ئەرمۇدۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەرمۇدۇن دەرىخى تەڭرىتاغ باغلىرىدا ، ئىلى تاغلىرىدا تەبىئىي ئۆسىدۇ ، ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك ، يۇپۇرمىقى شاپتۇل يۇپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. مېۋىسى يۇمىلاق ، كەچ كۈزگە يىقىن ئوبدان پىشىدۇ . ئۇرۇقنىڭ شەكـلى سېـلىندىر شـەكىـللىك بۇلۇپ قۇشقاچنىڭ تىلىغا ئوخشايدۇ. مېۋىسىنىڭ سىرتقى پوستى سۇس جىگەر رەڭ ياكى پور رەڭ، ئىچكى تەرىپى سېرىققا مايىل ئاق.
تار يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن ، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن ، ئەرمۇدۇن ، شالاڭ گۈللۈك ئەرمۇدۇن ، بېغىر رەڭ تۈكلۈك ئەرمۇدۇن ، كۆپ گۈللۈك ئەرمۇدۇن دەرىخى ، نۇر موم دەرىخى ، خۇبېي ئەرمۇدۇن دەرىخى ، ئاچچىق كاشتان ئەرمۇدۇن دەرىخى، يۈننەن ئەرمۇدۇنى ، ئاق ئەرمۇدۇن دەرىخى ، مانجۇرىيە ئەرمۇدنى ، لۇشەن ئەرمۇدۇن دەرىخى ، ئۇچلۇق گۈل كاسىلىق ئەرمۇدۇن دەرىخى ، چىنلىڭ ئەرمۇدۇن دەرىخى ، ئامېرىكا قىزىل ئەرمۇدۇن دەرىخى ، كەڭ مېۋىلىك ئەرمۇدۇن ، چىپار يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دەرىخى ، پىستە يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن ، ئۇچلۇق يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن ، سىچۈەن ئەرمۇدۇن دەرىخى ، سىككىم ئەرمۇدۇنى ، تەڭرىتاغ ئەرمۇدۇن دەرىخى ، تۇرغۇن ئانىلىق بويۇنلۇق ئەرمۇدۇن دەرىخى ، ئۇچلۇق يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دەرىخى ، ئۈچ يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن ، كۆپ تىكەنلىك ئەرمۇدۇن دەرىخى قاتارلىقلار.
ئەرمۇدۇن كۈنپەرەس دەرەخ تۈرىگە تەۋە بۇلۇپ، ئۈششۈككە بىر قەدەر سەزگۈر . بىر قەدەر مۇنبەت ، نەم تۇپراق ، تۈزلەڭلىك ياكى دەريا جىلغىلىرىغا تارقالغان .
دورىلىق قىممىتى
ئەرمۇدۇن دەرىخى ئۇرۇقى پەي، مۇسكۇل، تارامۇشلارنى چىڭىتىش ،باھنى قۇۋۋەتلەش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، مەنى كۆپەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
1. 10 گرام ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى مېغىزى بىلەن 2 دانە تۇخۇم سېرىقىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە كۆپ ئىھتىلام بولۇشقا شىپا بولىدۇ .
2. ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، ھەجىرۇل يەھۇد ، ئوغرى تىكەن ، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى ئېزىپ سۇپۇپ تەييارلاپ كۈندە ئىككى ۋاخ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە بۆرەكتىكى تاشنى پارچىلايدۇ .
3. يەككە ھالەتتە ئېزىپ مۇۋاپىق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە جىنسىي ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.