سايرام بازىرى

سايرام بازىرى

سايرام بازىرى باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 28 كىلومېتر.

ئۇيغۇرچە نامى سايرام بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 971.75 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 赛里木镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 15095 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سايرام بازىرىسايرام بازىرى باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 28 كىلومېتر. شەرقىي تەرىپى قىزىل يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي تەرىپى توقسۇ ناھىيەسى ئارقىلىق چۆلتاغ تېغىنى پاسىل قىلىدۇ، غەربىي توقسۇن يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى تاغ چوققىلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 15 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 70 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 971.75 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ كۆلىمى 141 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سايرام بازىرىغا قاراشلىق 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار، نوپۇس 15095 ئادەم، يېزىلىق ھۆكۈمەت توقاچ مەھەللە كەنتىدە. ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ.

سايرام بازىرىسايرام بازىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، بۇ يېزا يېرىنىڭ شىمالى ئېگىز، جەنۇبى پەس، شىمالىي قىسمى تاغلىق رايون، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1396-1201مېتىر. مۇتلەق كۆپ قىسمى قۇمساڭ ئەت تۇپراق. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45574 مو. ئوتلاق كۆلىمى 33000 مو، يازلىق يايلاقنىڭ كۆپىنچىسى شىمال قىسمىدىكى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا، ئېگىز تاغلىق رايونلىرى، قىشلىق ئوتلاقنىڭ كۆپ قىسمى تۆۋەن ئوتتۇراھال تاغلىق رايونى. 

سايرام بازىرىسايرام بازىرىنىڭ كىلىماتى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 88 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1638.2 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.5، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃15.6-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 23.8 سېلسىيە گرادوس، يىللىق قىروسىز مەزگىل 160 ~ 150 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. پۈتۈن بىر يىلدا، كۆپىنچە 3-2 بال شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدۇ، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 11 بال.

سايرام بازىرىسايرام بازىرىنىڭ شىمالىدىكى ئورمان رايونىدا، يىلپىز، سۇغۇر، قىرغاۋۇل قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار. ناھىيە تەۋەسىدە كۆمۈر، نېفىت قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بار، يەر ئاستى سۇ بايلىقى بىر قەدەر مول، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى كۆپ چىقىدۇ. 

پۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇغداي، قوناق، كېۋەز، زىغىر، قىچا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. سايرام بازىرى باي ناھىيەسىدىكى ئاشلىق چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#