقىدۇ. ئۇ يېزىپ چىققان ئوپىرا «كولىن مايار» قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، 40 قېتىم ئوينالغان.

ئاجايىپ-غارايىپ ساياھەتلىرى

ژىيۇل ۋېرن1862-يىلى ژىيۇل ۋېرن تۇنجى رومانى «بەش ھەپتىلىك شار ساياھىتى» نى «پىيەر-ژۈل ھەزەر» نەشرىياتىدا ئېلان قىلدۇرغان. بۇ كىتاپ دەرھاللا پۈتۈن دۇنيادا ئاجايىپ ياخشى ئىنكاس قوزغىغان. مەزكۇر نەشرىيات ۋېرن بىلەن 20 يىللىق توختام تۈزگەن : ياشلارغا قارىتىلغان ژورنال «مائارىپ ۋە قايتا قۇرۇش» ژورنىلى ئۈچۈن رومان يېزىشقا كېلىشكەن. «كاپىتان ئاتتېرانىڭ كەچۈرمىشلىرى» رەسمى رومان شەكلىدە چىقىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر ژورنالدا ئېلان قىلىنغان. 40 يىل مابەينىدە، ژىيۇل ۋېرن جەمئى 64 تومدىن تەشكىل تاپقان «ئاجايىپ-غارايىپ ساياھەتلەر» نى تاماملايدۇ. 1863-يىلى، «20-ئەسىردىكى پارىژ» نى يېزىپ چىققان. بۇ رومان پەقەت 1994-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئېلان قىلىنغان.

1867-يىلى 16-مارتتا، ئىنىسى پول بىلەن لىۋىرپۇلدا «ئۇلۇغ شەرق» كېمىسىگە ئولتۇرۇپ، ئامرېكىغا سەپەر قىلىدۇ. بۇ سەپىرىدىن «دولقۇنلۇق ھايات» رومانى مەيدانغا كېلىدۇ (1870-يىل). 1868-يىلى «مۇقەددەس مىشەل» ناملىق كېمىنى سېتىۋالغان ۋە شۇندىن كېيىن كېمىسىنى خىزمەت ئىشخانىسىغا ئايلاندۇرغان. 1872-يىلى ئايالىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئامىيەن شەھرىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئىككى يىلدىن كىيىن، «دۇنيانى 80 كۈندە ئايلىنىش» رومانىنى ئېلان قىلغان. 1878-يىلى كېمىسى «مۇقەددەس مىشەل 3» بىلەن لىسسابوندىن ئالجىرغا قەدەر ئايلانغان ۋە 1880-يىلىغا قەدەر، شوتلاندىيە، نورۋىگىيە ۋە ئېرلاندىيەلەرنى كېزىپ چىققان. 1884-يىلى ئايالىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئوتتۇرا دېڭىزنى ئايلىنىپ كەلگەن.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرى 

1886-يىلى ژىيۇل ۋېرندىن پۇل سوراپ كەلگەن نەۋرە ئىنىسى گاستون ئۇنىڭغا ئىككى پاي ئوق چىقارغان ۋە ۋېرننىڭ پۇتى ئۆمۈرلۈك پالەچ بولۇپ قالغان. 1888-يىلى ئامىيەن شەھەرلىك مەجلىسكە سولچىل جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان ۋە بۇ ۋەزىپىدە 15 يىل ئولتۇرغان. ئەمەلىيەتتە، ۋېرن ھەرگىز بىر جۇمھۇرىيەتچى ئەمەس، بەلكى مەيدانى ئېنىق شاھىزىمچى. 1900-يىلى كۆزىگە ئاق چۈشۈپ، دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ژىيۇل ۋېرن 1905-يىلى 24-مارتتا، ئامىيەن شەھرى، لوڭگىۋىل كوچىسى (بۈگۈنكى ئىسمى ژىيۇل ۋېرن چوڭ كوچىسى) دىكى ئۆيىدە بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان. قەۋرىسى ئامىيەندىكى مادلەن قەۋرىستانلىقىدا ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن، بىر نەچچە رومانى ئوغلى مىشەل ۋېرن تەرىپىدىن ئېلان قىلدۇرۇلغان.

ژىيۇل ۋېرننىڭ رومانلىرىنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبىنى كۈزىتىدىغان بولسا، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى بايقىغىلى بولىدۇ : 

1. بىر جۇغراپىيىلىك سەپەر؛

2. بىر ئەخلاقى سەپەر؛ 

3. بىر ئىلمى سەپەر؛

رومانلىرى

ژىيۇل ۋېرنبەش ھەپتىلىك شار ساياھىتى ____ (1863-يىلى)؛

يەر شارىنىڭ مەركىزىگە سەپەر ____ (1864-يىلى)، (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)؛

گراف شاڭتۆلەن ____ (1864-يىلى)؛ 

يەر شارىدىن ئايغىچە ____ (1865

كاپىتان ئاتتېرانىڭ كەچۈرمىشلىرى ____ (1867-يىلى)، (بىرىنچى توم : ئېنگىلىزلار شىمالى قۇتۇپتا. ئىككىنچى توم : مۇز چۆلى)؛

كاپىتان گرانتنىڭ پەرزەنتلىرى ____ (1868-يىلى)، (بىرىنچى توم : جەنۇبى ئامرىكا. ئىككىنچى توم : ئاۋىسترالىيە. ئۈچىنچى توم : تىنچ ئوكيان)؛ (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)؛

سۇ ئاستىدىكى 20 مىڭ كېلومېتىرلىق سەپەر ____ (1870-يىلى)، (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)؛

ئاي شارىنىڭ ئەتراپىدا ____ (1870-يىلى)؛

دولقۇنلۇق ھايات ____ (1871-يىلى)؛

قامالنى بۇزغۇچىلار ____ (1871-يىلى)؛

دوختۇر ئوكس ____ (1872-يىلى)؛

ئۈچ رۇس ۋە ئۈچ ئېنگلىزنىڭ جەنۇبى ئافرىقىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى ____ (1872-يىلى)؛

دۇنيانى 80 كۈندە ئايلىنىش ____ (1872-يىلى)، (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)؛

موي دۆلىتى ____ (1873-يىلى)؛

سىرلىق ئارال ____ (1874-1875-يىلى)، (بىرىنچى توم : دېڭىز ھالاكىتى. ئىككىنچى توم : ۋاز كېچىلگەنلەر. ئۈچىنچى توم : ئارالنىڭ سىرى.(ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)؛

شاڭسەللور كېمىسى ____ (1875-يىلى)؛

مىشەل ستروگوف ____ (1876-يىلى)؛

ئېكتور سەرۋاداك ____ (1877-يىلى)؛

قارا ھىندى ئاراللىرى ____ (1877-يىلى)؛

15 ياشلىق كاپىتان ____ (1878-يىلى)؛

بېگۇمنىڭ مال-دۇنياسى ____ (1879-يىلى)؛

بىر جوڭگولۇقنىڭ جوڭگودىكى خەۋپلىك سەرگۈزەشتىلىرى ____ (1879-يىلى)؛

پارلىق ئۆي ____ (1880-يىلى)؛

ئون سائەتلىك ئوۋ ____ (1881-يىلى)؛

ئامازوندىكى ژاڭگادا پويىزى ____ (1881-يىلى)؛

روبىنزونلار مەكتىپى ____ (1882-يىلى)؛

ئىنفرا يېشىل نۇر ____ (1882-يىلى)؛

جاھىل كېرابان ____ (1883-يىلى)؛

جەنۇپ يۇلتۇزى ____ (1884-يىلى)؛

ئوتتا قالغان ئارال ____ (1884-يىلى)؛

بوراننىڭ گۈركىرىشى، يامغۇرنىڭ سىمىلدىشى ____ (1884-يىلى)؛

ماتىياس ساندورف ____ (1885-يىلى)؛

غالىپ روبۈر ____ (1886-يىلى)؛

لاتارىيە بېلىتى ____ (1886-يىلى)؛

جەنۇپقا قارشى شىمال ____ (1887-يىلى)؛

فرانسىيە يولى ____ (1887-يىلى)؛

ژىل برالتار ____ (1887-يىلى)؛

ئىككى يىللىق تەتىل ____ (1888-يىلى)؛

ئىسىمسىز ئائىلە ____ (1889-يىلى)؛

شىمالى قۇتۇپقا يۈرۈش ____ (1889-يىلى)؛

سېزار كاسكابەل ____ (1890-يىلى)؛

برانىكان خانىم ____ (1891-يىلى)؛

كارپاتلار قەلئەسى ____ (1892-يىلى)؛

كلودىيۇس بومبارناك ____ (1892-يىلى)؛

ئېرلاندىيە ئوغلى ____ (1893-يىلى)؛

كاپىتان ئانتىفەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ____ (1894-يىلى)؛

ماشىنىلىق ئارال ____ (1895-يىلى)؛

بايراق ئالدىدا ____ (1896-يىلى)؛

كلوۋىس داردانتور ____ (1896-يىلى)؛

مۇز ئالۋاستىسى ____ (1897-يىلى)؛

گۈزەل ئورىنوكو دەرياسى ____ (1898-يىلى)؛

غەلىتە ئادەمنىڭ ۋەسىيىتى ____ (1899-يىلى)؛

ئىككىنچى قىسىم ____ (1900-يىلى)؛

ھاۋادىكى سەھرا- 1901-يىلى)؛

ژاڭ-مارى كابىدۇلەننىڭ قىسسىلىرى ____ (1901-يىلى)؛

ئاكا-ئۇكا كىپلار ____ (1902-يىلى)؛

ساياھەت ياردەم پۇلى ____ (1903-يىلى)؛

لىۋونىيەدىكى پاجىئە ____ (1904-يىلى)؛

دۇنيانىڭ خوجىسى ____ (1904-يىلى)؛

دېڭىز باسقۇسى ____ (1905-يىلى)؛

1856-يىلى، ژىيۇل ۋېرن كەلگۈسىدىكى ئايالى، 26 ياشلىق، ئىككى بالا بىلەن تۇل قالغان ئامىيەنلىك ياش ئايال ئونورىن مورەل بىلەن تونۇشۇپ توي قىلغان. 1861-يىلى يالغۇز ئوغلى مىشەل تۇغۇلغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#