تاموژنا قانۇنى

تاموژنا قانۇنى

1987–يىلى 1–ئاينىڭ 22–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى. 2000–يىلى 7–ئاينىڭ 8–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تموژنا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1987-يىلى1-ئاينىڭ22-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国海关法海关法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1987-يىلى7-ئاينىڭ1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاموژنا قانۇنى(1987–يىلى 1–ئاينىڭ 22–كۈنى 6–نۆۋەتلىك مەملكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى. 2000–يىلى 7–ئاينىڭ 8–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16–سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 

1–باب ئومۇمىي قائىدە

1–ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش، تاشقى ئىقتىساد–تاشقى سودا ئالاقىسىنى ۋە پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلدى.

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا ئورگىنى–دۆلەتنىڭ چېگرا ئۆتكەللىرىدىن كىرىش–چىقىشنى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چېگرىدىن كىرىش–چىقىش دېيىلىدۇ) نازارەت قىلىدىغان ۋە باشقۇرۇدىغان ئورگان. تاموژنا ئورگىنى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى، مال، يۈك–تاق، پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغان ۋە باشقا بۇيۇملارنى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى، مال ۋە بۇيۇملار دېيىلىدۇ) نازارەت قىلىدۇ، تاموژنا بېجى ۋە باشقا باج، ھەقلەرنق ئالىدۇ، ئەتكەسچىلەرنى تەكشۈرۈپ تۇتىدۇ ھەمدە تاموژنا ستاتىسكىسىنى تۈزىدۇ ۋە باشقا تاموژنا كەسىپلىرىنى بېجىرىدۇ. 

3–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە تاموژنىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان تاموژنا باش مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىدۇ. 

دۆلەت سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن سودا ئېغىزلىرىدا ۋە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش كەسىپلىرى مەركەزلەشكەن جايلىرىدا تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ. تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى مەمۇرىي رايونغا ئايرىشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

تاموژنا ئورگىنى ئۆزىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇۋە تاموژنا باش مەھكىمىسى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ.

4–ماددا دۆلەت تاموژنا باش مەھكىمىسىدە مەخسۇس ئەتكەسچىلىك جىنايىتى تەھقىقلايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ. ئۇنىڭغا سەپلەپ بېرىلگەن ئەتكەسچىلەرنى تۇتىدىغان مەخسۇس ساچىلار ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش رايونى تەۋەسىدىكى ئەتكەسچىلىك جىنايى دېلولىرىنى تەھقىقلاش، تۇتۇپ تۇرۇش قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش، تەييارلىق سوراق قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولىدۇ.

تاموژنا ئورۇنلىرىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەھقىقلاش، تۇتۇپ تۇرۇش، قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلىش، تەييارلىق سوراق قىلىش مەجبۇرىيىتىنى جەزمەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئادا قىلىشى لازىم. 

تاموژنا ئورۇنلىرىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتى تەھقىقلايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن شۆبە ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. ھەر قايسى شۆبە ئاپپاراتلار ئۆزلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئەتكەسچىلىك جىنايى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىگە ئەيىبلىشى لازىم.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تاموژنا ئورۇنلىرىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايى دېلولىرىنى تەھقىقلايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرىيىتى ئادا قىلىشىغا ماسلىشىشى لازىم. 

5–ماددا دۆلەت ئەتكەسچىلەرنى بىرلىشىپ تۇتۇش، بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشتىن ئىبارەت ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ. تاموژنا ئەتكەسچىلەرنى تەكشۈرۈپ تۇتۇش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىش، ئۇنى ماسلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا ئىشىغا مەسئۇل بولىدۇ. بۇنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ. 

مامۇرىي جەھەتتىن قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئالاقىدار ئورۇنلار قولغا چۈشۈرگەن ئەتكەسچىلىك دېلولىرىدىن مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ جىنايەتكە چېتىلىدىغانلىرىنى تاموژنا ئورۇنلىرىنىڭ ئەتكەسچىلىك جىنايىتىنى تەھقىقلايدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ياكى يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگنىنىڭ دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى جەھەتتىكى ئىش تەقسىماتى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېجىرىشكە تاپشۇرۇپ بېرىش لازىم. 

6–ماددا تاموژنا ئورگانلىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:

(1) چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترنسپورت قوراللىرى، مال ۋە بۇيۇملارنى تەكشۈرىدۇ؛ ئۇلاردىن مۇشۇ قانۇنغا ياكى باشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ كەلگەنلىرىنى تۇتۇپ قالىدۇ.

(2) چېگرىدىن كىرىدىغان–چىقىدىغان خادىملارنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرىدۇ؛ مۇشۇ قانۇنغا ياكى باشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان گۇمانلىق كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرىدۇ.

(3) چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى، مال ۋە بۇيۇملارغا ئالاقىدار توختام، تالون ھېسابات دەپتىرى، ئوردىر، خاتىرە، ھۆججەت، كەسىپكە ئائىت خەت–تېلېگراممىلار، ئۈن–سىن بۇيۇملىرى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى تەكشۈرىدۇ ۋە تەقلىد قىلىپ باستۇرۇۋالىدۇ؛ بۇنىڭدىن چېگرىدىن چىقىرىلىشى–كىرگۈزۈلۈشى مۇشۇ قانۇنغا ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپ كېلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى، مال ۋە بۇيۇملارغا چېتىشلىق بولغانلىرىنى تۇتۇپ قالىدۇ.

(4) تاموژنىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشىدىكى رايوندا ۋە تاموژنىغا يېقىن دېڭىز ياقىسى، چېگرا بويىدىكى بەلگىلەنگەن رايونلاردا ئەتكەسچىلىك جەھەتتە گۇمان قىلىنغان ترانسپورت قوراللىرىنى ۋە ئەتكەس مال، ئەتكەس بۇيۇملار يوشۇرۇلغان دەپ گۇمان قىلىنغان ئورۇنلارنى تەكشۈرىدۇ، ئەتكەسچىلىك قىلدى، دەپ گۇمان قىلىنغانلارنىڭ يېنىنى ئاختۇرىدۇ، ئەتكەسچىلىك جەھەتتە گۇمامقىلىنغان ترانسپورت قوراللىرى، مال ۋە بۇيۇملارنى، ئەتكەسچىلىك جىنايىتى بار دەپ گۇمان قىلىنغانلارنى بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنىڭ ياكى ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى ھوقۇق بېرىلگەن تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق تۇتۇپ قالسا بولىدۇ؛ ئەتكەسچىلىك جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ قېلىش ۋاقتى 24 سائەتتىن ئاشۇرۇلمايدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا تۇتۇپ قېلىش ۋاقتىنى 48 سائەتكىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

تاموژنىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشىدىكى رايون ۋە تاموژنىغا يېقىن دېڭىز ياقىسى، چېەرا رايونىدىكى بەلگىلەنگەن رايونلاردىن باشقا رايونلاردا ئەتكەسچىلىك دېلولىرىنى تەكشۈرگەندە، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنىڭ ياكى ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى ھوقۇق بېرىلگەن تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئەتكەسچىلىك جەھەتتە گۇمان قىلىنغان ترانسپورت قوراللىرىنى ۋە ئەتكەس مال، ئەتكەس بۇيۇملار يوشۇرۇلغان دەپ گۇمان قىلىنغان پۇقرالارنىڭ ئولتۇراق ئۆيىدىن باشقا ئورۇنلارنى تەكشۈرسە بولىدۇ، تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار كىشىلەر جەزمەن نەق مەيدانغا كېلىشى كېرەك؛ ئالاقىدار كىشىلەر نەق مەيدانغا كەلمىسە، گۇۋاھچىلار بولغان ئەھۋال ئاستىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن ئەتكەسچىلىك قىلغانلىقى دەلىل–ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ترانسپورت قوراللىرى، مال ۋە بۇيۇملارنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

تاموژنىغا يېقىن دېڭىز ياقىسى، چېگرا بويىدىكى بەلگىلەنگەن رايوننىڭ دائىرىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئالاقىدار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

(5) ئەتكەسچىلىك دېلولىرىنى تەشۈرگەندە، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنىڭ ياكى ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى ھوقۇق بېرىلگەن تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن دېلوغا چېتىشلىق ئورۇن ۋە گۇمانلىق كىشىلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پوچتا كارخانىلىرىدىكى پۇل ئامانىتىنى، پۇل پېرېۋوتىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

(6) تاموژنا ئورگىنى تاموژنىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشىغا قاراشلىق كۆرسىتىش يولى بىلەن ئوغرىلىقچە چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەن–چىقىرىلغان ترانسپورت قوراللىرىنى ياكى شۇنداق يول بىلەن ئوغرىلىقچە چېگرىدىن كىرگەن–چىققان شەخسلەرنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش رايونى ۋە تاموژنىغا يېقىن دېڭىز ياقىسى، چېگرا بويىدىكى بەلگىلەنگەن راايونلارنىڭ سىرتىغا قوغلاپ بارسا ۋە ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

(7) تاموژنا ئورگىنىغا ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن قورال–ياراغ سەپلەپ بېرىشكە بولىدۇ. تامودنا خادىملىرىنىڭ قورال ئېلىپ يۈرۈش ۋى ئىشلىتىش قائىدىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. 

(8) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تاموژنا ئورگىنى يۈرگۈزىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار. 

7–ماددا ھەر قايسى جايلار، تارماقلار تامودنا ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىشى، تاموژنا ئورۇنلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا قانۇنسىز ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك.

8–ماددا چېەرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى، مال ۋە بۇيۇملار تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان جاي ئارقىلىق چېگرىدىن كىرگۈزۈلۈشى ۋە چىقىرىلىشى كېرەك. ئالاھىدە ئەھۋالدا، تاموژنا ئورەىنى تەسىس قىلىنمىغان جاي ئارقىلىق چېگرىدىن ۋاقىتلىق كىرگۈزۈشكە ياكى چىقىرىشقا توغرا كەلسە، گوۋۇيۈەننىڭ ياكى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

9–ماددا ئىمپورت–ئېكىسپورت ماللىرىدىن ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىلغانلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار ۋە ئەۋەتكۈچىلەر ئۆزى بېجىرسە بولىدۇ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچى تاموژنىنىڭ رۇخسىتى بىلەن رويخەتكە ئېلىنغان تاموژنىغا مەلۇم قىلىشى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىنىڭ بېجىرىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. 

چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ ئىلگىرى تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى ئۆزلىرى بېجىرسىمۇ، باشقىلارنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ.

10–ماددا تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ نامى بىلەن تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن بولسا، تاموژنىغا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ھوقۇق بېرىش ھاۋالە خېتىنى تاپشۇرۇشى، مۇشۇ قانۇننىڭ ھاۋالە قىلغۇچىلار توغرىسىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلاردىن ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەۋەتكۈچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نامى بىلەن تاموژنىغا مالۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلىرى، مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە مال ئەۋەتكۈچى بىلەن ئوخشاش قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ھاۋالە قىلغۇچى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارغا ھاۋالە قىلغان بولسا، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقىي ئەھۋال بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك؛ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە، ھاۋالە قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئەھۋاللارنىڭ ھەقىيقىلىقى ئۈستىدە مۇۋاپىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 

11–ماددا ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار ۋە ئەۋەتكۈچىلەر، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتە، جەزمەن تاموژنا ئورۇنلىرىغا قانۇن بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇشى لازىم. تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملار جەزمەن قانۇن بويىچە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە تاموژنا ئورۇنلىرىغا رويخەتكە ئالدۇرمىغان كارخانىلار ۋە قانۇن بويىچە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغان خادىملارنىڭ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار ۋە تاموژنىغا مالۇم قىلىش كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار باشقىلارنىڭ تاموژنىغا مەلۇم قىلىشغا قانۇنسىز ۋاكالەتچىلىك قىلسا ياكى ئۆزىنىڭ كەسپىي دائىرىسىدىن ھالقىپ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ. 

12–ماددا تاموژنا ئورگىنى ئۆز ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر سورالغان سوئالغا راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشى ھەمدە ئۇلارغا ماسلىشىشى لازىم، ھەر قانداق ئورۇننىڭ شەخسنىڭ ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

تاموژنا ئورگىنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋېتىپ، زورلۇققا، قارشىلىققا ئۇچرىسا، شۇنىڭغا ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى تاموژنا ئورگىنىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

13–ماددا تاموژنا ئورۇنلىرىدا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشىدىن قېچىش قىلمىشلىرىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ. 

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشىدىن قېچىش قىلمىشلىرىنى ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق. 

تاموژنا ئورگىنى مۇشۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى پاش قىلىش ياكى ئېنىقلاشقا يادەم بېرىشتە خىزمەت كۆرسەتكەن ئورۇنلارنى ۋە شەخسلەرنى ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلىشى كېرەك. 

تاموژنا ئورگىنى پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

2–باب چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى 

14–ماددا چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى تاموژنا ئورگىنى

تەسىس قىلىنغان جايغا يېتىپ بارغان ياكى ئۇ جايدىن كېتىدىغان ۋاقىتتا، شۇ ترانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇللىرى تاموژنا ئورگىنىغا ئەينەن مەلۇمات بېرىشى، تالونلىرىنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە تاموژنا ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىشى–باشقۇرۇشى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم. 

چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان-چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان جايدا توختىتىلغاندىن كېيىن تاموژنا ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە كېتىپ قالسا بولمايدۇ.

چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسىپورت قوراللىرىنى تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان بىر جايدىن تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان يەنە بىر جايغا ھەيدەپ بارىدىغانلار تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش تەلىپىگە مۇۋاپىق ئىش كۆررۈشى، تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك، تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولماي تۇرۇپ، يولنى ئۆزگەرتىپ، چېگرا سىر تىغا قاراپ ھەيدەشكە بولمايدۇ. 

15–ماددا چېگرىدىن كىرىدىغان ترانسپورت قوراللىرى چېگرىدىن كىرىپ تاموژنا ئورگىنىغا مەلۇم بېرىشتىن بۇرۇن، چېگرىدىن چىقىدىغان ترانسپورت قوراللىرى تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولۇپ، چېگرىدىن چىقىشتىن بۇرۇن، قاتناش باشقۇرۇش ئورگىنى بەلگىلىگەن لىنىيە بويىچە مېڭىشى كېرەك، قاتناشش باشقۇرۇش ئورگىنى لىنىيە بەلگىلىمىگەن بولسا، تاموژنا ئورگىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. 

16–ماددا ترانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئالاقىدار قاتناش–ترانسپورت تارماقلىرى چېگرىدىن كىرىدىغان–چىقىدىغا كېمە، پويىز، ھاۋا ترانسپورت قوراللىرىنىڭ كېلىدىغان ۋە كېتىدىغان ۋاقتىنى، توختاش ئورۇننى ۋە مال، بۇيۇملارنى قاچىلاش–چۈشۈرۈش ۋاقتىنى تاموژنا ئورگىنىغا ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

17–ماددا چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان مال ۋە بۇيۇملارنى ترانسپورت قوراللىرىغا قاچلاش ۋە ئۇنىڭدىن چۈشۈرۈش ياكى چېگرىدىن كىرىدىغان چىقىدىغان يولۇچىلارنى قاتناش قوراللىرىغا چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن چۈشۈرۈش ئىشلىرىدا تاموژنا ئورگىنىنىڭ نازارىتىنى ۋە باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. 

مال ۋە بۇيۇملار قاچىلىنىپ ياكى چۈشۈرۈلۈپ بولغاندا، ترانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇللىرى تاموژنا ئورگىنىغا ئەمەلىي قاچىلاش–چۈشۈرۈش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش–ئۆتكۈزۈۋېلىش ھۆججەتلىرىنى ۋە خاتىرىلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان-چىقىرىلىدىغان ترنسپورت قوراللىرىغا چىقىدىغان ۋە ئۇلاردىن چۈشىدىغان خادىملار بىللە ئېلىپ ماڭغان بۇيۇملىرىنى تاموژنا ئورگىنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىشى ۋە تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

18–ماددا تاموژنا ئورگىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان-چىقىرىلىدىغان ترنسپورت قوراللىرىنى تەكشۈرگەندە، ترانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇلى شۇ مەيداندا ھازىر بولۇشى ھەمدە تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەلپىگە ئاساسەن، كېمە(ئايروپىلان) بۆلمە–خانىلىرىنى، ئۆيلىرىنى، قاتناش قوراللىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بېرىشى كېرەك؛ ئەتكەسچىلىكتە گۇمان قىلىنغان ئەتكەس ماللار، بۇيۇملار يۇشۇرۇلۇش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلارنى ئېچىپ بېرىشى، ماللار، ئەشيالارنى يۆتكەپ بېرىشى لازىم.

تاموژنا ئورگىنى خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قاتناش قورالى بىلەن بىللە يۈرۈپ ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن خادىم ئەۋەتسە بولىدۇ، بۇنىڭغا ترانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇلى ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

19–ماددا چېگرىدىن كىرىش ئۈچۈن چېگرا سىرتىدا تۇرۇۋاتقان ترانسپورت قوراللىرىنى ۋە چېگرىدىن چىقىش ئۈچۈن چېگرا ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ترانسپورت قوراللىرىنى تاموژنا ئورگىنىدا رەسمىيەت ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

20–ماددا چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان كېمە، ھاۋا ترانسپورت قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ چېگرا ئىچىدە يولۇچىلارن توشۇش ۋە مال توشۇش ئىشلىرى بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللانغۇچىلار تاموژنا ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ۋە تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش تەلپىگە مۇۋاپىق ئىش كۆرۈشى كېرەك. 

چېگرىدىن كىرىپ–چىقىپ تۇرۇۋاتقان ترانسپورت قوراللىنى ئىچكى ترانسپورتقا ئۆزگەرتمەكچى بولغانلار تاموژنا ئورگىنىدا رەسمىيەت بېجىرىشى كېرەك.

21–ماددا دېڭىز ياقىلىرىدا ترانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كېملەر، بېلىقچىلىق كېمىلىرى ۋە دېڭىزدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان ئالاھىدە كېمىلەرنىڭ تاموژنا ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، چېگرىدىن كىرگۈزۈلدىغان–چىقىرىلىدىغان مال ۋە بۇيۇملارنى توشۇشىغان ياكى ئالماشتۇرۇشىغا، ئېلىپ–سېتىشىغا، ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

22–ماددا چېگرىدىن كىرىدىغان–چىقىدىغان كېمە ۋە ھاۋا ترانسپورت قورللىرى يەڭگىلى بولمايدىغان توسالغۇلار، ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن، تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنمىغان جايدا توختىتىشقا، قونۇشقا ياكى مال ۋە بۇيۇملارنى تاشلىۋېتىشكە، چۈشۈرۈشكە مەجبۇ بولغاندا، ترنسپورت قورالىنىڭ مەسئۇل ئەھۋالنى يېقىن ئەتراپتىكى تاموژنا ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك. 

3–باب چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ماللار 

23–ماددا ئىمپورت ماللىرى چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ تاموژنا رەسمىيىتى بېجىرىلىپ بولغانغا قەدەر، ئېكسپورت ماللىرى تاموژنا ئورگىنىغا مەلۇم قىلىنغاندىن تارتىپ چېگرىدىن چىقىرىلغانغا قەدەر، چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئۇلاپ توشۇلىدىغان ۋە بىۋاسىتە توشۇلىدىغان ماللار چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ چېگرىدىن چىقىرىلغانغا قەدەر، تاموژنا ئورگىنىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. 

24–ماددا ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچى تاموژنا ئورگىنىغا ئەينەن مەلۇمات بېرىشى، ئىمپورت–ئېكسپورت ئىجازەتنامىلىرىنى ۋە ئالاقىدار تالونلارنى تەكشۈرتۈشى لازىم. ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىشىغا دۆلەت چەك قويغان ماللاردىن ئىمپورت–ئېكسپورت ئىجازەتنامىلىرى بولمىغانلىرى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، بۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۋالغاچى ترانسپورت قورالىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈشنى مەلۇم قىلغان كۈندىن تارتىپ 14 كۈن ئىچىدە، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچى تاموژنا ئورگىنى ئالاھىدە رۇخسەت قىلغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مال تاموژنىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشىدىكى رايونغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋە مال قاچىلاشتىن 24 سائەت ئىلگىرى تاموژنا ئورگىنىغا مەلۇق قىلىشى كېرەك. 

ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۋالغۇچى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئۆتۈپ كەتكەندە تاموژنا ئورگىنىغا مەلۇم قىلسا، تاموژنىغا مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىك ھەققى تۆلەيدۇ.

25–ماددا ئىمپورت–ئېكىسپورت ماللىرىنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسميىتىنى بېجىرىشتە، يازما مەلۇمات تالونى ۋە ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات تالونى شەكلى قوللىنىلىدۇ. 

26–ماددا تاموژنا ئورگىنى مەلۇماتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تالوننى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئەمەلىدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ؛ ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق ئاساسى بارلىرىنى تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزگەرتىشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ. 

27–ماددا ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى تاموژنا ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، مەلۇم قىلىشتىن بۇرۇن مالنى تەكشۈرۈپ كۆرسە ياكى مال ئەۋرىشكىسىنى ئالسا بولىدۇ. قانۇن بويىچە كارانتىن قىلىش زۆرۈر بولغانلىرىنى كارانتىن قىلىپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن مال ئەۋرىشكىسىنى ئېلىشى كېرەك. 

28–ماددا ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى تاموژنا ئورگىنىغا تەكشۈرتۈلۈشى كېرەك. تاموژنا ئورگىنى ماللارنى تەكشۈرگەندە، ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچى شۇ مەيداندا ھازىر بولۇشى ھەمدە ماللارنى يۆتكەشكە، قاچلانغان–ئورالغان ماللارنى ئېچىشقا ۋە يېڭىباشتىن ئوراش–قاچىلاشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، تاموژنا ئورگىنى زۆرۈر تاپقاندا، ماللارنى بىۋاسىتە تەكشۈرسە، قايتا تەكشۈرسە ياكى مال ئەۋرىشكىسى ئالسا بولىدۇ. 

مال تاپشۇرۋالغۇچى ياكى مال ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىلىماس قىلىشى، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى تەكشۈرۈلمىسىمۇ بولىدۇ.

29–ماددا تاموژنا ئورگىنى ئالاھىدە تەستىقلىغانلىرىدىن باشقا، ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى مال تاپشۇرۋالغۇچى ياكى مال ئەۋەتكۈچى باج تاپشۇرۇپ بولغان ياكى كېپىل بولغۇچى تاپقاندىن كېيىن، تاموژنا ئورگىنىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ماڭدۇرۇلىدۇ.

30–ماددا ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۋالغۇچى ترانسپورت قوراللىرىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈشنى مەلۇم قىلغاندىن باشلاپ ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتكىچە تاموژنا ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىسا، ئۇنىڭ ئىمپورت ماللىرىنى تاموژنا ئورگىنى تاپشۇرۋېلىپ قانۇن بويىچە سېتىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، تاپاۋەت پۇلىدىن ترانسپورت ھەققى، قاچىلاش–چۈشۈرۈش ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەر ۋە باج سوممىسى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئاشقان پۇل شۇ ماللار قانۇن بويىچە سېتىلغان كۈندىن ئېتىبارەن بىر يىل ئىچىدە مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە ئۆزىگە قايتۇرۇلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدە دۆلتنىڭ ئىمپورتقا چەك قويۇش بەلگىلىمىسىگە تەۋە بولۇپ، ئىمپورت ئىجازەتنامىسىنى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تاپشۇرالمىغانلىرىنىڭ مال پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ. مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئىلتىماس قىلغۇچى چىقمىسا ياكى قايتۇرۇپ بېرىشكە تېگىشلىك بولمىسا، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدۇ.

چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەن ماللار ھەقىقەتەن خاتا چۈشۈرۈلۈپ قالغان ياكى ئارتۇق چۈشۈرۈلۈپ قالغان بولسا، تاموژنا ئورگىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ترانسپورت قورالىنىڭ مەسئۇل ياكى ماللارنى تاپشۇرۋالغۇچى ياكى ئەۋەتكۈچى مۇشۇ قاتناش قورالىدىن مال چۈشۈرگەن كۈندىن ئېتىبارەن ئۈچ ئاي ئىچىدە مالنى قايتۇرۇپ كېتىش ياكى ئىمپورت قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپلىغاندا، تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، مۇددەتنى ئۈچ ئاي ئۇزاتىشقا بولىدۇ. مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكىچە، رەسمىيەت بېجىرمىگەنلەرنىڭ ماللىرىنى تاموژنا ئورگىنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ماللاردىن ئۇزاق ساقلىغىلى بولمايدىغانلىرىنى تاموژنا ئورگىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، مۇددەتىن بۇرۇن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ.

مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى مال ئىگىسى ئىمپورت ماللىرىدىن ۋەز كەچكەنلىكىنى جاكارلىسا، تاموژنا ئورگىنى بۇ ماللارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، سېتىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ تاپاۋەت پۇلىدىن ترانسپورت ھەققى، قاچىلاش–چۈشۈرۈش ھەققى، ساقلاش ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەر تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئاشقىنى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ. 

31–ماددا تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ۋاقىتلىق ئىمپورت قىلىندىغان، ۋاقىتلىق ئېكىسپورت قىلىندىغان ماللار ئالتە ئاي ئىچىدە قايتا چېگرىدىن چىقىرىلىشى ياكى قايتا چېگرىدىن كىرگۈزۈلۈشى لازىم؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا تاموژنا ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن مۇددەتنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. 

32–ماددا باج ئېلىنىدىغان ماللارنى ساقلاش، پىششىقلاش، قۇراشتۇرۇش، كۆرگەزمىگە قويۇش، توشۇش، ۋەكالىتەن سېتىش كەسپلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ياكى بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ماگېزىن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تاموژنا ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش تەلپىگە لايىق ئىش كۆرۈشى كېرەك ھەمدە تاموژنا ئورگىنىغا تەستىقلىتىشى ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

باج ئېلىنمايدىغان مالارنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، يۆتكەشتە ۋە باج ئېلىنىمايدىغان سورۇنلارغا ئېلىپ كىرىش–چىقىشتا، تاموژنا ئورگىنىغا بېرىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش، تاموژنا ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇشى، نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. 

33–ماددا كارخانىلار پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئالاقىدار تەستىق ھۆججەتلىرىنى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش سودا توختامنى ئېلىپ تاموژنا ئورگىنىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك، پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسدىكى تەييار مەھسۇلات ئىشلەشكە سەرپ قىلىندىغا ماتېرىياللارنىڭ بىرلىك مىقدارىنى تاموژنا ئورگىنى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. 

پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىدىكى تەييارمەھسۇلات بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قايتا ئېكىسپورت زاپچاس–ماتېرىياللاردىن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باج ئېلىنمايدىغانلىرىدا تاموژنا ئورگىنىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ھېسانتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك؛ باج ئاۋۋال ئېلىنغان بولسا، تاموژنا ئورگىنىغا بېرىپ قانۇن بويىچە باج قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك. 

پىشىقلاپ ئىشلەش سودىسدا باج ئېلىنمايدىغان ئىمپورت ماتېرىياللار ياكى تەييار مەھسۇلاتلار مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇقتا سېتىشقا رۇخسەت قىلىنغان تەستىق ھۆججىتىگە ئاساسەن، باج ئالىدۇ؛ دۆلەتنىڭ ئىمپورتقا چەك قويۇشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە ياتىدىغانلىرىدا، تاموژنا ئورگىنىغا ئىمپورت ئىجازەتناملىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

34–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قۇرۇلغان باجدىن خالىي رايون قاتارلىق تاموژنا ئورگىنى ئالاھىدە باشقۇرىدىغان–نازارەت قىلىدىغان رايونلارنى تاموژنا ئورگىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

35–ماددا ئىمپورت ماللىرىنىڭ تاموژنا رەسمىيىتىنى مال تاپشۇرۇۋالغۇچى مال كىرگۈزۈلىدىغان چېگرىدىكى تاموژنا ئورگىنىغا بېرىپ بېجىرىشى، ئېكسپورت ماللىرىنىڭ تاموژنا رەسمىيىتىنى مال ئەۋەتكۈچى مال چىقىرىلدىغان چېگرىدىكى تاموژنا ئورگىنىغا بېرىپ بېجىرىشى كېرەك. 

مال تاپشۇرۋالغۇچى ياكى مال ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، تاموژنا ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان جايدىكى بەلگىلەنگەن توشۇش ئورنىدا، ئېكىسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچى تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان جايدىكى مال توشۇش باشلىنىدىغان ئورۇندا تاموژنا رەسمىيىتى بېجىرسە بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماللارنى تاموژنىدىن يۆتكەپ توشۇش ئىشلىرى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىپ توشۇشقا خادىم ئەۋەتىسە بولىدۇ.

كابىل، تۇرۇبا يولى، ياكى باشقا ئالاھىدە شەكىللەر ئارقىلىق چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ماللارنى مەسئۇل ئورۇنلار بەلگىلەنگەن تاموژنا ئورگىنىغا قەرەللىك مەلۇم قىلىپ تۇرۇشى ۋە تاموژنا رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك. 

36–ماددا ماللارنى چېگرىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۇلاپ توشۇغان ۋە بىۋاسىتە توشۇغان چاغدا، ترانسپورت قوراللىرىنىڭ مەسئۇللىرى چېگرىدا كىرىدىغان جايدىكى تاموژنا ئورگىنىغا ئەھۋاللارنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى ۋە ماللارنى چېگرىدىن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە توشۇپ چىقىپ كېتىشى كېرەك. 

تاموژنا ئورگىنى زۆرۈر تاپقاندا، چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئۇلاپ توشۇلىدىغان ۋە بىۋاسىتە توشۇلىدىغان ماللارنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

37–ماددا تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرۇدىغان ماللارنى تاموژنا ئورگىنىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئېچىشقا، ئېلىشقا، تاپشۇرۇشقا، توشۇشقا، ئالماشتۇرۇشقا، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشقا، گۆرۈگە قويۇشقا، رەنىگەقويۇشقا، ئېلىپ قېلىشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، بەلگىلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا، يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

ھەر قانداق كىشىنىڭ تاموژنا ئورگىنى چاپلىغان پېچەت بەلگىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئېچىشىغا ياكى بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان ماللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈستىدە خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم، كېسىم چىقارغان ياكى ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار قارار چىقارغان بولسا، ئالاقىدار كىشىلەرنى تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە بۇيرۇش لازىم. 

38–ماددا تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان ماللارنى ساقلاش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار جەزمەن تاموژنا ئورگىنى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇشى ھەمدە مال قوبۇل قىلىش، مال ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى تاموژنا بەلگىلىمىسى بويىچە بېجىرىشى كېرەك. 

تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان ماللارنى تاموژنا ئورگىنىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشىدىكى رايوننىڭ سىرتىدا ساقلىغاندا، تاموژنا ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ۋە تاموژنا ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىش لازىم.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان ماللارنى ساقلاش مەزگىلىدە، تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان ماللارنى زىيانغا ئۇچراتقان، يوقىتىپ قويغانلار تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تەبىئىي ئاپەتتىن باشقا ئەھۋالدا، تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان ماللارنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بولغان ئادەم مۇناسىپ باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتى ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

39–ماددا چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان كونتېينېرلارنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش چارىسىنى، چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىرىنى ۋە چۆكۈپ كەتكەن كېمىلەرنى سۈزۈۋېلىشنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش چارىسىنى، ئۇششاق چېگرا سودىسىغا كىردىغان ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش چارىسىنى ھەمدە مۇشۇ قانۇندا كونكرېت كۆرسىتىلمىگەن چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان باشقا ماللارنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش چارىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى تۈزۈپ چىقىدۇ ياكى تاموژنا باش مەھكىمىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ. 

40–ماددا تاموژنا ئورگىنى دۆلەت چېگرىدىن كىرگۈزۈش–چىقىرىشنى مەنئى قىلىش ياكى چەك قويۇشقا دائىر بەلگىلىمە چىقارغان ماللار ۋە بۇيۇملارنى قانۇن، مۇمۇرىي نىزام، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن چىقارغان بەلگىلىمىلەر بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى تۈزۈپ چىقىدۇ. 

41–ماددا ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى دۆلەتنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي دۆلەتنىڭ ئەسلىي ئىشلەپىقىرىلغان جايىغا ئالاقىدار پرىنسىپلىرىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

42–ماددا ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنىڭ تاۋار تۈرىگە ئايرىلىشى دۆلەتنىڭ تاۋارلارنى تۈرگە ئايرىش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.

تاموژنا ئورگىنى ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۋالغۇچى، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچىلەردىن تاۋار تۈرىنى ئايرىشقا ئېھتىياجلىق ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ زۆرۈر تەكشۈرۈشكە تەشكىللىسە ھەمدە تەجرىبە قىلىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تاۋار تۈرىنى ئايرىشنىڭ ئاساسى قىلسا بولىدۇ. 

43–ماددا تاموژنا ئورگىنى تاشقى سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يازما ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئىمپورت–ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ تاۋار تۈرىگە ئايرىلىشى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئالدىنئالا مەمۇرىي كېسىم چىقارسا بولىدۇ.

ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئوخشاش تۈردىكى ماللارغا تاۋار تۈرىنى ئايرىش توغرىسىدىكى ئوخشاش مەمۇرىي كېسىم تەتبىقلىنىدۇ. 

تاموژنا ئورگىنى تاۋار تۈرىنى ئايرىش توغرىسىدا چىقارغا مەمۇرىي كېسىملەرنى ئېلان قىلىشى كېرەك. 

44–ماددا تاموژنا ئورگىنى قانۇن، چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان ياكى چىقىرىلىدىغان ماللارغا ئالاقىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. تاموژنا ئورگىنىغا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش زۆرۈر بولغاندا، ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۋالغۇچى، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر ئەھۋاللارنى ئەينەن مەلۇم قىلىشى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇنلۇق ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇشى لازىم.

45–ماددا ئىمپورت–ئېكىسپورت ماللىرى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ياكى باج ئېلىنىمايدىغان مال، بېجى كېمەيتىلىدىغان، كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئىمپورت ماللىرى تاموژنا ئورگىنى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىغان–باشقۇرۇلىدىغان مۇددەت ئىچىدا ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە، تاموژنا ئورگىنى ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كارخانا، ئورۇنلارنىڭ بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، بوغالتىرلىق تالونى، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش تالونى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى شۇنداقلا ئالاقىدار ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەندۇ.

4–باب چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان بۇيۇملار 

46–ماددا شەخسلەر چېگرىدىن ئېلىپ كىرىدىغان، ئېلىپ چىقىدىغان يۈك–تاق، بۇيۇملار، چېگرىدىن پوچتا ئارقىلىق كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان بۇيۇملار شۇ شەخس ئۆزى ئىشلىتىدىغان بولۇش، مىقدارى تاموژنىنىڭ نازارىتىنى ۋە باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

47–ماددا چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئىگىلىرى ئۇلارنى تاموژنا ئورگىنىغا ئەينەن مەلۇم قىلىشى ۋە تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

ھەرقاندا كىشىنىڭ تاموژنا ئورگىنى چاپلىغان بەلگىلەرنى ئۆزى مەيلىچە ئېچىشىغا ياكى بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

48–ماددا چېگىرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان پوچتا خالتىلىرىنى قاچىلاش–چۈشۈرۈش، ئۇلارپ توشۇش ۋە چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىدا تاموژنىنىڭ نازارىتى ۋە باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش لازىم. پوچتا كارخانىلىرى تاموژنا ئورگىنىغا پوچتا يوللانمىلىرىغا دائىر يول خېتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

پوچتا كارخانىلىرى خەلقئارا پوچتا خالتىلىرىنى ئېچىش ۋە پېچەتلەپ تارقىتىش ۋاقتىنى تاموژنا ئورگىنىغا ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇشى، تاموژنا ئورگىنى نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋاقتىدا خادىم ئەۋەتىشى كېرەك. 

49–ماددا ئالاقىدار تىجارەت ئورۇنلىرى چېگرىدىن پوچتا ئارقىلىى كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان بۇيۇملارنى تاموژنا ئورگىنى تەكشۈرۈپ، ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن يوللىسا ياكى ئىگىسىگە تاپشۇرسا بولىدۇ. 

50–ماددا تاموژنا ئورگىنى تىزىملاپ، ۋاقتىنچە باج ئالماي چېگرىدىن كىرگۈزۈشكە ياكى ۋاقتىنچە باج ئالماي چېگرىدىن چىقىرىشقا رۇخسەت قىلغان بۇيۇملارنى شۇ كىشى چېگرىدىن قايتا ئېلىپ چىقىپ كېتىشى ياكى چېگرىدىن قايتا ئېلىپ كىرىشى كېرەك. 

چېگرىدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بۇيۇملارنى تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، دۆلتىمىزنىڭ زېمىنى ئىچىدە قالدۇرۇپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

51–ماددا چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان بۇيۇملاردىن ئىگىسى ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان بۇيۇملارنى، تاموژنا ئورگىنى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە تاموژنا رەسمىيىتى بېجىرىلمىگەن ياكى ئىگىسى چىقىدىغان بۇيۇملار ۋە چېگرىدىن پوچتا ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يەتكۈزۈلۈپ بېرىشكىمۇ، قايتۇرۋېتىشكىمۇ ئىلاج بولمىغان بۇيۇملار تاموژنا ئورگىنى تەرىپىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 30–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

52–ماددا دىپلوماتىك ئىمتىيازدىن ۋە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان چەت ئەل ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋە خادىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرىنى ياكى ئۆزى ئىشلىتىدىغان بۇيۇملىرىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش–چىقىرىش ئىشى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىلىدۇ. 

5–باب 

53-ماددا تاموژنا ئورگىنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىغان ماللاردىن، چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان بۇيۇملاردىن قانۇن بويىچە تاموژنا بېجى ئالىدۇ. 

54–ماددا ئىمپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار، ئېكسپورت ماللىرىنى ئەۋەتكۈچىلەر، چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئىگىلىرى تاموژنا بېجى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىلەردۇر.

55–ماددا ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرىنىڭ باجلىتىش باھاسىنى تاموژنا ئورگىنى شۇ مالنىڭ پۈتۈشۈش باھاسىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. پۈتۈش باھاسىنى بېكىتكىلى بولمىسا، باجلىتىش باھاسىنى تاموژنا ئورگىنى قانۇن بويىچە مۆلچەر بىلەن بېكىتىدۇ. 

ئىمپورت ماللىرىنىڭ باجلىتىش باھاسى مالنىڭ باھاسى، مال جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسىغا كىرگۈزۈلىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىنىپ چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىكى توشۇش ھەققى ۋە ئالاقىدار خىراجەتلەر، سۇغۇرتا ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئېكسپورت ماللىرىنىڭ باجلىتىش باھاسى مالنىڭ باھاسى، مال جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسىدىن چىقىرىلىدىغان جايغا ئېلىپ كېلىنىپ قاچلىنىشتىن ئىلگىرىكى توشۇش ھەققى ۋە ئالاقىدار خىراجەتلەر، سۇغۇرتا ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىراق، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېكسپورت تاموژنا باج سوممىسى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. 

چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ باجلىتىش باھاسى تاموژنا ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بېكىتىلىدۇ. 

56–ماددا تۆۋەندىكى ئىمپورت–ئېكىسپورت ماللىرىدىن ۋە چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغا–چىقىرىلىدىغان بۇيۇملاردىن تاموژنا بېجى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

(1) سودا قىممىتى بولمىغان ئېلان بۇيۇمكىرى ۋە مال ئەۋرىشكىكىرى؛ 

(2) چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ھەقسىز سوۋغا قىلغان ماددىي ئەشيالار؛ 

(3) تاموژنا ئورگىنى چېگرىدىن ئۆكۈزۈشتىن بۇرۇن بۇزۇلغان ياكى زىيانغا ئۇچرىغان ماللار؛

(4) بەلگىلەنگەن سان ئىچىدىكى بۇيۇملار؛

(5) قانۇندا تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ ئېلىش، كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلەنگەن باشقا مال ۋە بۇيۇملار؛ 

(6) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈتىشكە ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامىلەردە تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ ئېلىش، كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلەنگەن مال ۋە بۇيۇملار.

57–ماددا ئالاھىدە رايون، ئالاھىدە كارخانىلار ئىمپورت–ئېكسپورت قىلغان ماللار ۋە ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان ئىمپورت-ئېكسپورت ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كېمەتيىپ ئېلىشقا ياكى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ. باجنى ئالاھىدە كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى ۋە چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

تاموژنا بېجى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىلىپ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىپ ئىمپورت قىلىنغان ماللار ئالاھىدە رايونلار، ئالاھىدە كارخانىلار ياكى ئالاھىدە ئورۇنلاردىن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنى تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەستىقىدىن ئۈتكۈزمەي ۋە تاموژنا بېجىنى تولۇقلاپ تاپشۇرماي تۇرۇپ، باشقا ئورۇنغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 

58–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 56–ماددىسى، 57–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەردىن سىرت تاموژنا بېجىنى ۋاقتىلىق كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ئىشلىرى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 

59–ماددا تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ۋاقتىلىق ئىمپورت قىلىنىدىغان ياكى ۋاقىتلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ ۋە ئالاھىدە تەستىق ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان باج ئېلىنمايدىغان ماللارنىڭ تاموژنا بېجىنى مال تاپشۇرۋالغۇچى ياكى ئەۋەتكۈچى تاموژنا ئورگىنىغا باج پۇلىغا تەڭ كېلىدىغان كاپالەت سوممىسى تاپشۇرغاندىن كېيىن ياكى كېپىللىك بەرگەندىن كېيىن، ۋاقىتنچە تاپشۇرماسلىققا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

60–ماددا ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى ئۈچۈن باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىلەر تاموژنا ئورگىنى باج تاپشۇرۇش كىنىشكىسىنى تارقىتىپ بەرگەن كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە باجنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ تاموژنا ئورگىنى باج تاپشۇرۇش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەردىن كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئالىدۇ. باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىلەر، كېپىل بولغۇچىلار ئۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ باج تاپشۇرمىسا، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنىنىڭ باشلىقى ياكى ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى ھوقۇق بېرىلگەن تاموژنا ئورگىنىنىڭ باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن تاموژنا ئورگىنى تۆۋەندىكىدەك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ: 

(1) ئۇلار ھېساب ئاچقان بانكا ياكى باشقا پۇل–مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئامانەت پۇلىدىن باج پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش؛

(2) باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مالنى قانۇن بويىچە سېتىپ، تاپقان تاپاۋەت پۇلنى باجغا توغرىلاش؛ 

(3) تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىغا تەڭ قىممەتتىكى مالنى ياكى باشقا مال–مۈلۈكلەرنى تۇتۇپ قېلىپ ۋە قانۇن بويىچە سېتىپ، تاپقان تاپاۋەت پۇلدىن باجغا توغرىلاش. تاموژنا ئورگىنى مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى قوللانغاندا، ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىلەر ۋە كېپىل بولغۇچىلار تاپشۇرمىغان جەرىمانە پۇل بىرلا ۋاقىتتا مەجبۇرىي تۆلىتىۋېلىنىدۇ. 

چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىدىغان بۇيۇملار ئۈچۈن باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىلەر باجنى بۇيۇم چېگرىدىن ئۆتىكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇشى كېرەك. 

61–ماددا ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى ئۈچۈن باج تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىلەردە بەلگىلەنگەن باج تاپشۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە، باج تاپشۇرۇلدىغان ماللارنى ۋە باشقا مال–مۈلۈكلەرنى يۆتكىۋېتىش، يۇشۇرۇپ قويۇشتەك روشەن ئەھۋال كۆرۈلسە، تاموژنا ئورگىنى باج تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىنى كاپالەت بېرىشكە بۇيرۇيدۇ؛ باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى باج تاپشۇرۇشقا كاپالەت بېرەلمىسە، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنىنىڭ باشلىقى ياكى ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى ھوقۇق بېرىلگەن تاموژنا ئورگىنىنىڭ باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، تاموژنا ئورگىنى باجنى ئامان ساقلاشقا دائىر تۆۋەندىكىدەك تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ: 

(1) باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچ ھېساب ئاچقان بانكىغا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى بىلەن تەڭ مىقداردىكى ئامانەت پۇلىنى چىقىم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرۇلۇق يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش؛ 

(2) باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىنى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى بىلەن تەڭ قىممەتتىكى مېلىنى ياكى باشقا مال–مۈلۈكنى تۇتۇپ قېلىش؛

باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى باجنى بەلگىلەنگەن باج تاپشۇرۇش مۇددىتى ئىچىدە تاپشۇرغان بولسا، تامۇژنا ئورگىنى باجنى ئامان ساقلاشقا دائىر تەدبىرلەرنى دەرھال بىكار قىلىشى كېرەك؛ مۇددەت توشقاندىمۇ باجنى تاپشۇرمىغان بولسا، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنىنىڭ باشلىقى ياكى ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى ھوقۇق بېرىلگەن تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ئۇنىڭ ئامانەت پۇلىنى چىقىم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇش توغرۇلۇق يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئامانەت پۇلىدىن باج پۇلىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ ياكى تۇتۇپ قېلىنغان مال ۋە باشقا مال–مۈلۈكنى قانۇن بويىچە سېتىپ، تاپقان تاپاۋەت پۇلىنى باجغا توغرىلىسا بولىدۇ. 

باجنى ئامان ساقلشقا دائىر تەدبىرلەر مۇۋاپىق بولماي قالغان ياكى باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە باج تاپشۇرغان بولسىمۇ، تاموژنا ئورگىنى باجنى ئامان ساقلاشقا دائىر تەدبىرلەرنى دەرھال بىكار قىلماي، باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىنىڭ قانۇنلۇاق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تاموژنا ئورگىنى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكالىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

62–ماددا ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى، چېگرىدىن كىرگۈرۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان بۇيۇملار چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، تاموژنا ئورگىنى باجنىڭ كەم ئېلىنىپ قالغانلىقىنى ياكى ئېلىماي قالغانلىقىنى بايقىغاندا، شۇ باج تاپشۇرۇلغان ياكى مال ۋە بۇيۇملر چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلگەن كۈنىدىن تارتىپ بىر يىل ئىچىدە باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىدىن تۇلۇقلاپ ئېلىشى كېرەك. باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن باج كەم ئېلىنىپ قالغان ياكى ئېلىنىماي قالغان بولسا، تاموژنا ئورگىنى شۇ باجنى ئۈچ يىل ئىچىدە سۈرۈشتە قىلىپ ئالسا بولىدۇ. 

63–ماددا تاموژنا ئورگىنى باجنىڭ ئارتۇق ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان ھامان، دەرھا قايتۇرۇشى كېرەك؛ باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى باج پۇلىنى تاپشۇرغاندىن تارتىپ بىر يىل ئىچىدە تاموژنا ئورگىنىدىن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

64–ماددا باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى بىلەن تاموژنا ئورگىنى ئوتتۇرىسىدا باج تاپشۇرۇش ھەققىدە تالاش–تارتىش كېلىپ چىققاندا، ئاۋۋال باج پۇلىنى تاپشۇرۇش كېرەك ھەمدە قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ. 

65–ماددا ئىمپورت ھالقىسىدا ئېلىنىدىغان باجنى تاموژنا ئورگىنى ۋەكالىتەن ئېلىش–باشقۇرۇشتا، تاموژنا بېجى ئېلىش–باشقۇرشقا دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

6–باب تاموژنا ئىشلىرى كاپالىتى

66–ماددا مالنىڭ تاۋار تۈرىنى ئايرىش، باھاسىنى بېكىتىش ۋە تاموژنىغا مەلۇم قىلىشنىڭ كۈچكە ئىگە تالونىنى بېجىرىشتىن ئىلگىرى، مال تاپشۇرۋالغۇچى ياكى ئەۋەتكۈچى مالنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى تەلەپ قىلسا، قانۇن بويىچە ئۆتەشكە تېگىشلىك قانۇنىي مەجبۇرىيىتىگە لايىق كاپالەت بەرگەندىن كېيىن، تامۇژنا ئورگىنى مالنى ئۆتكەزسە بولىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا كاپالەت بېرىش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تامۇژنا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى كېپللىك ئۈستىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ. 

دۆلەت چېگرىدىن چىقىرىش–كىرگۈزۈشكە چەك قويۇش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارغان مال، بۇيۇملاردىن ئىجازەتنامە بېرىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇپ، بېرىلمىگەنلىرىنى شۇنداقلا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا كېپىللىك قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىرىنى، تاموژنا ئورگىنى كېپىل بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتسە بولمايدۇ. 

67–ماددا تاموژنا ئىشلىرىدا كېپىل بولۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ياكى پۇقرالار كېپىل بولسا بولىدۇ. قانۇندا كېپىل بولسا بولمايدۇ. دەپ بەلگىلەنگەلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

68–ماددا كېپىل بولغۇچى تۆۋەندىكىدەك مال–مۈلۈك، ھوقۇق بىلەن كېپىل بولسا بولىدۇ:

(1) خەق پۇلى، ئەركىن ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان پۇل؛ 

(2) پېرىۋوت چېكى، خاس چەك، پۇل چېكى، زايۇم، ئامانەت تالونى؛ 

(3) بانكا ياكى بانكىدىن باشقا پۇل–مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كېپىل خېتى؛ 

(4) تاموژنا ئورگىنى قانۇن بۇيىچە ئېتىراپ قىلىدىغان باشقا مال–مۈلۈك، ھوقۇقلار.

69–ماددا كېپىل بولغۇچى كېپىل مۇددىتى ئىچىدە كېپىل بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. كېپىل بولغۇچى كېپىل بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، كېپىللىك قىلىنغۇچىنىڭ ئالاقىدار تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش مەجبۇرىيىتى بىكار قىلىنمايدۇ. 

70–ماددا تاموژنا ئىشلىرىدا كېپىل بولۇشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

7–باب قانۇن ئىجراسى ئۈستىدىكى نازارەتچىلىك 

71–ماددا تاموژنا ئورگانلىرى ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشتا، جەزمەن قانۇنغا رىئايە قىلىشى، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغدىشى، قانۇننى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئىجرا قىلىشى، نازارەتنى قوبۇل قالىشى لازىم. 

72–ماددا تاموژنا خادىملىرى جەزمەن قانۇننى ئادىللىق بىلەن ئىجرا قىلىشى، پاك–دىيانەتلىك بولۇشى، ئۆش خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، مەدەنىي خىزمەت قىلىشى لازىم، تۆۋەندىكى قالمىشلارنى سادىر قىلماسلىقى شەرت: 

(1) ئەتكەسچىلىك قىلغانلارنى قانات ئاستىغ ئېلىش، ئۇلارغا يول قويۇش ياكى باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئەتكەسچىلىك قىلىش؛

(2) باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش، باشقىلارنىڭ يېنىنى، تۇرالغۇ جايىنى ياكى سورۇنلارنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش، چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان ۋە چىقىرلىدىغان قاتناش قۇراللىرى، مال ۋە بۇيۇملارنى قانۇنسىز تەكشۈرۈش، تۇتۇپ قېلىش؛  

(3) خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەش؛ 

(4) پارا تەلەپ قىلىش، پارا ئېلىش؛

(5) دۆلەت مەخپىيىتىنى، سودا مەخپىيىتىنى ۋە تاموژنىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، قەستەن قىينچىلىق تۇغدۇرۇش، نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش كەينىگە سۈرۈش؛

(7) مۇسادىرە قىلىنغان ئەتكەس ماللارنى، بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش، ئۆز ئالدىغا بۈلۈشىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش؛

(8) پايدا ئېلىش خاراكتېرىنى ئالغان سودا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ياكى باشقا يوللار بىلەن قاتنىشىش؛ 

(9) خىزمەت ۋەزىپىسىنى قانۇندىكى تەرتىپكە خىلاپلىق ياكى ھوقۇق دائىرسىدىن ھالقىغان ھالدا ئىجرا قىلىش؛

(10) قانۇنغا خىلاپلىق باشقا قىلمىشلار.

73–ماددا تاموژنا ئورگىنى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، تاموژنا خادىملىرىنى ياخشى سىياسىي، كەسپى ساپاغا ئىگە قىلىشى كېرەك.

تاموژنىنىڭ كەسپىي خادىملىرى قانۇن بىلىملىرى ۋە ئالاقىدار كەسپىي بىلىملەرگە ئىگە بولغا، تاموژنىدا بەلگىلەنگەن كەسپى ئىش ئورنى بويىچە ۋەزىپىگە قويۇش تەلپىگە لايىق بولغان بولۇشى لازىم.

تاموژنائورگىنىغا خىزمەتچى خادىملارنى ئېلىشتا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ، ياخشىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش لازىم.

تاموژنا ئورگىنى ئۆز خىزمەتچى خادىملىرىنى سىياسىي–ئىدىيە، قانۇنچىلىق، تاموژنا كەسپى قاتارلىق جەھەتلەردىن پىلانلىق ھالدا تەربىيىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى تەربىيىلىنىشى ۋە تەكشۈرۈلۈشى لازىم، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولالمىغانلارنىڭ داۋاملىق ئىش ئورنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا بولمايدۇ. 

74–ماددا تاموژنا باش مەھكىمىسى تاموژنا باشلىقىنى قارەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. 

تاموژنا باشلىقى قەرەللىك ھالدا ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى تاموژنا ئورگىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئەينەن بايان قىلىشى كېرەك. تاموژنا باش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنىنىڭ باشلىقىنى قارەللىك تەكشۈرۈپ باھالاپ تۇرۇشى، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنى تەۋەسىدىكى تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ باھالاپ تۇرۇشى كېرەك. 

75–ماددا تاموژنا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى مەمۇرىي جەھەتتە قانۇن ئىجرا قىلغاندا، قانۇن بويىچە تەپتىش ئوگانلىرىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئەتكەسچىلىلەرنى تۇتۇپ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ساقچىلار رازۋېتكا قىلىش پائالىيىتى جەريانىدا قانۇن بويىچە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. 

76–ماددا مۇپەتتىش ئورگانلىرى تاموژنىنىڭ مالىيە كىرىم–چىقىمى ئۈستىدىن قانۇن بويىچە مۇپەتتىشلىك–نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئۇلار تاموژنا بېجىرىدىغان دۆلەت مالىيە كىرىم–چىقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەخسۇس تۈر بويىچە مۇپەتتىشلىك قىلىش–تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. 

77–ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك تاموژنا ئورگانلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىگە قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك قىلىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك تاموژنا ئورگىنى تۆۋەن دەرىجىلىك تاموژنا ئورگىنى چىقارغان بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ۋە قارارنى مۇۋاپىق بولمىغان دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىسا ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ. 

78–ماددا تاموژنا ئورگىنى مۇشۇ قانۇندىكى ياكى باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي قىسمدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەمەللەشتۈرۈشى ۋە ساغلاملاشتۇرۇشى لازىم، ئۆز خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى لازىم. 

79–ماددا تاموژنىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تالون تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ كۆرۈش، چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ھوقۇقىنى دائىرىسى جەزمەن ئېنىق بولۇشى ھەمدە بىر–بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرۇدىغان، بىر–بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان بولۇشى لازىم. 

80–ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس تاموژنا ئورگىنىنىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ قانۇن–ئىنتىزامغا خلاپلىق قىلىمىشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا ۋە ئۇنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. شىكايەت، پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورۇنلاردىن بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغانلىرى قانۇن بويىچە خىزمەت ۋەزىپىسىدىكى ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن ۋاقىتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. 

شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگانلار شىكايەت قىلغۇچى ۋە پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى لازىم.

81–ماددا تاموژنىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى قانۇنغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە يولۇقسا، چەتنەپ تۇرۇشى لازىم: 

(1) مۇشۇ دېلوغا ئالاقىدار كىشىلەر ياكى دېلوغا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ يېقىن ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنىڭ مۇشۇ دېلو بىلەن پايدا–زىيان مۇناسىۋىتى بولسا؛ 

(3) مۇشۇ دېلودىكى ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا دەخلى يەتكۈزۈش ئېتىمالىى بولسا. 

8–باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

82–ماددا مۇشۇ قانۇنغا ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، تاموژنىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە نازارىتىدىن قېچىپ، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باجنى ئوغرىلاپ، باجدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چېگرىدىن كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىشنى مەنئى قىلىش ياكى ئۇنىڭغا چەك قويۇشقا ئالاقىدار باشقۇرۇشتىن قېچىپ، تۆۋندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىنى سادىر قىلسا، ئەتكەسچىلىك قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ: 

(1) دۆلەت چېگرىدىن كىرگۈزۈش–چىقىرىشنى مەنئى قىلغان ياكى ئۇنىڭغا چەك قويغان مال ۋە بۇيۇملارنى توشۇغان، يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن، پوچتىدىن ئەۋەتكەن ياكى قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك مال ۋە بۇيۇملارنى چېگرىدىن كىرىگۈزگەن ۋە چىقارغانلار؛

(2) تاموژنىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ھەمدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى تاشۇرماي ۋە ئالاقىدار ئىجازەتنامىلەرنى تەكشۈرۈشكە تاپشۇرماي تۇرۇپ، باج ئېلىنمايدىغا ماللارنى، بېجى ئالاھىدە بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىلگەن ياكى كەچۈرۈم قىلىنغان ماللارنى شۇنىڭدەك تاموژنا نازارەت قىلىدىغان ۋە باشقۇرىدىغان باشقا ماللارنى، بۇيۇملارنى، چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەن چېگرا سىرتىدىكى قاتناش قوراللىرىنى چېگرا ئىچىدە ئۆز مەيلىچە ساتقانلار؛ 

(3) تاموژنىنىڭ باشقۇرۇش ۋە نازارىتىدىن قېچىپ، ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنى شەكىللەندۈرىدىغان باشقا قىلىمىشلار بارلار. 

يۇقىرىقى تارماقتا كۆرسىتىلگن قىلمىشلاردىن بىرى كۆرۈلۈپ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەن بولسا، تاموژنا ئورگىنى ئەكەس مال ۋە بۇيۇملارنى، قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ مەخسۇس ياكى كۆپ قېتىم ئەتكەسپىلىكنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن مال–بۇيۇملارنى، مەخسۇس ياكى كۆپ قېتىم ئەتكەسچىلىك قىلىشتا ئىشلىتىلگەن ترانسپورت قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئەتكەس مال–بۇيۇملارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان ئۈسكۈنىلەرنى بۇزۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى مۇسادىرە قىلىدۇ. 

1–تارماقتا كۆرسىتىلگەن قىلىمىشلاردىن بىرى كۆرۈلۈپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

83–ماددا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا قارىلىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 82–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ:

(1) ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان مال–بۇيۇملارنى بىۋاسىتە ئەتكەسچىلەردىن قانۇنسىز سېتىۋالغانلار؛ 

(2) ئىچكى دېڭىز، دېڭىز تەۋەلىكى، چېگرادەريا، چېگرا كۆللەردە پاراخوت ۋە ئۇنىڭدىكى خادىملار دۆلەت چېگرىدىن كىرگۈزۈش–چىقىرىشنى مەمئى قىلغان ياكى ئۇنىڭغا چەك قويغان مال–بۇيۇملارنى توشۇغان، سېتىۋالغان، ئېلىپ ساتقانلار ياكى قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماللارنى توشۇغان، سېتىۋالغان، ئېلىپ ساتقانلاردىن قانۇنلۇق ئىسپاتى بولمىغانلار.

84–ماددا تاموژنا ئىسپات تالونىنى ياسىغا، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، ئېلىپ–ساتقانلار، ئەتكەسچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئەتكەسچىلەرنى قەرز پۇل، دەسمايە، ھېسابات نۇمۇرى، ئىسچوت، تاموژنا ئىسپات تالونى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەنگەنلەر، ئەتكەسچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئەتكەسچىلەرگە توشۇش، ساقلاپ بېرىش، پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىش جەھەتتە ياكى باشقا جەھەتتە قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلەردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى تاموژنا تەرىپىنى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ۋە قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 

85–ماددا شەخسلەر يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ، پوچتىغا سېلىپ چېگرىدىن كىرگۈزگەن–چىقارغان ئۆزى ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنىڭ مۇۋاپىق سانىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى تاموژنا ئورگىنىغا قانۇن بويىچە مەلۇم قىلمىغانلار تاموژنا بېجىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا بويرۇلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلسىمۇ بولىدۇ.

86–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغانلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغانلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) ترانسپورت قوراللىرىنى چېگرادىن تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان جاي ئارقىلىق كىرگۈزمىگەن ۋە چىقارمىغانلار؛

(2) چېگرىدىن كىرگۈزۈلدىغان–چىقىرىلدىغان ترانسپورت قوراللىرىنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتى، توختاش ئورنى ياكى ئالماشتۇرۇش ئورنىنى تاموژنا ئورگىنىغا ئۇقتۇرمىغانلار؛

(3) ئىمپورت–ئېكسپوت قىلىنىدىغان مال–بۇيۇملارنى ياكى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، ئۇلاپ توشۇلىدىغان، بىۋاسىتە توشۇلىدىغان ماللارنى تاموژنا ئورگىنىغا ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلار؛

(4) تاموژنا ئورگىنىڭ چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرىنى، مال-بۇيۇملارنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلمىغانلار؛ 

(5) چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرىنى، مال–بۇيۇملارنى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلمىغانلار؛ 

(5) چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپوت قوراللىرىغا تاموژنا ئورگىنىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ماللارنى، بۇيۇملارنى ئۆز مەيلىچە قاچىلىغان، ئۇنىڭدىن چۈشۈرگەنلەر ياكى چېگرىدىن كىرىدىغان–چىقىدىغان يولۇچىلارنى ئۆز مەيلىچە چىقارغان ۋە ئۇنىڭدىن چۈشۈرگەنلەر؛

(6) تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان جايدا توختىتىپ قويۇلغان گېرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغا ترانسىپورت قۇراللىرىنى تاموژنا ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە ھەيدەپ كېتىپ قالغانلار؛

(7) چېگرىدىن كىرگۈزىلىدىغان–چىقىرىلغان ترانسىپورت قوراللىرىنى تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان يەنە بىر جايدىن تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان يەنە بىر جايغا ھەيدەپ بېرىشتا، تاموژنا رەسمىيىتىنى بىجىرىپ بولماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، يېرىم يولدا يولنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ، چېگرا سىرتىغا قاراپ ماڭغانلار ياكى چېگرا ئىچىدىكى تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنمىغان جايغا ماڭغانلار؛ 

(9) يەڭگىلى بولمايدىغان ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن، چېگرىدىن كىرىپ–چىقىدىغان كېمە ۋە ھاۋا ترانسىپورت قوراللىرى تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنمىغان جايدا توختاشقا، قونۇشقا ياكى چېگرا ئىچىگە مال–بۇيۇملىرىنى تاشلىۋېتىشكە، چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولغاندا، ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى تاموژنا ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلار؛ 

(10) تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان ماللارنى تاموژنا ئورگىنىڭ رۇخسەتسىز ئۆز مەيلىچە ئاچقان، ئالغان، ئىگىسىگە تاپشۇرغان، تۇشۇشقا بەرگەن، ئالماشتۇرغان، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان، گۆرۈگە قويغان، رەنىگە قويغان، ئېلىپ قالغان، ئۆتۈنۈپ بەرگەن، بەلگىسىنى ئالماشتۇرغان، باشقا ئىشلارغا ئىشلەتكەن ياكى باشقىچە بىر تەرەپ قىلغانلار؛ 

(11) تاموژنا ئورگىنىنىڭ پېچەت بەلگىلىرىنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان ياكى بوزغانلار؛ 

(12) تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان ماللارنى تۇشۇش، ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى شۇغۇللىنىدىغانلاردىن مۇناسىۋەتلىك ماللارنى يۇقىتىپ قويغان ياكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەر ھەقىقىي بولمىغانلىقى ئۈستىدە ئورۇنلۇق سەۋەپ كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلەر؛ 

(13) تاموژنا ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىش–باشقۇرۇشىغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بارلار.

87–ماددا تاموژنا ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى تەستىقلىغان كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى تاموژنا ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويسا، ھەتتا رويخەتتىن ئۆچۈرىۋەتسە بولىدۇ.

88-ماددا تاموژنا ئورگىنىنىڭ رويخەتكە ئېلىپ تىزىملىشىدىن ئۆتكۈزمەي ياكى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھالاھىتىنى ئالماي تۇرۇپ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تاموژنا ئورگىنى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ، قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ھەمدە قۇشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

89–ماددا تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار قانۇنسىز ھالدا باشقىلارغا ۋاكالىتەن تاموژنىغا مەلۇم قىلغان ياكى باشقىلارغا ۋاكالىتەن تاموژنىغا مەلۇم قىلغان ياكى ئۆزلىرىنىڭ كەسپى دائىرىسىدىن ھالقىپ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولسا، تاموژنا ئورگىنى تەرىپىدىن تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ ۋە جەرىمانە قۇيىلىدۇ، ئۇلارنىڭ شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋاقىتلىق توختىتىپ قۇيىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلار تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رويخېتىدىن ئۆچۈرىلىدۇ ۋە تامۇژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىتى بىكار قىلنىدۇ. 

90–ماددا ئىمپورت–ئېكىسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار ۋە ئەۋەتكۈچىلەر، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملاردىن تاموژنا خىزمەتچى خادىملىرىغا پارا بەرگەنلەر بولسا، تاموژنا ئورگىنى مەلۇم قىلىش رويخېتىدىن ئۆچۈرىلىدۇ ۋە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىتىنى ئېلىپ تاشلايدۇ ھەمدە جەرىمانە قويىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا قاتارىدا قايتىدىن رويخەتكەئېلىپ تىزىملاشقا ۋە ئۇلارغا تاموژىغا مەلۇم قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەتنامىسىنى قايتىدىن بېرىشكە بولمايدۇ. 

91–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز قىلىدىغان ماللارنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلغانلارنىڭ ماللىرىنى تاموژنا ئورگىنى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ. ھەمدە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. sf 

92-ماددا تاموژنا ئورگىنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرغان مال، بۇيۇم ۋە قاتناش قوراللىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىشتىن ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن، ئۇزۇن ساقلاشقا بولمايدىغان خەتەرلىك بۇيۇم ياكى يېڭى ۋە تىرىك، ئاسان چىرىيدىغان، ئۈنۈمى ئاسان يوقىلىدىغان مال ۋە بۇيۇملارنى شۇنداقلا ئىگىدارلىق قىلغۇچى ئالدىن سېتىشنى ئىلتىماس قىلغان مال، بۇيۇم ۋە قاتناش قوراللىرنى بىۋاستە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنىڭ ياكى ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى ھوقۇق بېرىلگەن تاموژنا ئورگىنى باشلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە ئالدىن سېتىشقا بولىدۇ، سېتىشىتىن كىرگەن كىرمنى تاموژنا ئورگىنى ساقلايدۇ ھەمدە مال ئىگىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمى بىلەن مۇسادىرە قىلىنغان ياكى تاموژنا ئورگىنى مۇسادىرە قىلىشنى قارار قىلغان ئەتكەس ماللار، ئەتكەس بۇيۇملار، قانۇنسىز تاپاۋەتلەر، ئەتكەسچىلىكتە ئىشلىتىلگەن ترانسپورت قوراللىرى، ئالاھىدە ياسالغان ئۈسكۈنىلەر تامودنا ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تاپاۋەت پۇللىرى ۋە تاموژنا ئورگىنىنىڭ قارارى بىلەن ئېلىنغان جەرىمانە پۇللىرى پۈتۈنلەي مەركەز خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.

93-ماددا ئالاقىدار تەرەپ تاموژنا ئورگىنىنىڭ جازا قارارىنى بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئىجرا قىلمىسا ھەم قايتا قاراپ چىقىشىنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلمىسا، جازا قارارى چىقارغان تاموژنا ئورگىنى ئۇنىڭ كاپالەت سوممىسىنى باجغا توغرىلاپ تۇتۇۋالسا ياكى ئۇنىڭ تۇتۇپ قېلىنغان مال-بۇيۇملىرىنى ۋە ترانسپورت قوراللىرنى قانۇن بويىچە باھاغا سۇندۇرۇپ باجغا توغرىلاپ تۇتۇۋالسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىسمۇ بولىدۇ.

94-ماددا تاموژنا ئورگىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان مال–بۇيۇملارنى تەكشۈرگەندە تەكشۈرۈلۈۋاتقان مال–بۇيۇملار بۇزۇلۇپ كەتسە، ئەمەلىي زىياننى تۆلىشى كېرەك

95-ماددا تاموژنا ئورگىنى مال، بۇيۇملارنى ۋە ترانسپورت قوراللىرنى قانۇنسىز تۇتۇپ قېلىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك 

96-ماددا تاموژنا خىزمەتچى خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇنىڭ 72-ماددىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ قانۇنسىز تاپاۋەت قىلغانلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

97-ماددا تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ مالىيە كىرم–چىقىمى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپ قالسا، مۇپەتتىش ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بىر مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەرمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

98-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە شىكايەت قىلغۇچى، پاش قىلىغۇچى، مەلۇم قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىمىغانلاردىن بىۋاستە جاۋاپكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بىر باشقا خادىملارغا شۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى ئالاقىدار ئورۇنلار تەرىپىدىن مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. 

99-ماددا تاموژنا خىزمەتچى خادىملىرى قانۇن خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتىدا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە چەتنەپ تۇرمىغانلاردىن بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بىرىلىدۇ.

9-باب قوشۇمچە قائىدە 

100-ماددا مۇشۇ قانۇندا ئىشلىتىلگەن تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارنىڭ مەزمۇنى : 

بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنى تاموژنا باش مەھكىمىسى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىغان، مەلۇم رايون دائىرىسىدىكى تاموژنا كەسىپلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تاموژنا ئورگىنىنى كۆرسىتىدۇ؛ 

تەۋەلىكىدىكى تاموژنا ئورگىنى كونكرېت تاموژنا كەسىپلىرىنى بېجىرىشكە مەسئۇل بولىدىغان، بىۋاسىتە قاراشلىق تاموژنا ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى تاموژنا ئورگىنىنى كۆرسىتىدۇ. 

چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان ترانسپورت قوراللىرى ئادەم، مال–بۇيۇملارنى توشۇپ چېگرىدىن كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغان تۈرلۈك پاراخوت، ئاپتوموبىل، ھاۋا ترانسپورت قوراللىرى ۋە ئات–ئۇلاقلارنى كۆرسىتىدۇ. 

چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، يۆتكەپ توشۇلىدىغان ۋە بىۋاسىتە توشۇلىدىغان ماللار چېگرا سىرتىدىن توشۇپ كېلىنىپ، جۇڭگو زېمىنى ئارقىلىق چېگرا سىرتىغا داۋاملىق توشۇلىدىغان ماللارنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرا ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق يولى ئارقلىق توشۇلىدىغانلىرى چېگرىدىن تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلنغان جايدا باشقا ترانسپورت قورالىغا يۆتكەپ قاچىلىنىدىغان، لېكىن چېگرا ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق توشۇلمايدىغان ماللار يۆتكەپ توشۇلىدىغان ماللار دېيىلىدۇ؛ كېمە، ھاۋا ترانسپورت قورللىرى ئاقىلىق توشۇپ چېگرىدىن چىقىرىلىدىغان ماللار بىۋاسىتە توشولىدىغان ماللار دېيىلىدۇ.

تاموژنا ئورگىنى نازارەت قىلىدىغان–باشقۇرىدىغان ماللار مۇشۇ قاننىڭ 23–ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى، چېگرىدىن ئۆتكۈزىدىغان، يۆتكەپ توشۇلىدىغان، بىۋاسىتە توشۇلدىغان ماللار، بېجىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ماللار ھەمدە ۋاقتىنچە ئىمپورت–ئېكىسپورت قىلىنىدىغان ماللار، باج ئېلىنمايدىغان ماللار ۋە تاموژنا رەسمىيىتى تېخى بېجىرىلىپ بولمىغان چېگردىن كىرگۈزۈلىدىغان–چىقىرىلىدىغان باشقا ماللارنى كۆرسىتىدۇ.

باج ئېلىنمايدىغان ماللار تاموژنا ئورگىنىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق، باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىلىمەي چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەن، چېگرا ئىچىدە ساقلىنىپ، پىشىشىقلىنىپ، قۇراشتۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە چېگىرىدىن چىقىرىلىدىغان ماللارنى كۆرسىتىدۇ. 

تاموژنا ئورگىنىنىڭ نازارەت ۋە باشقۇرۇشىدىكى رايون تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنغان پورت، ۋوگزال–بېكەت، ئايرودروم، دۆلەت چېگرىسىدىكى تەشمە يول، خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى(ئالماشتۇرۇش پونكىتى) ۋە تاموژنا ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كەسپى يولغا قويۇلغان باشقا سورۇنلار ھەمدە تاموژنا ئورگىنى تەسىس قىلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن گوۋويۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن چېگرىدىن كىرىدىغان–چىقىدىغان جايلارنى كۆرسىتىدۇ. 

101–ماددا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قاتارلىق ئالاھىدە رايونلار بىلەن چېگرائىچىدىكى باشقا رايونلار ئوتتۇرىسىدا يۈرۈشۈپ تۇرىدىغان ترانسپورت قوراللىرى، مال بويۇملارنى نازارەت قىلىش–باشقۇرۇش چارىسى گوۋۇيۈەن تەرتىپىدىن ئايرىم بەلگىلىنىدۇ. 

102–ماددا بۇ قانۇن 1987–يىل 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 1951–يىل 4–ئاينىڭ 18–كۈنى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق تاموژنا قانۇنى» شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىكارقىلىندۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#