راۋاب

ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ موللۇقى، كۆپ خىللىقىغا مۇناسىپ ئۇنىڭغا تىل-جان كىرگۈزىدىغان چالغۇلىرىمۇ ھەر خىل، ئاساسلىقلىرى ئون نەچچە خىلغا بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ شەكلى تۆت-بەش خىلغابارىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چالغۇ
خەنزۇچە ئىسمى 乐器

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تەمبۇرئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭ موللۇقى، كۆپ خىللىقىغا مۇناسىپ ئۇنىڭغا تىل-جان كىرگۈزىدىغان چالغۇلىرىمۇ ھەر خىل، ئاساسلىقلىرى ئون نەچچە خىلغا بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ شەكلى تۆت-بەش خىلغابارىدۇ. مەسىلەن، راۋاب قەشقەر راۋابى، دولان راۋابى، قويچى راۋابى، تەكەممۇل راۋابى دەپ تۆت خىل كېلىدۇ. 

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى چالغۇلىرى ئاساسلىقى داپ-دۇمباق، غېجەك، نەي(سىبىزغۇ) ، قالۇن، ساتار، دۇتتار، تەمبۇر، راۋاب، چاڭ، قوبۇز، ساپايە، تاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىدى.

داپ تارىخىي يادىكارلىق ۋە ھۈججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ چالغۇلار ئىچىدە داپ، دۇمباق، نەي، غېجەك دېگەن «غىرداپ چالىدىغان چالغۇ» دېگەنلىك بولىدۇ، غېجەك ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ خەنزۇچە «خۇچىڭ» يەنى «غۇر سازى» دەپ ئاتىلىدۇ. «غۇر» ئۇيغۇر دېگەن بۇ نامنىڭ قەدىم زاماندىكى ئاتىلىشى بولۇپ «خۇ» شۇ «غۇر» سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت. داپ، نەي «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مەخسۇس سۆزلەم ئورنىدا «تۈمۈك» (داپ-دۇمباق) ، «سىبىزغۇ» (نەي) دەپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن غېجەك، داپ، نەينىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا ئەجدادلىرىمىز ئومۇميۈزلۈك قوللانغان ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىمىزدىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

 كەڭ يېزىلاردا دېھقانلارنىڭ خالىغاندا چالغۇ ئەسۋابلىرى يوق شارائىتتىمۇ لېگەن، پەتنۇس قاتارلىق نەرسىلەرنى داپ ئورنىدا چېلىپ، كەلتە ئۇسسۇل مەشرىپى ئوينايدىغان ئادىتىمۇ شۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. غېجەڭنىڭ ھازىر قۇمۇل مەشرەپلىرىدە يەنىلا ئاساسلىق چالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا رايونلاردا ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلىتىلمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا غەرب غېجىكى يەنى ئىسكىرىپكا ئىشلىتىش ئومۇملاشتى. 

قالۇنھازىر ئىسكىرىپكىنىڭمۇ ئۆزلەشتۈرۈلگەن تۈرلىرى مەيدانغا كېلىپ ئومۇملاشماقتا. ئىسكىرىپكا جۈملىدىن قالۇن، ساتارنىمۇ غېجەكنىڭ قانۇنىيىتىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان چالغۇلار دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. 60-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر چالغۇ سەنئىتىدە ئىجادىي تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. مەسىلەن، خۇشتار ۋە يېڭىچە تەمبۇر قاتارلىقلار. خۇشتارنى غېجەكنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇلغان شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. 

قوبۇزغىغا كەلسەك، ئۇ تىللىق ئېغىز قوۋۇزىدا تىل ھەرىكىتى ياردىمىدە پۈۋلەپ چېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن «قوبۇز» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۆيدە ۋە پادىچىلار ئىچىدە چېلىناتتى. ھازىر ئۇنتۇلدى.

دۇتتارئۇيغۇر چالغۇلىرى ئىچىدە دۇتتار، تەمبۇر، راۋاپ ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. بولۇپمۇ دۇتتار كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك بىردىن دۇتتار بولىدۇ. دۇتتار چېلىشنى بىلمەيدىغان ئادەممۇ ئاز ئۇچرايدۇ. دۇتتار ئائىلىلەردە ئاياللارنىڭ مەنىۋى دىلكەش ھەمراھى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئون ئايال ئىچىدە بىر ئايال دۇتتارچى كېلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#