- مېترو (قاتناش ۋاستىسى )
- مېترو ()
مېترو
مېترو، يەنى «يەر ئاستى تۆمۈر يول» نىڭ قىسقارتىلغان نامى. ئەسلىدە بۇ يەر ئاستى يۈرگۈزۈش شەھەر رېلىسلىق قاتناش سىستېمىسى، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەھەر رېلىسلىق قاتناش سىستېمىسىمۇ تەرەققىي قىلدى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مىترو بولسا يەر ئاستىدىكى تۆمۈر يول سىستېمىسىنى بويلاپ شەكلىللەنگەن تەدرىجىي تەرەققىيات سېستىمىسىنىڭ بىر خىل ئېلېكترىك قوزغىتىلغان چوڭ تىپتىكى يۇكلەرنى شەھەردىن-شەھەرگە تېز سۈرئەتتە توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، شەھەر رېلىسلىق قاتناش ئەندىزىسى بولۇپ قالدى. شەھەرلەردىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەنئەنىۋى يەر ئۈستى قاتناش ترانسىپورتىنىڭ يۆتكەش مىقدارى ئاز، سۈرئىتى ئاستا بولغاچقا، زامانىۋى شەھەرلەرنىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان قاتناش ئېھتىياجىغا ماسلىشالمايۋاتىدۇ شۇڭلاشقا، شەھەر قاتنىشى بوشلۇققا، ياكى يەر ئاستىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېترو كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.شەھەر مېترولىرىغا ئادەتتە يەر ئاستى تونىل شەكلى قوللىنىلىدۇ، تونىل يەر يۈزىدىن 02-30 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولىدۇ. مېترولار شەھەر رايونىدىن چىققاندىن كېيىن يەر ئاستىدىن يەر ئۈستىگە چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەر ئۈستى قاتنىشى بىلەن يەر ئۈستى قاتنىشى ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ.
يولۇچى توشۇش، مال توشۇش
مېترو قاتنىشى مەخسۇس لىنىيىلىك ترانسىپورتقا تەۋە بولۇپ، ئېگىز بىنا، مەيدان ۋە دەريا-ئۆستەڭلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. مېترونىڭ ترانسىپورت مىقدارى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئادەتتە ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ يەتتە-ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ مېترونىڭ سۈرئىتى تېز، قاتنىشى راۋان بولۇپ، يەر ئۈستى ئاپتوموبىللىرىنىڭ سۈرئىتىدىن ئىككى-ئۈچ ھەسسە تېز؛ مېترودا بۇلغىنىش بولمايدۇ. ئېلېكتر ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان بولغاچقا مېترولاردا ھاۋانى بۇلغاش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس. مېترونىڭ بېلەت سېتىش، بېلەت تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئاپتوماتىك بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ بېكەتكە كىرىپ-چىقىش، مېتروغا چىقىش-چۈشۈش تەرتىپى يۈكسەك دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇلغان. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.