تۇخۇم نەشپۈت
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇخۇم نەشپۈت كورلا ، ئاقسۇ ، قەشقەر ، ئىلى ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇنلاردا ئۆستۈرىلىدۇ . دەرەخنىڭ ياش نوتىللىرى كۈچلۈك ، ئەركىن راۋاجلىنىدۇ . مېۋە شاخچىلىرى شاخ غولى ۋە ئاساسىي غولدا تارقىلىپ قىسقا ، شالاڭ شەكىللىنىدۇ ، غولدىن تار بۇلۇڭ شاخ ئايرىيدۇ . مېۋە چۈشكەندىن كېيىن شاخلىرى ئىگىلىپ كېڭىيىدۇ .
بىر گۇل تىزمىسىدا 1 - 3 دانە مېۋە چۈشىدۇ . يوپۇرماقلىرى بىر قەدەر قېلىن . يوپۇرمىقىنىڭ شەكلى دۇگىلەك ، ئۇچى ئۇشلۇق ، چۆرىسى ھەرە چىشسىمان كىلىدۇ . كۆچىتى تىكىلىپ 4 - 5 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ . بۇ سورت 9 - ئاي ئىچىدە پىشىدۇ ، مەھسۇلاتى يۇقىرى ، 40 يىل بولغان دەرىخىمۇ يىلغا بىر توننىدىن كۆپ مېۋە بىرىدۇ . سوغۇققا چىدامچانلىقى ئوتتۇراھال .
شەكلى ۋە تەمى
مېۋىسىنىڭ شەكلى تۇخۇمسىمان ، ئېغىرلىقى 100 گرام ئەتراپىدا ، پوستى ئوتتۇرا ھال قېلىن ، ئەسلى رەڭگى يېشىل سېرىق ، ساقلىنىش جەريانىدا ، توم سېرىق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ . ئېتى چۈرۈك ، تەمى تاتلىق ، شېرىن ، سۇلۇق ، خۇشبۇي پۇرايدۇ ،، مېۋە ساپىقى ئۇزۇن ، سۈپىتى ياخشى .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.