بۇدۇشقاق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. بۇدۇشقاق (ئۆسۈملۈك)
  2. بۇدۇشقاق (دورا)
ئۆسۈملۈك

بۇدۇشقاق

بۇدۇشقاق

بۇدۇشقاق بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك.

ئۇيغۇرچە نامى بۇدۇشقاق
ئىنگلىزچە نامى Siberia Cocklebur
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى بۇدۇشقاق ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 苍耳
تارقالغان رايونلار جۇڭگو، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ، ئىران، ھىندىستان، چاۋشيەن ۋە ياپونىيە
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى جۈيخۇا گۈل ئائىلىسى
تۈرى بۇدۇشقاق، لەسقى، بۇدۇشقاق ئۇرۇقى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇدۇشقاقبۇدۇشقاق بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك. بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى بىر مېتىر. پۈتۈن تۈپىدە زەھەرلىك گلۇكوزىد بار، ئۇنىڭ مېۋىسى، بولۇپمۇ ئۇرۇقىنىڭ زەھىرى بىرقەدەر كۈچلۈك. ئەسلىي ماكانى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە شەرقىي ئاسىيا، ياۋروپا بولۇپ كۆپ قىسمى ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان. ياۋا تاغ ئېتەكلىرىدە، چىملىق، يول بويى قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان. 

بۇدۇشقاقبۇدۇشقاق (ئەسلىدىكى ئۆزگەرگەن تۈرى) بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 20 ~ 90 سانتىمېتىر. يىلتىزى ئۇرچۇق شەكلىدە بولۇپ، شاخلانغان ياكى شاخلانمىغان. شاخلىرى، غولى تىك، شاخسىز ياكى ياكى ئاز ساندا شاخلىرى بولىدۇ، تـۆۋەن قىسمى سىلىندىرسىمان، دىئامېتىرى 4 ~ 10 مىللىمېتىر، ئۈستۈنكى قىسمىدا تىك ئېرىقچە بار، كۈلرەڭ ئاق رەڭلىك يىرىك تۈكلىرى بار. 

يوپۇرمىقى ئۈچبۇلۇڭسىمان تۇخۇم شەكىللىك ياكى يۈرەكسىمان، ئۇزۇنلۇقى 9 ~ 4 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5 ~ 10 سانتىمېتىر، پۈتۈن گىرۋەكلىرىدە تېيىز يېرىقچىلىرى 3 ~ 5 تال بار، روشەن ئەمەس، ئۇچى ئۇچلۇق، تۈۋى بىر ئاز يۈرەك شەكىللىك ياكى كەسمە شەكىللىك كېلىدۇ، يوپۇرماق سېپى بىلەن شىنا شەكىللىك ئۇلاش ئورنى تەڭ، گىرۋىكىدە رەتسىز ھەرە چىش بولۇپ، ئۈچىنچى ئاساسىي تومۇرى بار، يان تومۇر ئەگرى، بىۋاسىتە يوپۇرماق گىرۋىكى، ئۈستىدە زىچ تومۇرلۇق يىرىك تۈكلىرى بار، ئۈستۈنكى يۈزىنىڭ رەڭگى يېشىل، تۆۋەنكى يۈزى بوز رەڭ، يىرىك تۈكى بار، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن، 11 ~ 3 سانتىمېتىر.

ئاتىلىقنىڭ باشاقسىمان چېچەكلىرىنىڭ تەرتىپى شارسىمان ھالەتتە، دىئامېتىرى 4 ~ 6 مىللىمېتىر، گۈل رېتى ساپىقى بار ياكى يوق، ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى سوقىچاق تېمىنە شەكىلدە، ئۇزۇن 1 ~ 1.5 مىللىمېتىر، قىسقا يۇمران تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، گۈلى تۈۋرۈك شەكىللىك، تېمىنسىمان، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2.5 مىللىمېتىر، چوققا تەرپى ئۇچلۇق، تۈكى بار، كۆپلىگەن ئاتىلىق گۈلى گۈل تاجىسى قوڭغۇراق شەكلىدە، تۇرۇبا قىسمىنىڭ كەڭلىكى 5 ياپراقچىغا بۆلۈنىدۇ، چاڭدان ئۇزۇنچاق يىپشەكىللىك بۇلۇپ ئانىلىق گۈل رېتى باشسىمان، ئېللىپس شەكىللىك، سىرتقى ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى كىچىك، تىمىنە شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 3 مىللىمېتىر، قىسقا يۇمران تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، ئىچكى قەۋىتى ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى خالتىسىمان ھالەتتە بولۇپ، كەڭ تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاق ھالەتتە، مىۋىسى يېشىل، بەزىدە سۇس سارغۇچ يېشىل ياكى جىگەر رەڭدە بولىدۇ . 

ئۇ قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى پىشىپ يېتىلگەن ۋاقىت ، تۇمشۇق ئېگىزلىكى 12 ~ 15 مىللىمېتىر ، كەڭلىكى 4 ~ 7 مىللىمېتىر، سىرتىدا شالاڭ ئۆسكەن ئىلمەك شەكىللىك تىكەنلىرى بولىدۇ، تىكىنى ئىنتايىن ئىنچىكە، تۈز، تۈۋى توم، ئۇزۇنلۇق 1 ~ 5.1 مىللىمېتىر ، تۈۋى قىسمىدا يۇمشاق تۈكچىسى بولىدۇ، تۇمشۇقى قاتتىق، كونۇسسىمان، يوقارقى قىسمى سەل ئورغاقسىمان، ئۇزۇنلۇقى 5 مىللىمېتىر، ئورۇق مېۋىسى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك. چېچەكلەش مەزگىلى 7 ~ 8 ئايغىچە، مېۋىلەش مەزگىلى 9 ~ 10 ئايغىچە.

تىكەنسىز بۇدۇشقاق

بۇدۇشقاقغولى نىسبەتەن پاكار كېلىدۇ، ئادەتتە ئۆزى تۈۋى قىسمى باشلاپ شاخ ئايرىيدۇ، پىشقان ئۇرۇق مېۋىسى سايمانلىرى ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى كىچىكرەك، تۈۋى تار، ئۈستىدە بىر ئۇزۇن تۇمشۇقى بار، ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قەدەر قىسقا بولغان يان تۇمشۇقى بار، ئىككى تۇمشۇقى بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ ياكى تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بەزىدە يانغا قاراپ ئۆسكەن قىسقا تۇمشۇقى رودىمېنتلىشىپ يىڭنىسىمان بولىدۇ ياكى يوقاپ كېتىدۇ، ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرماقنىڭ سىرتىدا ئىنتايىن شالاڭ تىكىنى بار ياكى بىر نەچچىسى تىكەنسىز، ئەسلىدىكىدىن ئۆزگەرگىنى بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئاسان. 

مۇرەككەپ ئۇيۇل بۇدۇشقاق

مۇرەككەپ ئەمەلىي بۇدۇشقاق دائىم مېۋە شەكلى ئارقىلىق سېرىق پۇرچاق، قوناقلارنىڭ ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالىدۇ، پۈتۈن تۈپى زەھەرلىك، نېرۋا ۋە مۇسكۇلنى زەھەرلەش رولى بار، تاجاۋۇزچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھەر قايسى دۆلەتلەر نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان يامان سۈپەتلىك ئوت.

بۇدۇشقاق ئىللىق سەل نەمخۇش كىلىماتقا ئامراق بولۇپ، بوش، مۇنبەت، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان قۇمساڭ تۇپراقتا ئۆستۈرۈشكە باب كېلىدۇ. قۇرغاقچىلىققا چىداملىق. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، 5 ~ 6- ئاي مايسا چىقىرىش مەزگىلى، 7 ~ 9- ئاي ئېچىلىش مەزگىلى، 9 ~ 10-ئاي پىشىش مەزگىلى. ئۇرۇقى زىرائەت ئۇرۇقىغا ئاسان ئارىلىشىپ قالىدۇ، يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تۇپراققا چوڭقۇر كۆمۈلىدۇ، تازىلاش ۋە تارتىپ چىقىرىش تەس.

ئۆزگەرگەن تۈردىكى بۇدۇشقاق دائىم تۈزلەڭلىك، ئېدىرلىق، پاكار تاغ، پەس تاغ، يول بويى، دالا، ئېتىز ياقىسى قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ.

تىكەنسىز بۇدۇشقاق بىپايان قۇرغاق تاغ باغرى، شورلۇق بىنەم يەر، قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنى ۋە يول بويى قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدۇ.

ئۆزگەرگەن تۈردىكى بۇدۇشقاق شەرقىي شىمالدىكى شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو، گۇيجۇ، غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى، ئىران، ھىندىستان، چاۋشيەن ۋە ياپونىيە گىمۇ تارقالغان.

تىكەنسىز بۇدۇشقاق جىلىن، ئىچكى مۇڭغۇل، خېبېي، شىشەن، شەنشى، سىچۇەن، يۈننەن، شىنجاڭ ۋە شىزاڭ قاتارلىق جايلارغا كەڭ تارقالغان.

بۇدۇشقاقئۇرىقىنى بىۋاستە تېرىسىمۇ ياكى مايسا يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تېرىسىمۇ بولىدۇ. 

بىۋاسىتە تېرىش: 4-ئايدا ھەر تۈپنىڭ ئارىلىقىدا 45 سانتىمېتىر × 45 سانتىمېتىر يولى ئېچىپ، چوڭقۇرلىقى 6 ~ 8 سانتىمېتىر، ھەر بىر يولغا 5 تال ئەتراپىدا توپا يېپىش، توپا يۆلەش، كۆمۈش، ئازراق بېسىم تولدۇرۇپ، سۇ قۇيۇش. 

مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش ئۇسۇلى: 3 ~ 4  ئايدا مايسا يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق تېرىلىپ مايسا ئېگىزلىكى 10 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولغاندا كۆچۈرۈپ، ھەر قېتىمدا 3 ~ 4 تال. 

ئىقتىسادىي قىممىتى

غول پوستىنىڭ تالالىرىدىن تاغار، چىـگە ئارغامچا  ياسىلىدۇ. 

بۇدۇشقاق ئۇرۇقى مېيى بولسا بىر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك خۇشبۇي ماتېرىياللارنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇنى سىر، باسما مېيى ۋە سوپۇن تاش، ماي قاتارلىقلار، يەنە تۇڭيۇ مېيى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 

بۇدۇشقاقتىن ياسالغان نافتالىننىڭ ھاشارات ئۆلتۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى، بۇدۇشقاق ھاك بىرىكمە سۇيۇقلۇقى 1 . 

بۇدۇشقاق چوشقىنىڭ ئېسىل يەم-خەشىكى قىلغىلى بولىدۇ. 

تىببىي قىممىتى 

بۇدۇشقاقبۇدۇشقاق يىلتىزى: چىقان غالۋىرەك، بوغۇز ياللۇغى، تىلما كېسىلى، روژا، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى، تولغاق قاتارلىقلارغا داۋا بولىدۇ. 

بۇدۇشقاق غولى، يوپۇرمىقى: ئاچچىق، ئازراق زەھەرلىك. يەلنى ھەيدەپ، ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، باش قېيىش، ھۆللۈكتىن بولىدىغان پالەچلىك، ئۇيۇشۇپ قېلىش، كۆز قىزىرىش، زەھەرلىك ئىششىق، چىقان، بالاياتقۇدىن قان كېتىش، لېپرا قاتارلىقلارنى داۋالاش  رولى بار. 

بۇدۇشقاق گۈلى: جاھىل تەمرەتكە، ئاق باش تەمرەتكىسى، ئاق تولغاققا  ئىشلىتىلىدۇ.

بۇدۇشقاق مېۋىسى: ئاچچىق بولۇپ، تارقاق رېماتىزم، بۇرۇن تۆشۈكلىرىنى ئېچىش، ئاغرىق توختىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ھازىرقى زامان تىبابىتىدە، چىش ئاغرىقى، شامال، سوغۇق ۋە ھۆللۈكتىن بولغان رېماتىزم، مۈچىلەر تارتىشىپ ئاغرىش، قوتۇر (ھايۋانلاردا بولىدىغان)، قىچىشىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۇرۇقى سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، تەرلىتىدۇ.

غول يوپۇرمىقىنى چاناپ قىچىشقاق، ھاشارات چاققان ئورۇنغا سۈركىگەندە بۇ خىل ئالامەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#