شامىل شاكىر
شامىل شاكىر _ شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق ئاتاقلىق ياش ئۆزبېك ناخشىچىسى، رىياسەتچى، تونۇلغان ئىجادىيەتچى، پۈتۈن ئارمىيە بويچە مۇزىكا ساھەسىدە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىس.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1976- يىلى گۇچۇڭ ناھىيەسى دە ئەسكەرلىككە قاتناشقان. ئۇ قىسىمدا جەڭچى، كاتىپ، پەيجاڭ، مۇئاۋىن كومىسسار، كومىسسار قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ تۆۋەندە دېۋىزىيە كومىسسارى بولغان مەزگىلىدە، خىزمەتتىكى تۆھپىسى ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى يىل ئۇدا 3- دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ئىلغا كوممىسسار بولغان. 1984- يىلى 12- ئايدا، شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىسى بولغان. 1986- يىلى ناخشىچىلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، پروفېسسورى لى شۇاڭجياڭنىڭ تەربىيىسىدە بولغان.
1981- يىلى پۈتۈن ئارمىيە بويچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت بايرىمىدا «مەن ليەندۈينىڭ ناخشىچى» ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنداش ۋە ئىجادىيەت تۈرى بويچە ئىككى تۈردە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1984- يىلى لەنجۇدا پۈتۈن ئارمىيە بويچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت مۇسابىقىسىدە، «مېنىڭ ناخشام››، «مېنىڭ راۋابىم»قاتارلىق ناخشىسى ئورۇنداش، ئىجادىيەت قاتارلىق ئۇچ تۈردە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1985- يىلى «بادام دوپپا››، «شىنجاڭ ياخشى »ناملىق ناخشىلىرى مەملىكەت بويچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1989- يىلى «قاراۋۇلخانا ۋە مەن »ناملىق ناخشىسى پۈتۈن ئارمىيە بويچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئورۇنداش 2- دەرىجىلىك ۋە ئىجادىيەت 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
1992- يىلى 6- نۆۋەتلىك پۈتۈن ئارمىيە بويچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت مۇسابىقىسىدە «قىسمىدىكى ھەپتە ئاخىردىكى كېچىلىك »ناملىق ناخشىسى ئورۇنداش ۋە ئىجادىيەت قاتارلىق ئىككى تۈردە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1994- يىلى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئىككى قېتىم چوڭ تىپتىكى يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. 1996- يىلى مەملىكەت بويچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «كۇڭ فەن سىنگە مەدىھە ››تېمىسىدىكى ناخشا مۇسابىقىسىدە ئېيتقان «سېغىنىش»ناملىق ناخشىسى ئورۇنداش ۋە ئىجادىيەت قاتارلىق ئىككى تۈردە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1996- يىل 7- ئايدا، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىشى»سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشتى ھەم «جۇڭگو مىللىي ناخشىلىرى مۇزىكا كېچىلىكى »گە قاتنىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويچە ئەڭ تەسىر كۇچىگە ئىگە ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇنىڭ 18 ناخشىدىن تەركىپ تاپقان «غەربى رايون بۈركۈتى»ناملىق MTV پلاستىنكىسى تارقىتىلدى. بەش نۆۋەت جياڭ زېمىن، لى پىڭ، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئىجاد قىلغان يېڭى تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بېرىش 60 پارچىدىن ئارتۇق، تارقىتىش ناملىق مەخسۇس كاسسېتا 4 مەيدان ئويۇن قويغان، cd مەخسۇس بىر پارچە، ئۇ تۇنجى بولۇپ ئېيتقان ئۇيغۇرچە ناخشا «سادىق »، « خىيال قىلماق» « بۆرە ھەققىدە رىۋايەت »، « سالام » قاتارلىق ۋە « بادام »، « ھەپتە ئاخىرى يىغىلىش »، « يەكەن دەريا » ، « شىنجاڭ سۆيۈملۈك يۇرتۇم » قاتارلىق نەچچە ئونلىغان خەنزۇچە ناخشا ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە بەش قېتىم جياڭ زېمىن، لى پېڭ ، جۇ رۇڭجى، خۇ جىنتاۋ، چى خاۋتىيەن، جاڭ ۋەننىيەن قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرى قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان. — دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر شىنجاڭ ئارتىسى. شامىل سەنئەت جەھەتتىكى گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئون نەچچە قېتىم ھەر دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئىككىنچى دەرىجىلىكتى 2 ئىككى قېتىم 3 - دەرىجىلىكتە تۆت قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن. ۋەتەنگە بولغان سادىقلىق، مىللىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە جەڭچىلەرنىڭ ھەقىقى ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان تۈپ ئاساسى. ئۇ تالانتلىق ياش سەنئەتكار. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
ياردەم تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.