ئاق سايۋا ئۈزۈم

ئاق سايۋا ئۈزۈم

ئاق سايۋا ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ، تۇرپاندىكى ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ . 

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاق سايۋا ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ، تۇرپاندىكى ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ . سۇ ۋە ئوغۇتقا بولغان تەلىپى يۇقىرى ، سوغۇققا ۋە قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇشچانلىقى تۆۋەن ، تىكىپ 3 - 4 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ . مۇۋاپىق كېڭەيتسە بولىدۇ . ساقلاشقا ۋە توشۇشقا ئانچە چىداملىق ئەمەس .

بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ ئېغىرلىقى 600 گرام ، چوڭراقلىرى 1250 گرام كېلىدۇ ، ساپاق ئۇزۇنلۇقى 21.9 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 13.6 سانتىمېتىر ، مېۋە شاپىقى ناھايىتى چۈرۈك بولۇپ ، ئاسان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ . ھەر بىر ئۈزۈم دانىسى ئىچىدە 2 - 3 تال ئۇرۇق بولىدۇ . مېۋە دانىسى شالاڭ ۋە تەكشى ، چوڭ ، ئوتتۇرىچە دانىسى ئىچىدە 2 - 3 تال ئۇرۇق بولىدۇ . مېۋە دانىسى شالاڭ ۋە تەكشى ، چوڭ ،ئوتتۇرىچە ئېغىرلىق 6 -9 گرام كېلىدۇ . دانىسى ئۇزۇن ئىللىپىس شەكىللىك ياكى يۇمىلاق سىلىندىرسىمان ، بىر قىسمى ئىگىلگەن ھالەتتە بولىدۇ . مېۋە پوستى نېپىز ، ئېتىدىن ئاسان ئايرىلىدۇ ؛ ئېتى يۇمشاق ، شىرنىلىك ، تاتلىق ، قەنت مىقدارى % 22 - 15 ، سۈپىتى ياخشى . بۇ سورت 8 - ئاينىڭ ئاخىرى ، 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئوبدان پىشىدۇ . تۇرپاندا 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى چىكىلىدۇ . بۇ سورتنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك ، بىخلىنىش نىسبىتى %50 ، مېۋە شاخ نىسبىتى % 34 - 29 ، يوپۇرماقلىرى قېلىن ، شامال ئۆتكۈزىشى ناچار، شۇڭا يازلىق پۇتاشنى كۈچەيتىش كېرەك . [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#