ئالەم ئۇچقۇچىلىرى

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇشنى كەسىپ قىلغان ياكى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇپ باققان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ .

ئۇيغۇرچە نامى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى
ئىنگلىزچە نامى spaceman
خەنزۇچە نامى 宇航员
پىنيىنچە يېزىلىشى yǔ háng yuán

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالەم بوشلۇقىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كۆپىنچە ۋاقىتتا ئالەم قاتنىشى ئۈسكۈنىسىنىڭ بۆلمىسى ئىچىدە تۇرىدۇ. بۆلمە ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە ھاۋا بېسىمى يەر يۈزىدىكى مۇھىتتىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بۇ چاغدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىمىنى كىيمەي، بۆلمە ئىچىدە ئەركىن-ئىختىيارى لەيلەپ يۈرسە بولىدۇ.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىئەگەر ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۆلمىدىن چىقىپ، ئالەم بوشلۇقىدا تۇرماقچى بولسا، قېلىن تىكىلگەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىمىنى كىيىۋېلىشى زۆرۈر. چۈنكى ئالەم بوشلۇقىدا ھاۋا يوق دېيەرلىك، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى جىددىي بولۇپ، ھەممىلا يەرنى خەتەرلىك ئالەم نۇرلىرى قاپلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالەم بوشلۇقىدىكى چوڭ-كىچىك مېتېئورىتلار ۋە ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرى ھەمىشە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىمى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىدىن كېلىدىغان ھەر خىل زىياندىن ساقلاپ قالىدۇ.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىيىمىنىڭ لايىھەلىنىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئىچ-تېشى بىر نەچچە قەۋەتتىن تۈزۈلگەن، ئەڭ سىرتىدىكى بىر قەۋەت چىداملىقلىقى يۇقىرى بىرىكمە تالادىن ئىشلەنگەن بولۇپ، مېتېئورىت قاتارلىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدۇ، يەنە ئالەم نۇرلىرىنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەۋەت بېسىم ئاشۇرۇلغان قەۋەتتىن ئىبارەت بېسىم ئاشۇرۇلغان قەۋەتكە ھاۋا تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ نورمال بېسىم مۇھىتىدا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكىسى تېمپېراتۇرا تەڭشەش قەۋىتىدىن ئىبارەت، بۇ قەۋەتكە ئىنچىكە نەيچىلەر قاتار-قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىنچىكە نەيچىگە تېمپېراتۇرا تەڭشەش سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىنى تەڭشىۋالالايدۇ. ئەڭ ئىچىدىكىسى بەدەنگە تېگىپ تۇرىدىغان ئىچ كىيىمدىن ئىبارەت. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىچ كىيىمى يەڭگىل ۋە يۇمشاق، ئېلاستىك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭغا يەنە ھەر ۋاقىت ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يۈرەك رىتىمى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ھەمدە ئۇچرىغان رادىياتسىيەنىڭ كۈچلۈكلۈكى قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ تۇرالايدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەنە رېئاكتىپ سومكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ، خەۋەرلىشىش سومكىسى بولسا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى شېرىكلىرى بىلەن ئۆز ئارا سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىئالەم قاتنىشى پائالىيىتى بىر خىل ئالاھىدە كەسپى پائالىيەت ،ئۇ خىزمەت مۇھىتى ئالاھىدە ، كەسپىي ماھارەت ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئۇچۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . بۇنداق كەسىپ ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ساغلام بولغان بەدەن شەكىل تەلەپ تەلەپ قىلىپلا قالماستىن ياخشى پىسخىك ساپاسى ، بەلكى ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدا يۈكسەك چىدامچانلىق ۋە بېسىمغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك  ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە مول بىلىمىنى ھازىرلىشى ، يۇقىرى ماھارەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئالەم قاتنىشى تارماقلىرى ھەممىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاش ئېلىپ بارىدۇ .

1-ئاساسىي شەرت

ئۇچقۇچى تاللاش بىلەن ئوخشاش ، ئەمما مەدەنىيەت سەۋىيەسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ بار .

2-مېدىتسىنالىق تاللاش

ئۇچقۇچىنىڭ تېببىي تاللاش شەرتلىرىدىن باشقا ، يەنە يوشۇرۇن بولغان تارىخى جەھەتتە نېرۋا - ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق تەرەپلەرگە دىققەت قىلىش. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش داۋامىدا ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسى ، دالانچە ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش سېزىمى سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش.

3-پىسخىكىلىق تاللاش

پىسخىكا ساپاسى تاللاش ئالەم ئۇچقۇچىسىنى تاللاشتىكى  مۇھىم تەلەپ ، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ مىجەزى ، كەيپىيات تۇراقلىقى ، روھىي ھالىتى ، باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ماسلىشىشچانلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇشچانلىقى قاتارلىقلارنى ئېنىق تەكشۈرۈش كېرەك . 

4-ئالەم بوشلۇقى ئالاھىدە مۇھىتىدىكى چىدامچانلىق تاللاش

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىئادەملىك ئالەم قاتنىشى دەسلەپكى مەزگىلدە ، كىشىلەر ئالاھىدە مۇھىت چىدامچانلىقى تاللاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ،  لېكىن ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئىچكى مۇھىتنىڭ قەدەممۇ قەدەم ياخشىلىنىشى بىلەن ، بەزى ئالاھىدە مۇھىت ئامىلى سىنىقى ، مەسىلەن ، شاۋقۇن ، تەۋرەش , تېمپېراتۇرا قاتارلىقلار ئاللىقاچان تاللاشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئەمەس بولۇپ قالدى .ئالاھىدە مۇھىتقا چىدامچانلىق تاللاش ئاساسلىقى ئېغىرلىقنى يوقىتىش ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ماسلىشىش ئىقتىدارى تەرەپتىن سىنىلىدۇ . مەسىلەن ، دەھلىز ( قۇلاقنىڭ ) ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ، ئېغىرلىق ئېشىپ كېتىشكە بولغان چىدامچانلىق تەكشۈرۈش ، تۆۋەن بېسىمدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك چىدامچانلىق كۈچىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار .

بۇ تۈرلەر تەكشۈرۈلۈپ بولۇنغاندىن كېيىن تېببىي خادىملار تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە يەككە تۈر ۋە ئۇنىۋېرسال تۈر بويىچە باھالاش ئېلىپ بېرىپ ئومۇمىي باھا چىقىرىدۇ .[2]

خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتى يېقىندا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم كېمىسىگە چىقىپ ئۇچقانلىقىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتىۋالدى. ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆتكەن 5400 دىن كۆپرەك كۈن ئىچىدە ئالەم بوشلۇقى بېكىتى 45 تۈركۈمدە 220دىن كۆپرەك ئالەم ئۇچقۇچىسىنى قوبۇل قىلدى. ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان بۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەرشارىدىكى تۇنجى تۈركۈم «ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئاھالىلىرى» ھېسابلىنىدۇ. بۇ زەربىدارلار ئالەم بوشلۇقىدا ياشاپ، ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ھايات كەچۈرۈش تارىخىنى ياراتتى. سۈرەتتە: 2010-يىلى ئالەم ئۇچقۇچىسى تىرېس دىسېن خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىنىڭ دېرىزىسىدىن يەرشارىغا نەزەر سالماقتا.

ئالەم ئۇچقۇچىسى تىرېس دىسېن خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتى

ئالەم بوشلۇقىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشخەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقىنىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارلىقى 400 كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن بىر پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدۇ، بۇ ئالەم بوشلۇقى بېكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدىكى ئامېرىكا-روسىيە سوغۇق ئۇرۇشىدىن باشلانغان بولۇپ، سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن روسىيە ھەمكارلىشىپ بۇ ئالەم بوشلۇقى بېكىتىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان. 1998-يىلى 11-ئايدا خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىنىڭ بىرىنچى يۈك بۆلمىسى مۆلچەرلەنگەن رېلىسقا كىرگەن، 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇنجى تۈركۈم ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ ئالەم بوشلۇقىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 15 يىل مابەينىدە كۆپ دۆلەت ھەمكارلىشىپ قۇرغان بۇ ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە ئەزەلدىن ئادەم كەم بولۇپ باقمىغان.

ھازىرغىچە خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتى ئالدى-كەينى بولۇپ 45 تۈركۈمدە 220دىن كۆپ ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۈتىۋالدى، ھەر بىر تۈركۈم ئۇچقۇچىلارنىڭ سانى ئالتە ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار ئالەم بوشلۇقىدا يېرىم يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن تۇرۇپ قالىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا بولغاچقا تاماق يېيىش، تەرەتكە چىقىش، ئۇخلاش قاتارلىق ئاددىي ئىشلارمۇ ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئالاھىدە تەييارلىنىدۇ، مەسىلەن: ئۇچقۇچىلارنىڭ ئىچى قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا تالالىق يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ، يەۋاتقاندا توزۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېمەكلىكلەرنىڭ يېپىشىشچانلىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. تۇز، ئۇۋاق لازا قاتارلىق تەم تەمشىگۈچلەرمۇ سۇيۇق ھالەتتە ساقلىنىدۇ. تاماق يېگەندە كۆپچىلىك بىر يەرگە يىغىلىپ، بىر-بىرىنى ئۆز-ئارا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدىكى كۆكتاتلارئالەم بوشلۇقى بېكىتىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يۈك توشۇغۇچى ئۇچار كېمە ئەكىلىپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا تېرىغان كۆكتاتلارنى يەيدىغان بولدى. ئالەم بوشلۇقى بېكىتى ئىچىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بۇ كۆكتاتلارنى بۆلۈشۈپ يېدى، ھەمدە ئالەم بوشلۇقىدا پىيادە مېڭىۋاتقان روسىيەلىك خىزمەتدىشىغىمۇ ئازراق قالدۇرۇپ قويدى. ئالەم بوشلۇقىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇ تۈركۈم كۆكتاتلارنى مارىسقا چىقىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم دېيىشكە بولىدۇ.



ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ، قۇياش نۇرىغا قاقلانمىغاچقا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتات تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنى دائىم تولۇقلاپ تۇرۇشى كېرەك. سۈرەتتە: 2015-يىلى ئالەم ئۇچقۇچىسى شىر لىندىگلۇن يېڭىدىن كەلگەن كۆكتاتلارنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالدى.

ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ خۇشاللىقى

ئالەم بوشلۇقىدىكى ئىچىملىك سۇمۇ باشقا يېمەكلىكلەرگە ئوخشاشلا يېپىق خالتىلارغا قاچىلاپ ئېلىپ كېلىنىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىۋاستە ئېغىزى بىلەن سۇ ئىچەلمەيدۇ، ئۇلار ئالدى بىلەن سۇنى نەيچە ئارقىلىق ئېغىزىغا كىرگۈزىدۇ، لېكىن بەك كۈچەشكىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا سۇ پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. سۈرەتتە: 2011-يىلى ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى مايكول بارات بۆلمە ئىچىدە سۇ تامچىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا لەيلىگەن ھالىتىنى كۆرسەتمەكتە.

سۇ تامچىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا لەيلىگەن ھالىتى

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇخلىشىئۇخلاش قارىماققا ئىنتايىن ئاسان ھەم راھەت ئىشتەك تۇيۇلسىمۇ لېكىن ئالەم بوشلۇقىدا ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىنىڭ ھەر بىر ئۇخلاش بۆلمىسى پەقەت ئايروپىلانلارنىڭ ئوبىرنىسىدەك چوڭلۇقتا بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۇخلىغان ۋاقىتتا بىر قاتلانما ئىشىكنى يېپىپ قويىدۇ، ئاندىن نەچچە سائەتلىك جىمجىتلىقتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ھەر بىر ئۇخلاش بۆلمىسىدە ئىچكى تامغا چېتىپ قويۇلغان ئۇخلاش خالتىسى بار بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇخلاشقا تەييارلانغان ۋاقىتتا مۇشۇ ئۇخلاش خالتىسىغا كىرىپ ئۇخلايدۇ.

بەزى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مۇنداق دەيدۇ:« ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە تۇرۇش روھىي جەھەتتىكى سىناق ھېسابلىنىدۇ. يەرشارىدا كۈندۈز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلىسام شۇنداق راھەت ھېس قىلىمەن. ئۆرە تۇرغان ۋاقىتتا پۈتۈن بەدەننىڭ ئېغىرلىقى پۇتقا چۈشىدۇ، لېكىن ياتقان ۋاقىتتا بولسا پۇتۇم ئارام تېپىپ قالىدۇ. لېكىن ئالەم بوشلۇقىدا سىز بۇنداق ھېسىياتنى ھەرگىزمۇ ھېس قىلالمايسىز. چۈنكى سىزنىڭ ئېغىرلىقىڭىز ئەزەلدىن پۇتىڭىزغا چۈشمەيدۇ. شۇڭا سىز ئۇخلىغان ۋاقىتتا راھەتلىنەلمەيسىز.» بەزى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئۆزىنى تامغا مۇقۇملاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى راھەت تۇيغۇنى ئىزدەيدۇ.

ياپونىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئوبىرنىنى رېمونىت قىلىۋاتىدۇيەرشارىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتى ئىچىدىمۇ ئوبىرنى بار. لېكىن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى مەيلى چوڭ-كىچىك تەرەت بولسۇن ھەممىسىنى ۋاكۇئۇم توزان سۈمۈرگۈچ بىلەن سۈمۈرۈش كېرەك، شۇڭا ھاجەتكە چىقىشمۇ بىر ئاۋارىچىلىق ھېسابلىنىدۇ. 


ئالەم بوشلۇقىدا سۇ ئىنتايىن قىممەتلىك. خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەر كۈنى 3.5 لېتىر سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. سۇنى ئاسراپ ئىشلىتىش كېرەك بولغاچقا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى داۋاملىق ھۆل لۆڭگە بىلەن بەدىنىنى سۈرتىدۇ، ئالاھىدە ياسالغان يۇمىسىمۇ بولىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا چېچىنى يۇيىدۇ.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى2013-يىلى ئامېرىكىلىق ئايال ئالەم ئۇچقۇچى كارون نىبېيىل ئالەم بوشلۇقىدا چاچ يۇيۇش جەريانىنى مەخسۇس فىلىمگە ئالدى، بۇ فىلىم توردا قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشتى. فىلىمدە ئۇ ئالدى بىلەن ئازراق سۇنى سىقىپ چىقىرىپ چېچىنى نەملىدى، ئاندىن قول بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنى سىلاپ سۇنىڭ چېچى ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشىنى تىزلەتتى، ھەمدە چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن چېچىنى يۇيۇشقا باشلىدى. يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئازراق سۇ قوشۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا لۆڭگە بىلەن چېچىنى سۈرىتتى. چېچىنى يۇيۇشقا ئىشلەتكەن سۇ پارغا ئايلىنىپ ھاۋا تەڭشىگۈچ سىستېمىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىپ ئىچىملىك سۇغا ئايلاندۇرۇلدى.

ئادەم ئېغىرلىقىنى يوقاتقاندا سۆڭەكلىرى تېز سۈرئەتتە شالاڭشىپ كېتىدۇ، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئۇچقۇچىلار مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولسۇن بىر ئايدىلا %1 سۆڭىكىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە تۇرۇش جەريانىدا چوقۇم بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. پىلانغا ئاساسەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ھەر كۈنى 2.5 سائەت بەدەن چېنىقتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. 

بەدەن چېنىقتۇرۇشلېكىن بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن تەر چىقىش ئالەم بوشلۇقىدا ياخشى ئىش ھېسابلانمايدۇ، بەزى ئالەم بوشلۇقى ئۇچقۇچىلىرى مۇنداق دەيدۇ:« يەرشارىدا بەدەن چېنىقتۇرغاندا تەر ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، لېكىن ئالەم بوشلۇقىدا بەدەن چېنىقتۇرغاندا بولسا تەر تامچىلىرى كۆزنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىۋېلىپ، بىر ئازدىن كېيىن ھەر تەرەپلەرگە ئۇچۇشقا باشلايدۇ.» شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە بەدەن چېنىقتۇرغاندا تەرلىرىنى قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئېيتىۋېتىدۇ.

ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە خىزمەت قىل2003-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە ئون نەپەر ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالدى-كەينى بولۇپ خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە خىزمەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۈندىلىك خاتىرە يازدى، ھەمدە ئىنسانشۇناس جېك سىتۇسنىڭ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن بەردى. بۇ كۈندىلىك خاتىرىلەر جەمئىي 300 مىڭ خەتكە يېتىدىغان بولۇپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشى خاتىرىلەنگەن. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كۆپ ۋاقىتلاردا ئىنتايىن جىددىي تۈستە خىزمەت قىلىدۇ، كەيپىياتى ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ، يەنە بەزى ۋاقىتلاردا زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ. يەنە بەزى ۋاقىتلاردا ئاچچىقى كېلىپمۇ قالىدۇ. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان كىشىلەر ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كۈلكسىگە كۆنۈپ قالدى، ئەمەلىيەتتە بۇ كۈندىلىك خاتىرىلەرلا ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.


كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىئادەتتە توققۇز سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا 15 سائەت ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ۋە ئارام ئېلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىدى. كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ جاسارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. غەرب ئەللىرىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئورگانلىرى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ روھىي ھالىتىگە بەكلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇڭا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن مەبلەغ سالىدۇ.

مۇزىكىغا نۇرغۇن كىشىلەر ئىشتىياق باغلىغان بولىدۇ.


ئەنئەنىۋى بايرام كۈنلىرىنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالاھىدە ئۇسۇلدا خاتىرىلەيدۇ. سۈرەتتە: 2012-يىلى روژدېسىتۋو بايرىمى مەزگىلىدە ئالتە جۈپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان پايپاق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىگە ئېسىپ قويۇلدى.

ئالاھىدە ئۇسۇلدا خاتىرىلەش

2014-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى روسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتى ئىچىدە ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ئەھۋال ئاستىدىكى مەشئەل يەتكۈزۈپ بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە تۇرۇشلۇق ھەر بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى مەشئەل كۆتۈرگۈچى بولدى. سۈرەتتە: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، روسىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئولىگ كىتوف بىلەن شىرگەي لىيزەنسىج قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىنىڭ بۆلمە سىرتىدا ماڭماڭتا.

ئولىمپىك يىغىنىنىڭ مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ ماڭماقتا

بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتتا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا مۇسابىقە نەق مەيدانىنى كۆرۈپلا قالماستىن بەلكى ئالەم بوشلۇقىدا پۇتبول ئوينىدى،

ئالەم بوشلۇقىدا پۇتبول ئويناش

يەرشارىدىكى ئاشىق-مەشۇقلار ئارلىقنىڭ يىراقلىقىدىن ئازاپلىنىدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. سىكىت كېللى ھازىرغىچە خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە يېرىم يىلدىن ئارتۇق تۇردى، ئۇنىڭ پىلانى بولسا بىر يىل تۇرۇش ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئارلاشقىلى بەش يىل بولغان قىز دوستى بولسا تېكساس شىتاتىدا تۇرىدۇ. بۇ بىر جۈپ ئارلىقى ئەڭ يىراق بولغان ئاشىق-مەشۇقلار سېغىنىش ئازاپىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئۈندىداردىكى دوسىتلار چەمبىرىكىگە كۈندىلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى چىقىرىدۇ. سۈرەتتە: ئىككىيلەن دېرىزە سىرتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە چۈشتى.

ئىككىيلەن دېرىزە سىرتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ سۈرەتكە چۈشتى

قىزىقارلىق يېرى شۇكى سىكىتنىڭ قوشكېزەك ئاكىسى بار بولۇپ، ئۇمۇ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئىدى. ئۇلار ئىككىسى بىردىنبىر ئالەم بوشلۇقىدا كىرىپ باققان قوشكېزەكلەر ئىدى. بۇ قېتىملىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە تۇرۇش جەريانىدا سىكىت ئالەم بوشلۇقى رېلىسىدا سىناقنى قوبۇل قىلىدۇ، قوشكېزەك ئاكىسى بولسا يەر يۈزىدە سىناقنى قوبۇل قىلىدۇ. سىكىت ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە تۇرۇشتىن بۇرۇن، ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە تۇرۇش جەريانىدا ۋە كېيىن تەتقىقاتچى خادىملار قەرەرلىك ھالدا ئىككىيلەننىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، ئالەم بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى ئانالىز قىلىدۇ.

قوشكېزەكلەر

ساياھەت2000-يىلىدىن تارتىپ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقى بېكىتىگە كىرىشكە باشلىغاندىن بۇيان خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتى ئادەتتىكى ئادەملەر ھەۋەس قىلىدىغان ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ قالدى. لېكىن باھاسى قىممەت، جىسمانىي جەھەتتىكى تەلەپ بەك يۇقىرى بولغاچقا نۆۋەتتە پەقەت يەتتە نەپەر ساياھەتچى بۇ ئارزۇسىغا يەتتى. سۈرەتتە 2009-يىلى كانادادىن كەلگەن باي گەي رالىبوت ( تۆۋەنكى رەت سولدىن ئىككىنچى) ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن بىللە قىزىل بۇرۇن تاقاپ قىزىقچىلىق قىلماقتا. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ساياھىتى 15 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، چىقىمى 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان ئىدى.

ئالەم بوشلۇقى

كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئانچە-مۇنچە ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش خىيالى بار، بولۇپمۇ بالىلىق ۋاقىتلاردا ھەممە ئادەم دېگۈدەك شۇنداق ئارزۇدا بولىدۇ. ئالەم بوشلۇقىغا بولغان قىزىقىش كىشىلەرنى پەن-تېخنىكىنى توختىماي راۋاجلاندۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە ئالەم بوشلۇقىنى شەخسىي ساياھەت قىلىش پەقەت بىر نەچچە داڭلىق پۇلدارلارنىڭلا مەخسۇس ھوقۇقى بولۇپ قالمايدۇ، بەلكى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سىناپ باقىدىغان ساياھەت تۈرىگە ئايلىنىدۇ. سۈرەتتە: خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدە تۇرۇپ كۆرگەن قۇياش ۋە يەرشارى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئالەم بوشلۇقى بېكىتىدىكى تۇرمۇشىغا نەزەر 

http://www.nur.cn/news/2015/11/256456.shtml

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    25%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#