ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ قوزغىلىڭى

ئەن لۇشەنشى سىمىڭ قوزغىلىڭى

تاڭ سۇلالىسى نىڭ كۇچ-قۇدرىتى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائى، ۋە سىياسى جەھەتلەردە مەيدانغا كەلگەن ئوبېكتىپ يۆنىلىشلەر نەتىجىسدە خېلىلا ئاجىزلاشقان. بۇنىڭغا تاڭ ئوردىسىدا يۇز بەرگەن جېدەل-ماجرالارمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئىشلار ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ قوزغىلىڭى (755-762-يىللىرى) غا ئېلىپ كەلگەن. بۇ ۋەقەلەر ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائى ھاياتىدىكى كېيىنكى ئۆزگۈرۈشلەرگە تۈرتكە بولغان.

نامى ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ قوزغىلىڭى
ۋاقتى 755-762-يىللىرى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 安禄山师思明起义

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاڭ سۇلالىسى نىڭ كۇچ-قۇدرىتى 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئىقتىسادى، ئىجتىمائى، ۋە سىياسى جەھەتلەردە مەيدانغا كەلگەن ئوبىكتىپ يۆنىلىشلەر نەتىجىسدە خېلىلا ئاجىزلاشقان. بۇنىڭغا تاڭ ئوردىسىدا يۇز بەرگەن جېدەل-ماجرالارمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئىشلار ئەن لۇشەن-شى سىمىڭ قوزغىلىڭى (755-762-يىللىرى) غا ئېلىپ كەلگەن. بۇ ۋەقەلەر ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائى ھاياتىدىكى كېيىنكى ئۆزگۈرۈشلەرگە تۈرتكە بولغان.

يىغنچاقلىغاندا، بۇ ۋەقە تۆۋەندىكى جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ «.....755-يىلىنىڭ ئاخىرى، جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالى ئۆلكىسىنىڭ كۈچلۇك ۋالىيسى ئەن لۇشەن ئىسيان كۆتۈرگەن. ئۇنىڭ 160 مىڭ ئەسكىرى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىغا قاتتىق كەلگەن كەلكۇندەكلا باستۇرۇپ كىرگەن. بۇ يەردىكى پايتەخىتلەر قارشىلىق كۆرسۈتۈشكە ئۇلگۇرمەيلا قولدىن كەتكەن. پادىشاھ شۇەنزۇڭ سىچۇەنگە قاچقان. ئالتە يىلغىچە سوزۇلغان قاتتق ئۇرۇشتىن كېيىن، شۇەنزۇڭنىڭ ۋارىسى سۇزۇڭ (756-762-يىللىرى) ئسيانچىلارنى بېسىقتۇرغان. لېكىن يوشۇرۇن كۇچلەر يەنىلا مەۋجۇت ئىدى». (كريۇكوف، مالياۋكىن، سورۇنوفلارنىڭ 1984-يىلى نەشىر قىلغان ئەسەرلىرى)،

ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ ۋەقەگە جەلىپ قىلىنغان. ئەن لۇشەن قوزغىلىڭى يۇز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي (755-يىلنىڭ ئاخىرى)، تاڭ سۇلالىسى نىڭ پادىشاھى سۇزۇڭ ئۇيغۇر قاغانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتكەن. ئۇيغۇر قاغانى ئۆزى 4000 كىشلىك ئاتلىق قوشۇن باشلاپ كېلىپ، تاڭ سۇلالىسى قوشونى بىلەن بىرگە ئەن لۇشەن قوزغىلىڭىنى قوللاپ ياردەم بېرىۋاتقان قەبىلىلەرگە، جۇملىدىن تۈركى قەبىلىلەرگە زەربە بەرگەن. ھەل قىلغۇچ جەڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يويلىرىدا بولغان. ئۇيغۇرلار تولۇق غەلبە قازانغان. كېيىن ئۇيغۇلار تاڭ پادىشاھلىقىغا بېسىپ كىرگەن. (ن.يا.بىچۇرىن «قەدىمقى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان خەلىقلەر توغىرسىدىكى مەلۇماتلار توپلىمى»، 1-توم 309-، 312-بەتلەر)

ئويغۇرلار 757-يىلى لوياڭنى قولغا چۇشۇرگەن، كېيىن چاڭئەننى بېسىۋالغان. ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى چوڭ بايلارنىڭ ئۆيلىرىگە، بۇ شەھەردىكى چوڭ دۇكانلارغا ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا باستۇرۇپ كىرگەن. 

جۇڭگو يىلنامىسىنى يازغۇچىلار: «شۇ چاغدا، خەقتىن تارتىۋىلىنغان بويۇملار سان ساناقسىزدۇر» دەپ يازغان. بۇ پايتەختلەرنىڭ بىرسدە بۇ خىل تەرتىپسىزلىك ئۇچ كۇنگىچە سوزۇلغان. شەھەر ئاقساقاللىرى ئۇيغۇر ئەسكەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، تەرتىپسىزلىك توختىتىلسا، سىلەرگە لازىم بولىدىغان يىپەك رەختلەرنى بىز بەرسەك دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى سوۋغا قىلغان. 757-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۇنى، تاڭ پادىشاھى پەرمان چىقىرىپ، «ئۇيغۇر قاغاننىڭ ئوغلى (ئەسلى تېكىستتە يابغۇ دەپ ئېلىنغان) دۆلەتنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە يىراق ئەلدىن كەلگەن، ئۇنىڭ بىزگە قىلغان خەيرىخاھلىقى قەدىمقى ۋە بۈگۈنكى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان....ئۇنىڭ قابىلىيىتى 10 مىڭ ئادەمىنىڭ قابىلىيىتىگە باراۋەر» دەپ باھا بەرگەن. پادىشاھ (ئۇنىڭغا ۋە قول ئاسىتىدىكىلەرگە ) قىممەت باھالىق سوۋغا تەغدىم قىلغان. ئەڭ ئالىي قوماندان ئۇنۋانىنى بەرگەن. يەنە ھەريىلى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا 20 مىڭ توپ يىپەك رەخىت بېرىپ تۇرۇشنى بەلگىلىگەن. (س.ماككېراس: 744-840-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى 7-17-بەتلەر، كانبېررا، 1968-يىل) سۇزۇڭ خان قاغاننى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۇچۇن، تاڭ ئوردىسىدىكى بىر مەلىكىنى قاغاننىڭ نىكاھىغا بەرگەن ۋە مەلىكىگە قوشۇپ ئالتۇن-كۈمۇشتىن ياسالغان نۇرغۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇمىلىرىنى، تاۋار دۇردۇنلاردىن تىكىلگەن ھەرخىل كىيىملەرنى سوۋغا قىلغان. مەلىكىنى باشلاپ سوۋغا-سالاملار بىلەن كەلگەنلەر ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئوردىسىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئىككىنچى كۇنى چوڭ توي قىلىپ، جۇڭگو مەلىكىسى ئۇيغۇر قاغاننىڭ خوتۇنى قىلىپ نىكاھىغا بېرىلگەن، دەپ جاكارلانغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مويۇنچۇر قاغان ئالەمدىن ئۆتكەن. (759-يىلى). (س.ماككېراس: « 744-840-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى» 15-25-بەتلەر).

قاغان مويۇنچۇرنىڭ يابغۇ ئۇنۋانىدىكى چوڭ ئوغلى دۆلەت ئالدىدا قانداقتۇر بىر چوڭ جىنايەت ئۆتكۇزگەچكە ، ئۇلۇمگە ھۆكۈم قىلىنغان. شۇڭا قاغانلىق تەختىگە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بىلگە تارخان چىقتى (جۇڭگو مەنبەلىرىدە بۇ قاغان ئىدىگەن مۇيۇن قاغان دەپ كۆرسۇتۇلگەن) ئۇ قاغانلىق تەختىدە 20 يىل ئولتۇرغان. (759-779-يىللىرى) ( س.گ.كىلياشتۇرنىينىڭ 1980-يىلى نەشىر قىلغان ئەسىرى.) ئۇنىڭ ئۇنۋانلىرىدىن بىرسى «تەڭرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغان، دۆلەتنى ئىدارە قىلغۇچى قەھرىمان شانۇ شەۋكەتلىك دانىشمەن قاغان» ئىدى.

ئىدگەن مۇيۇن قاغان (بۆگۇ قاغان) تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىللەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۇچ-قۇدرىنى ۋە شان-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۇرۇلگەن مەزگىللەر ئىدى. بۇ دەۋىر، تاڭ پادىشاھلىقى دائىردىسدە جۇڭگو يىلنامىسىنى پۇتكۇچىلەرنىڭ سۆزى بويىچە «قالايىقانچىلىق ھۆكۇم سۇرگەن »دەۋر ئىدى. تاڭ ھۆكۇمرانلىرى ئۆز پادىشاھلىقىنى تەرتىپكە سېلىش ئۇچۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم بېرىشىگە ئىنتىلەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم كۆرسىتىشى ئۇچۇن، بىر قانچەمىڭ توپ يىپەك رەخت ۋە يىپەك بېرىشكە ۋەدە قىلغان. ئۇيغۇرلار بېسىۋېلىش يولىنى تۇتۇپ، يول ئۇستىدىكى شەھەر ۋە يېزىلارنى ۋەيران قىلىپ ماڭغان. ئۇ جايدىكى ئاھالىلەر پىتراپ كەتكەن. ئىبادەتخانىلارغا ئوت قويۇپ، ئۇنىڭغا يوشۇرنىۋالغانلارنى غەرق قىلىدى. ئاھالىلەر ئۇيغۇر قوشۇنىنى كۆرسىلا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان بولغان.

ئۇيغۇرلار 762-يىلى 2-قېتىم لوياڭ شەھىرىنى، يەنى شەرقى ئاستانىنى بېسىۋالغان. شۇ چاغلاردا شەھەردە بىر مىليونچە خەلق ياشايتتى. شەھەر بۇلاڭ تالاڭغا ئۇچراپ، ئۆيلەر ۋەيران قىلىنغان. شەھەر ئاھالىسى شۇنچىلىك كەمبەغەللىشىپ كەتتىكى، ھەتتا قەغەزدىن كىيىم تىكىپ كىيىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. (س.ماككېراس: « 744-840-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى» 26-41-بەتلەر).

تاڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېڭى پادىشاھى دەيزۇڭ (762-799-يىللىرى) تەخىتكە چىققاندا، ئالدىنقىلاردىن قالغىنى جۇڭگونىڭ يۇقىرقىدەك خاراپ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت بولغان. پادىشاھ دەيزۇڭ قاغان ئىدىگەن مۇيۇنغا بەك يېقىنچىلىق قىلاتتى. ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۇكىسى دەپ يۇرەتتى. قىسقىسى، تاڭ ئوردىسى ئەن لۇشەن ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ قوزغۇلۇڭىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن تىنجىتتى. ئەمدىلىكتە تاڭ ئوردىسى ئالدىدا قانچىلىك بەدەل كەتسىمۇ ،بۇ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنى تاڭ پادىشاھلىقىدىن چىقىرۋېتىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپە تۇراتتى. قاغان ۋە ئۇنىڭ خاتۇنىگە قىممەتلىك سوۋغىلار بېرىلگەندىن باشقا، سەركەردىلەرگىمۇ تۇرلۇك ھۆرمەت ناملىرى بېرىلگەن. 763-يىلى باھاردا، ئۇيغۇرلار تاڭ سۇلالىسى دائىرىسىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. (س.ماككېراس: « 744-840-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى» 26-41-بەتلەر).

ئۇيغۇر قاغانى قايتىپ كېتىۋېتىپ قاغاننىڭ چېگرىسغا كەلگەندە سوغدى ۋە رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان چوڭ ئابىدە ئورناتتى. (بو ئابىدە «سېرۋىي يادىكارلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ).

قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تۈزگەن «ئۇيغۇرلار ۋە غەربى يۇرتتىكى باشقا تۇركى خەلىقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» دىن ئېلىندى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#