شامالچىباغ

شامالچىباغ بولسا قۇمۇلدىكى بىر كەنتنىڭ ئاتىلىشى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

3- ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى (1711-1740) ئوقيا ئېتىشتىكى ماھىرلىقى بىلەن بېيجىڭدا خاننى ھەيران قالدۇرغاندىن كېيىن، خان مەشقاۋۇللىرىنىڭ ھەسەت ئوتى كۈچىيىپ، خانغا ئىمىن ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ: «ئىمىن ۋاڭ دېگەن خاننىڭ قول ئاستىدىكى كىچككىنە بىر يۇرتنىڭ بېگى تۇرۇقلۇق خاننى كۆزگە ئىلمىدى، ئوقيا ئېتىش مەيدانىغا كىرىشتىن بۇرۇن خانغا تازىم قىلىشى كېرەك ئىدى. مەشقاۋۇللارنىڭ قائىدە – تۈزۈمىگە رىئايە قىلماي مەنمەنچىلىك قىلدى، خان بۇنىڭغا چارە كۆرۈشى كېرەك» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. خان مەشقاۋۇللارنىڭ دەۋاسىنى توغرا تېپىپ، ئىمىن ۋاڭنى ئىلىنىڭ شامالچىباغ دېگەن يېرىگە 15 يىللىق سۈرگۈن قىلىدۇ. 12 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىمىن ۋاڭنىڭ بالا – چاقىلىرى قۇمۇل شەھىرىنىڭ يەتتە كىلومېتىر جەنۇبىغا قورغان ياساپ ئۇنى شامالچىباغ دەپ ئاتايدۇ. ھەمدە ئاتىسىنى شۇ قورغانغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن خانغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. خان ئۇلارنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىمىن ۋاڭ يېڭى ياسالغان شامالچىباغقا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. ھازىرقى شامالچىباغ دېگەن كەنت نامىنىڭ پەيدا بولۇشى شۇنىڭدىن قالغانىكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#