بەشكەنت بازىرى

بەشكەنت بازىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي بازار. شەرقى تىزناپ دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بەشكەنت بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 2 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نۇمۇرى 0998
خەنزۇچە ئاتىلىشى 白什坎特镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى
نوپۇسى 38612 ئادەم (1984-يىلى)
ماشىنا كودى يېڭى Q

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەشكەنت بازىرىبەشكەنت بازىرى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي بازار بۇلۇپ، شەرقى تىزناپ دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. بازارغا قاراشلىق 25 كەنت. بازارلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق تاتارساڭ كەنتى، بازار رايونى كرېست شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئاسفالت يول يۈزى كرېست شەكىللىك، يول بويىغا يېزا ئورگان، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار كۆپ تارقالغان.

بازار رايونى كۆلىمى 2 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نوپۇسى 38612 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 38434 ئادەم، خەنزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى ۋە ئۆزبېك مىللىتى 178 ئادەم. 

بەشكەنت ئۇيغۇر تىلى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بەش كەنت بۇلۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە 500 نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ يەردە ئامبار، مازار، تاتار، ئەخارىق، تاسقىما قاتارلىق 5 كەنت بولغان. ئەسلى ئىسمى بەشكەنت. 1984-يىلى بازار تەسىس قىلىنغان. 

بەشكەنت بازىرىتەبىئىي بايلىقلىرى تارقىلىشى كەڭ، سورتى يۇقىرى، قېزىشقا ئوڭاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان رۇدىسى 60 خىل، قېزىلما بايلىق نۇقتىسى 310، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى كان ياتمىسىدىن 14 ى، ئوتتۇرا تىپتىكى كان ياتمىسى 20 ى، كىچىك تىپتىكى كان ياتمىسى 37 گە، كان نۇقتىسى 239. كۆمۈر، تۇز، سېلىترا، تاش مۇم، ھاك تاش، مىس، ئالتۇن، گرافىت، مەرمەر تېشى، كۆپمە توپا، دولومىتلىق سۈر تاش، گرانىت تاش قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر زاپىسى سېلىنمىسى 1 مىليارد 470 مىليون توننا، تۇز 130 مىليون توننا، 49 مىليون 600 مىڭ توننا شور، 100 مىليون توننا گەج، بىنتونىت 440 مىليون توننا، تۆمۈر 380 مىليون 500 مىڭ توننا، 60 توننا ئالتۇن. يايلاق كۆلىمى 69 مىليون، ئورمان يېرى 1 مىليون 200 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەر 240 مىڭ موغا يەتكەن.

بەشكەنت بازىرىيېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، ئاق قوناق قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق، يەم-خەشەك، ياغلىق دان، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ، ئالاشەن قوش لوكىلىق تۆگىسى ۋە ئالاشەن تىپىدىكى ئاق تىۋىتلىك ئۆچكە بۇ جايدا ئىككى چوڭ ئېسىل چارۋا تۈرى. 

بازاردا قۇرۇلغان كارخانىلاردىن سۇ ئېلېكتىر، ماي مەيدانى، رېمونت قىلىش، بىناكارلىق، تىككۈچىلىك، باقمىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن: ياغاچ قوشۇق، ياغاچ ئارا، دېھقانچىلىق سايمانلىرى قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#