ياۋا ئات كۆپەيتىش مەركىزى
ياۋا ئات كۆپەيتىش مەركىزى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى نىڭ غەربىي شىمالىغا 40 كىلومېتىر بولغان لاۋتەي يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋا ئات كۆپەيتىش مەركىزى جىمىسار ناھىيەسى نىڭ غەربىي شىمالىغا 40 كىلومېتىر بولغان لاۋتەي يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان. ناھىيە بازىرىدىن يولغا چىقىپ 40 كىلومېتىر ئاسفالت يول بار جايدا 3.5 كىلومېتىرلىق توپىلىق يول ئارقىلىق كۆپەيتىش مەركىزىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. جۇڭغار ياۋا ئېتى، يەنە بىر نامى پرىژىۋالىسكى ئېتى، موڭغۇل ياۋا ئېتى ئەسلىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقىدا ياشايدۇ، ھازىر ھەقىقىي ياۋايى تۈر توپى يوق. 1985–يىلى، 1986-يىلى ۋە 1988-يىلىغىچە ئېلىمىز ئايرىم-ئايرىم ھالدا گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە ساپ نەسىللىك ئات 16A ئادەتتىكى سىستېمىسى كىرگۈزۈپ بۇ كۆپەيتىش مەركىزى قۇرۇلغان. ھازىر ئۈچ ئەۋلاد ئات 50 جۈپ، يېرىم قۇيۇپ بېرىش، يېرىم سولاپ بېقىشتەك ئىككى خىل بېقىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. نۆۋەتتە بۇ مەركەزنى باشقۇرىدىغان ياۋا ئات تەتقىقات خادىملىرىدىن 10 نەچچە ۋارىسى بار. كۆلىمى تەخمىنەن 2km2، مەركەز ئاساسىي قۇرۇلۇشقا 5 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ياۋا ئات كۆپەيتىش مەركىزىنى رېشاتكىلاپ، يەم-خەشەك ئۆيى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيى سېلىنغان. ياۋا ئات ھەر يىلدىكى تەرەققىي قىلىشى، كۆپىيىپ ئەي بولۇش نىسبىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
يېقىندىن بېرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يۈزگە يېقىن مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ مەركەزگە كېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ھەر يىلى يەنە خېلى كۆپ ساندىكى دۆلەت ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر كىلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇ. ياۋا ئات ھەر بىر چاققان ۋە چىرايلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.