مارك زاكىربېرگ

مارك زاكىربېرگ

مارك زاكىربېرگ  بولسا 1984-يىلى5 -ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. ئۆسمۈر ۋاقتىدا ناھايىتى ياخشى بولغان تەربىيلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان (يەھۇدىيلارنىڭ بالا تەربىيلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ)، كىچىك ۋاقتىدا ئۇ ئۆسمۈر كومپىيۇتېر پېشۋاسى ئاتالغان. 10 ياش ۋاقتىدا ئۇ بىرىنچى قېتىم كومپىيۇتېرغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپلىگەن ۋاقتىنى كومپىيۇتېر ئىشلىتىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ

ئۇيغۇرچە ئىسمى مارك زاكىربېرگ
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى 1984-يىلى5 -ئاينىڭ 14-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى
ئەڭ چوڭ نەتىجىسى facebook نى قۇرغان
خەنزۇچە ئىسمى 马克·扎克伯格
مىللىتى
كەسپى IT, CEO
تۇغۇلغان جايى نىيۇ-يورك شىتاتى
چەتئەلچە نامى Mark Zuckerberg

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مارك زاكىربېرگمارك زاكىربېرگ بىر چىش دوختۇرى ۋە بىر پىسخىلوگىنىڭ بالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆسمۈر ۋاقتىدا ناھايىتى ياخشى بولغان تەربىيلىنىشكە مۇيەسسەر بولغان (يەھۇدىيلارنىڭ بالا تەربىيلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالىدۇ)، كىچىك ۋاقتىدا ئۇ ئۆسمۈر كومپىيۇتېر پېشۋاسى ئاتالغان. 10 ياش ۋاقتىدا ئۇ بىرىنچى قېتىم كومپىيۇتېرغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپلىگەن ۋاقتىنى كومپىيۇتېر ئىشلىتىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا مەكتىپى ئۈچۈن بىر مۇزىكا قويغۇچ لايھىلەپ بېرىدۇ، نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر ئۇنىڭغا تەكلىپ ئەۋەتىشىدۇ (ئىچىدە مىكروسوفت شىركىتىمۇ بار ئىدى)، ئەمما مارك يىللىقى 95 مىڭ دوللارلىق خىزمەتنى رەت قىلىدۇ. شۇنداقلا، خارۋاردقا كىرىپ ئوقۇشنى تاللايدۇ، خارۋاردتا بولسا ئۇ يەنىلا كومپىيۇتېرنى قىزغىن سۆيۈپ ماڭىدۇ، ئىككىنچى يىلى ئۇ مەكتەپ تورىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۆزى لايھىلىگەن تور بېكىتى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىملىرىنى يىغىدۇ ھەمدە تور بېكىتىدە رەسىم سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.

مارك زاكىربېرگخاككىرلىق ۋەقەسى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مارك ئىككى ياتاقدىشى بىلەن بىللە بىر ھەپتە ۋاقىتنى ئىشقا سېلىپ تور بېكەت سىستېمىسى خارۋارد ئىجدىمائىي ئالاقە تورى the face book نى قۇرۇپ چىقىدۇ. 2004-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان the face book بولسا خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. 2004-يىلى يىل ئاخىرىدا facebook نىڭ ئەزا سانى 1 مىلىيۇنغا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ مارك خارۋاردتىكى ئوقۇشىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تور بېكەتنى ماڭغۇزىدۇ.

2011-يىلى، 413 كىشى فوربىس قاتارىغا كىرىدۇ، facebook نىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى مارك بولسا، 13مىلىيارد 500 مىلىيۇن مەبلىغى بىلەن، 52-قاتارغا تىزىلىدۇ. ھەمدە، دۇنيادىكى ئەڭ ياش مىلياردېر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 2011-يىلى 11-ئايدا، ماركنىڭ فوربىس قاتاردىكى ئورنى 9-ئورۇنغا ئۆتىدۇ. 2012-يىلى 3-ئايدا بولسا مارك 26 مىلىيارد 600 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرلىق ئىقتىسادى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ ياش قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن باي بولۇپ سانىلىدۇ.

مارك زاكىربېرگمارك زاكىربېرگ face book بولسا بىر ئىجدىمائىي ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور بېكەت. 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. 2006-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 9-ئايغىچە بۇ تور بېكەت ئامېرىكا تور بېكەت دەرىجىسىدىكى 60-ئورۇندىن 7-ئورۇنغا ئۆتكەن. شۇنداقلا، ئامېرىكادىن ئەڭ چوڭ رەسىم ھەمبەھىرلەش تور بېكىتىگە ئايلانغان. Facebook تور بېكىتىگە ھەر كۈنى چىقىرىلىدىغان رەسىم سانى 8 مىلىيۇن 500 مىڭ پارچە. face book نىڭ نىشانى بولسا «ئىزدەش» كە قارىتىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ باش شتابى بولسا ئامېرىكانىڭ سان-فىرانسىسكودىكى كالفورنىيە كوچىسىغا جايلاشقان. face book نىڭ ھازىرچە 350 خىزمەتچىسى بار. face book نىڭ قۇرغۇچىسى Mark Zuckerberg بولسا، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىلگىرى Asdsley ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، face book نىڭ ئەزا تىزىملىتىش دائىرسى خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنى ئىچىدىلا چەكلەنگەن. كېيىن كېڭىيىپ بوستون رايونىدىكى، بوستون ئىنىستىتۇتى، بوستون ئۇنۋېرسىتېتى، نىيۇ-يورك ئۇنۋېرسىتېتى، شەرقى شىمال ئۇنۋېرسىتېتى، ماسسچۇسىتىس تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتى، سىتەنفورد ئۇنۋېرسىتېتى ھەمدە روسچىستېر ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىقلارغا ئېچىۋېتىلگەن. ئىككىنچى يىلى، كۆپلىگەن مەكتەپلارمۇ قوشۇلغان، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا، دۇنيا خارەكتېرلىك ئېچىلىپ، ئېلىكترونلۇق پوچتا يوللانما كەينى قوشۇلغۇچىسى edu, uk, ac لەردىن تەشكىللەنگەن ھەربىر كىشىنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، face book تا ئوتتۇرا مەكتەپ ھەمدە شىركەتلەرنىڭ ئىجدىمائىي ئالاقە بېتى قۇرۇشقا يول قويۇلغان. 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئىناۋاتلىك يوللانما ئادىرېسى ۋە يېشى بىلەن تىزىملاتسا بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. 2007-يىلى 7-ئايدا، face book نىڭ ئەزا سانى 30 مىلىيۇنغا يېتىپ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك ماركىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

Face book تور بېكىتىfacebook نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى، face book نامى بولسا «رويخەت» دېگەن ئۇقۇمدىن كەلگەن. ئامېرىكىدىكى ئۇنۋېرسىتېتلاردا يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىكى بارلىق كونا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىملىك قەغىزىنى تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كونا ئوقۇغۇچىلارنى تونىۋېلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارتىلىپ بېرىلەتتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#