ئىسپانىيە

ئىسپانىيە پادىشاھلىقى

 ئىسپانىيە پادىشاھلىقى قىسقارتىلىپ ئىسپانىيە دەپئاتىلىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ <<زەيتۇن>> ۋە <<تورىئاتور>> قاتارلىق ئاتىلىشلىرىمۇ بار .

چېگرا رايونى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان ئىسپانىيە ياۋروپادىكى تاغلىق كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىسپانىيە ئېگىزلىك ھەم تاغلىققا گىرەلىشىپ جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن دېڭىز يۈزىدىن 660 مېتىر ئېگىز، مەملىكەتنىڭ %35 قىسمى تەخمىنەن دېڭىز يۈزىدىن 1000 مېتىر ئېگىز، شۇنداقلا تۈزلەڭلىكى %11 نى ئىگىلىگەن ياۋروپادىكى جۇغراپىيلىك شارائىتى ئەڭ ياخشى جايلاشقان دۆلەتلەردىن بىرسى. 


ئۇيغۇرچە نامى ئىسپانىيە پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى ئىسپانىيە 西班牙
پايتەختى مادرىد
نوپۇسى 46 مىليون 500 مىڭ (2014-يىل)
يەر مەيدانى 505 مىڭ 925 كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 西班牙王国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى
نوپۇس زىچلىقى 92 \ كۋادرات كىلومېتر
ئىنگىلىزچە نامى The Kingdom of Spain

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىسپانىيە پادىشاھلىقى ئىسپانىيە پادىشاھلىقى قىسقارتىلىپ ئىسپانىيە دەپئاتىلىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ <<زەيتۇن>> ۋە <<تورىئاتور>> قاتارلىق ئاتىلىشلىرىمۇ بار .

چېگرا رايونى ئېگىز تاغلار بىلەن ئورالغان ئىسپانىيە ياۋروپادىكى تاغلىق كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىسپانىيە ئېگىزلىك ھەم تاغلىققا گىرەلىشىپ جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن دېڭىز يۈزىدىن 660 مېتىر ئېگىز، مەملىكەتنىڭ %35 قىسمى تەخمىنەن دېڭىز يۈزىدىن 1000 مېتىر ئېگىز، شۇنداقلا تۈزلەڭلىكى %11 نى ئىگىلىگەن ياۋروپادىكى جۇغراپىيلىك شارائىتى ئەڭ ياخشى جايلاشقان دۆلەتلەردىن بىرسى. ئاساسلىق تاغ تىزمىلىرىدىن شىمالدا بىلنىيۇس جەنۇپتا ئاندالۇسىيەلەر بار. جەنۇب قىسمىدىكى مۇراسان چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 3478 مېتىر ئېگىز بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئېگىز چوققا ھىساپلىنىدۇ. 

ھازىر ئىسپانىيە 17 ئاپتونۇم رايوندىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە باسىك ۋە گالىتسىيىلەردە يەرلىك تىللار ئىسپان تىلى بىلەن بىللە ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بەلگىلەنگەن.

ئىسپانىيە پادىشاھلىقىمىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 9-دە كىرىتلار ئوتتۇرا ياۋروپاغا كۆچۈپ كىرگەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرى 8-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئىبىرىيە يېرىم ئارىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سىرتقى مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ باسىك رايونىدىن باشقا جايلار نەچچە يۈز يىللىق رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغانلىقتىن لاتىن تىلى بۇ يەردىكى ئاساسلىق تىل بولۇپ قالغان.مىلادى 4-ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە غەربى گوتلار غەربى رىم ئىمپىرىيىسىنى ۋەيران قىلىپ ئىسپانىيەگە ئاز مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىن ئىسپانىيە ئۇششاق بەگلىكلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن. مىلادى 8-ئەسىردىن كېيىن كېڭىيىۋاتقان ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ ماۋرتانىيىلىك قوماندانى تارىق ئىسپانىيەگە يۈرۈش قىلىپ يەتتەيۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئاندالوسىيە ئىسلام خەلىپىلىكىگە ئاساس سالغان. ئەرەپ ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە پەن-مائارىپ ۋە ئەدەبىيات سەنئەت گۈللەنگەنلىكتىن  ئىسپانىيە ياۋروپاغا مەدەنىيەت تارقىتىدىغان مەرىپەت ماكانىغا ئايلانغان. كېيىن خانلىقنىڭ چېرىكلىشىشى ۋە خەلىپىلىكتىكى مۇسۇلمان بولمىغان خەلقنىڭ بىرلىكتە قوزغىلاڭ قىلىشى نەتىجىسىدە ئىسپانىيە كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ ئاخىرى مۇسۇلمانلارنى ئىسپانىيە زىمىنىدىن تولۇق قوغلاپ چىقارغان ۋە قالدى پۇخرالارنى قانلىق قىرغىنچىلىق مەجبۇرى يوسۇندا كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرغان. 1492-يىلى «قايتا گۈللىنىش» ھەرىكىتى غەلبىگە ئېرىشتى. ئارقىدىنلا ئىسپانىيە ياۋروپا بويىچە ئەڭ بالدۇر ھوقۇق مەركەزلەشكەن پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇپ قۇرۇلدى.

  1497-يىلى 10- ئايدا كولۇمبو غەربى ھىندى تاقىم ئاراللىرىنى بايقىدى. شۇندىن كېيىن، ئىسپانىيە ئاستا-ئاستا دېڭىز ئۈستىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىپ ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ئۆز زىمىنىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسسىگە تەڭ كېلىدىغان مۇستەملىكىلەرنى بويسۇندۇردى. 1588-يىلى ئىسپانىيەنىڭ «يېڭىلمەس فلوت»ى ئەنگىلىيە تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنىپ، ئىسپانىيە كۈندىن كۈنگە دۇيادىكى زومىگەرلىك ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويۇشقا باشلىدى. 1873-يىلى ئىسپانىيەدە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى قوزغۇلۇپ، تۇنجى جۇمھۇرىيەت بارلىققا كەلدى. 1874-يىلى 12- ئايدا پادىشاھلىق قايتىدىن تىرىلدى. 1898-يىلىدىكى شىمالى ئامېرىكا ئۇرىشىدا ئىسپانىيەئامېرىكا ۋە ئاسىيا تېنىچ ئوكياندىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇستەملىكى بولغان كۇبا،پوئىرتورىكو، گۇئام، فىلىپىن قاتارلىق جايلاردىن ئايرىلىپ قالدى. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ تۇردى. 1931-يىلى 4-ئايدا خاندانلىق يەنە ئاغدۇرۇلۇپ، 2-قېتىملىق جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. 1936-يىلى 2-ئايدا سوتسىيالىستىك پارتىيە بىلەن كومپارتىيە پارتىيىسى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇردى. مۇشۇ يىلى 7-ئايدا فىرانكو ئىسىيان كۆتۈردى. ئۈچ يىل ئىچكى ئۇرۇش ئارقىلىق 1939-يىلى 9-ئايد ھوقۇقنى قولىغا ئالدى. 1947-يىلى 7-ئايدا فىرانكو ئىسپانىيەنىڭ پادىشاھلىق دۆلىتى دەپ جاكارلاپ، ئۆزى ئۆمۈرلۈك دۆلەت باشلىقى بولدى ۋە ئاخىرقى پادىشاھ ئافانسوXIIنىڭ نەۋرىسى خۇئان كارلوسنى ۋەلىئەھدىلىككە تەيىنلىدى.1975-يىلى فرانكو ئۆلگەندىن كېيىن خۇئان كارلوسI تەختكە چىقتى ۋە كېيىنكى يىلى خەلق ھەركىتى پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى سۇيارىسنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ ئىسپانىيەنىڭ ئۆتكۈنچى دىموكراتىيە مۇساپىسىنى باشلىدى. ئىسپانىيەمۇ ئۇزۇن يىل ياۋروپانىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى ساھەسىدىن كېيىن قالغانلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان زىيانلىرىنى تېز سۈرئەتتە تولۇقلاپ ئىقتىسادى گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى.

ئىسپانىيەدىكى مىللى مەسىلە ئىسپانىيە ئەرەپلەر ئىشغالىيىتىدىن بۇرۇن بىرلىككە كېلىپ باقمىغان بولۇپ ئىسپانىيەنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ھىساپلىنىدىغان باسىكلار. كۆچمەن سىگانلار، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى شىمالى ئافرىقىدىن ئۆتكەنلەر قوشۇلۇپ رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ھۆكۈمرانلىقىدا لاتىن تىلىدا سۆزلىشىدىغان يېڭى بىر قانچە مىللەت شەكىللەنگەن. ئىسپانىيە ئەرەپلەرنى يېرىم ئارالدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن تەدرىجى كۈچىيىپ گالىتسىيە، كاتالونىيە(ھازىرقى كاتالونىيەئاپتونوم ئۆلكىسى ، ۋالېنسىيە ۋە بالىئار تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ،باسىك قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى.

 شۇ سەۋەپتىن ئىسپانىيە ياۋروپا بويىچە دىگۈدەك مىللى مەسىلە توختىماي يۈز بېرىدىغان، سىياسى ۋەزىيىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ دۆلەت. ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتىپاقىغا كىرگەندىن كېيىن مۇھاجىرلارنىڭ تەسىرىدە يۇقارقى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ھازىر ئىسپانىيەنىڭ ئەڭ تەرەققى قىلغان، ئىقتىساد گۈللەنگەن رايونلىرى بولۇپ قالدى. 

ئىسپانىيە پادىشاھلىقىئوتتۇرا قىسمىدىكى مىساتا ئېگىزلىكى چوڭ قۇرۇقلۇق ھاۋا كىلىماتىغا، شىمال بىلەن غەربى شىمال دېڭىز بۇيى قىسملىرى دېڭىز-ئوكيان مۆتىدىل بەلباغ ھاۋا كىلىماتىغا تەۋە. جەنۇب ۋە شەرقى جەنۇب قىسمى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمدىكى سۇبتروبىك بەلباغ ئىقلىمىغا تەۋە. غەربى شىمال قىسمى نىسبەتەن نەم. ئىچكى قۇرۇقلۇق ھەم شەرقى جەنۇب قىسمى نىسبەتەن قۇرغاق.

ئايلىق ئوتتۇرچە تېمپېراتۇراسى شىمالدىن جەنۇبغا: 1-ئايدا℃9.4-℃10.3، 7-ئايدا ℃19.1-℃28.1. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى ئادەتتە 350-500 مىللىمېتىرغىچە، تاغلىق رايوندا 1500 مىللىمېتىر ئەتراپىغا يېتىدۇ. 

دۆلەت بايرىقى 

ئىسپانىيە پادىشاھلىقى بايراق يۈزى قىزىل ، سېرىق قىزىل رەڭلىك تۈز تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىن تۈزۈلگەن سېرىق رەڭ بايراق يۈزىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ ، بايراقىنىڭ سول تەرىپىگە دۆلەت گېرىبىنىڭ شەكلى بېزەلگەن . قىزىل رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ ئىسپانىيە خەلقى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەنئەنىۋى رەڭلەردۇر . 1785  -يىلدىن بۇيان، بۇ ئىككى ئىككى خىل رەڭ ئىسپانىيىنى بىلدۈرىدىغان رەڭ بولۇپ ، ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىسپانىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن  كاستىلىيە ، لېئون،ئاراگونۋە ناۋارادىن  ئىبارەت  تۆت قەدىمقى  پادىشاھلىقنى بىلدۈرىدۇ . ئىسپانىيە دۆلەت بايرىغى «قان ۋەئالتۇن» دەپمۇ ئاتالغان ، رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ئۇنىڭ رەڭگى جەڭدە يارلانغان پادىشاھ گېئوتېنىڭ قېنىغا بويالغان ئالتۇن قالقاندىن كەلگەنىكەن . 1938-يىلى ئىسپانىيە بۇ بايراقنى تۈزگەندە بايراقنىڭ سول يېنىغا  سان جون تۇتۇپ تۇرغان نۇرلۇق قالقانسىمان بەلگە سىزىلغان. 1981-يىلى ئىسپانىيە ئىلگىركى بەلگىنىڭ ئورنىغا دۆلەت گېربىدىكى سۈرەتنى كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان 

دۆلەت گېربى

ئىسپانىيە پادىشاھلىقى قالقانسىمان گېرب تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇ ئىسپانىيەدىكى قەدىمكى تۆت پادىشاھلىق دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئاستى قىسمىغا قىزىل ئانارنىڭ شەكلى بېزەلگەن بولۇپ، ئۇ بايلىق ۋە بەخىتنىڭ سىمۋولى.

دۆلەت گېربىدە تېگى قىزىل ئۈستى سېرىق قەلئە بىلەن تېگى ئاق ئۈستىدە قىزىل شىر  ئايرىم ئايرىم ھالدا كاستىلىيە بىلەن لېئون پادىشالىغىنى بىلدۈرگەن، تىك تارتىلغان قىزىل بىلەن ۋە سېرىق سىزىق  ئاراگون پادىشالىغىغا ۋەكىللىك قىلىندىغان رەڭنى ،قىزىل زىمىندىكى ئالتۇن زەنجىر بىلەن تورلاشتۇرۇلغان كىرېست  ناھارا پادىشالىغىنى بىلدۈرگەن. قالقاننىڭ ئاستىدىكى  پادىشالىقنىڭ بەلگىىسى -قىزىل ئانار، ئىسپانىيە خەلقى ئۇنى بەخت-سائادەت ۋە خەيرلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ.

ئىككى ھايگېرس تۈۋرۈگى گېربنىڭ ئىككى يېنىدا  گويا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىگىنى ئۆزىنىڭ ھىمايە ئاستىغا ئالغاندەك ھەيۋەتلىك ھالدا تىك تۇرغان .ھايگېرس رىمدىكى بىر باش روھانىنىڭ ئوغلى بولۇپ ،چەكسىز كۈچلۈك ئىكەن، بۇ تۈۋرۈك ئىلاھىي تۈۋرىكى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن؛سول تەرەپتىكى تۈۋرۈكنىڭ  ئۈستىگە بىر خان تاجىسى ،ئوڭ تەرەپتىكى تۈۋرۈكىنىڭ ئۈستىگە بىر  ئمپىراتۇر  تاجىسى سىزىلغان بولۇپ ،ئۇلار ئايرىم ھالدا  ئىسپانىيە بوغۇزىدىكى جەبىلتارىق بوغۇزى بىلەن لېئون ئارىلىنى قوغداۋاتقان ئىككى تۈۋرۈك تاشنى بىلدۈرگەن. تۈۋرۈككە يۆگەكلىك قىزىل لېنتىغا «دېڭىز سىرتىدا يەنە چوڭ قۇرۇقلۇق بار »دىگەن خەت يېزىلغان؛ بىراق يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق بايقىلىشتىن بۇرۇن، بۇ لېنتىغا :«دېڭىز سىرتىدا ئەمدى چوڭ قۇرۇقلۇق يوق»دىگەن خەت يېزىلغان ئىكەن.

 كاستىلىيانلار(ئىسپانلار) %62 نى، كاتالونلار%17، گالتىسلار %7 ، باسىك %5 ، كۆچمەنلەر %1 نى ئىگەللەيدۇ. مىللەتلەر ئاساسەن ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئىسپانىيە ئاھالىسىنىڭ %96 خەلق كاتولىك دىنىغا ئىتقاد قىلىدۇ. 

نۇرغۇنلىغان كان بايلىقلىرى ساقلانغان بولۇپ، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، مولبىدىن، پىرىت قاتارلىق كان بايلىقلىرىنىڭ مىقدارى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ يېرى مۇنبەت، ئورمان كۆلىمى كەڭ بولۇپ، ياۋروپا پۇرۇپكىسى، كاۋچۇك، كاشتان، شەمشاد قاتارلىق ئورمان بايلىقى، كەڭ كەتكەن سۇغىرىلىدىغان يېزا ئىگىلىكى، دېڭىز تەۋەلىكىدە مول سارتىن بېلىقى ۋە چوڭ راك بايلىقى بار.

ئىسپانىيە پادىشاھلىقىئىسپانىيە 80-يىللاردا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 10 مىڭ دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان، ياۋروپادا نامرات ھىساپلىنىدىغان ئوتتۇرىھال كىرىملىك دۆلەت ئىدى. 1986-يىلىدىن كيىن ياۋروپا ئىتىپاقىغا كىرىپ ساياھەتچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇلازىمەت، پۇل-مۇئامىلە ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كەسپلەرنى يولغا قويۇپ ئىقتىسادى ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكتىن 2006-يىلى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى دۇنيا بويىچە 11-ئورۇندا تۇرىدىغان كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. 

2006-يىلى ئىسپانىيەدىكى مۇقىم تېلفون ئىشلەتكۈچىسى 18 مىلىيۇن 322 مىڭ، يان تېلفون ئىشلەتكۈچىسى 41 مىلىيۇن 328 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى19 مىلىيۇن 205 مىڭ بولغان.

پۇلى

ياۋرو 2006-يىلى ئىسپانىيىنىڭ يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى بىر تىرلىيۇن 81 مىليارت دوللار، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 27 مىڭ دوللار، يىللىق ئىقتىسادى ئېشىشى %3.6 بولدى. ئىسپانىيە ئىگىلىكىدە يېزا ئىگىلىكى %3.9 ، سانائەت %29، مۇلازىمەت %67 نى ئىگەللەيدۇ. [0][1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#