قوبۇقسار بازىرى

قوبۇقسار بازىرى

قوبۇقسار بازىرى قوبۇقسار ناھىيەسى نىڭ شىمالىي جىلغىسى جايلاشقان، مەركىزى قوبۇقسار ناھىيەسى تەۋەلىكىدە، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى.

ئۇيغۇرچە نامى قوبۇقسار بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 44.2 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 和布克赛尔镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ
تەۋە رايون قوبۇقسار ناھىيەسى
نوپۇسى 11036 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوبۇقسار بازىرىقوبۇقسار ناھىيەسى نىڭ شىمالىي جىلغىسىغا جايلاشقان، مەركىزى قوبۇقسار ناھىيەسى تەۋەلىكىدە، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى، شەرقتە مۆتگې يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا ئادىل تېغىنىڭ شىمالدا مۆتگې يېزىسى خىش زاۋۇتى، شەرق-غەرب ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 6.3 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 67 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 44.2 كۋادرات كىلومېتىر؛ 

1977-يىلى قوبۇقسار بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان، ھازىر ئۇنىڭ قارىمىقىدا 84 بازار تۇرۇشلۇق ئورۇنلار، 3 مەھەللە ۋە بىر بازارلىق شىپاخانا، ئاھالىلەر 3385 ئائىلە، 11036 ئادەم بار، موڭغۇل، خەنزۇ، قازاق (ئۈچ مىللەتلەرنى ئاساس قىلىدۇ)، ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق 17 مىللەت قۇرۇلمىسى، موڭغۇل، خەنزۇ ئاھالىلەر بۇددا دىنى غا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنى غا ئېتىقاد قىلىدۇ. 

قۇبۇقسار بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى سەرۋەر جەنۇبىي كوچىسى 2-نومۇر. 

قوبۇقسار بازىرىيۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، بۇ جاي تۆت ئوردا قەبىلىسىنىڭ بىرى بولغان تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان جايى،سالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1757-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغارلارنىڭ توپىلىڭى تىنجىتىلغاندىن، بۇ جاينى تارباغاتاي باشقۇرغان. 

مىنگونىڭ 4-يىلى (1915-يىلى) ناھىيىلىك قوشتولغاي تارباغاتاي تەۋە بولغان. 

مىنگونىڭ 18-يىلى (1929-يىلى) بۇ ناھىيە ياردەمچى قوشتولغاي مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 

مىنگونىڭ 31-يىلى قوبۇقسار مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى مىنگونىڭ 33-يىلى (1944-يىلى) دەرىجىسى ئۆسۈپ، قوبۇقسار ناھىيەسى بولغان ھەمدە قوشتولغاي قوبۇقسارغا كۆچۈپ بارغان. تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارىغان. 

قوبۇقسار بازىرىيېقىندىن بېرى، قۇبۇقسار بازارلىق پارتكوم، ناھىيىلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شەھەر-بازار ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە مەھەللە ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي ئورۇن بەرپا قىلىش ۋە ئامان-ئېسەن بازىرى، ئەمىن مەھەللە قۇرۇلۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ، شەھەر-بازار ئاھالىسىنى يېتەكلەپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا. 

قوبۇقسار بازىرىشەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان، شەھەر رايونىنىڭ يوللىرى كەڭ، ساقلىق ساقلاش ۋە خەلققە قولايلىق ئىشخانا، بىنالار تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، چوڭ-كىچىك كوچىلار ھەممىسى يورۇتۇش ئۈچۈن يول چىرىغى ئورنىتىلغان. 

كەڭ بەلباغلىق تور مۇلازىمىتىنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ناھىيە بازىرىدىكى مەھەللە ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى مۇكەممەل، داۋالاش ئەترەتلىرى كەسپىي سەۋىيىسىنى كۈچلۈك، داۋالاش مۇلازىمەت سۈپىتى يۇقىرى، بازار كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش كۆلىمى ھەر يىلى 200 مو دىن كۆپىيىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش، داۋالىنىش شارائىتى ۋە تۇرالغۇ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان ۋە ئۆسكەن؛ 

قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يەر ئاستىدا مول قېزىلما بايلىقلار زاپىسى بار، دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشتە: كۆمۈر، تاش تۇز، تاش مۇم، سېغىز توپا، سېرپېنتىنىت، خروملۇق پولات، ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، ئۇران، نېفىت قاتارلىق 20 خىل قېزىلما بايلىق ئېنىقلانغان، قېزىلما بايلىق نۇقتىسىدىن جەمئىي 65 ى بار. 

قوبۇقسارنىڭ تاغ-دەريالىرى گۈزەل، مەنزىرىسى ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ. ھەيۋەتلىك تاغ خۇددى تەگلىكى رەڭگارەڭ چوڭ ئېكران ۋە قۇبۇقسار دەرياسى ئاق سۆكسۆكلۈكتە لەرزان ئاقماقتا، ئاۋۇزچى يازلىق يايلاق، تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ، بۈك باراقسان ۋە ياپيېشىل، چۆپلىرى ۋە سۇلىرى مول، قارىغاي جىلغا ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە ئارگېل ھور ئارىشىڭى بار، شەيتانكەرىش، ئاۋۇزچى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار. 

قۇبۇقسار بازىرىئىسلاھات ‐ ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغاندىن ئېتىبارەن بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم ناھىيە بايلىق، جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلەتتى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىستىراتىگىيىلىك ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دەسلەپكى يىرىك تۇز ئىشلەپچىقرىشتىن كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق تۈۋرۈك كەسىپلەر سانائەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن، مەدەنىيەت ساياھەت ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلاردا تېز تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جەنۇبىي يېزا ۋە دېھقانلار كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#