ئارقان
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارقان — ئىنچىكىرەك ۋە ئۇزۇن قىلىپ تەييارلىنىدىغان، جابدۇق بولۇپ، ئارقان تۈرلىرىدىن تاسما ئارقان، قىل ئارقان، يۇڭ ئارقان، پاختا ئارقان، كەندىر ئارقىنىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئارقان ئات ئارقانداش، ھارۋىغا ئېگىز قىلىپ بېسىلغان زىراخەت پاخاللىرىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تارتىش، كۆندۈرۈلمىگەن ئاساۋ ماللارنى تۇتۇش ئۈچۈن سالما قىلىش، ئائىلىلەردە كىر يۇيغاندا تارتىپ كىر قۇرۇتۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىدە كەندىر سويپىقى، ياۋا كەندىر سويپىقى، قىل، قىلچىق، موي، ئۆچكە چۇپۇرى، ئاتنىڭ يال قۇيرۇقى، قوتازنىڭ يال قۇيرۇقى، تۆگە يۇڭى، قوي يۇڭى، چىغ، شال، زىغىر پاخاللىرىدا تۈرلۈك ئارقان، توشۇڭ، ئارغامچا، تانا، كۇلا، شوينا يىپلارنى ئېشىپ ئىشلىتىپ كەلگەن.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.