ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بەلگىلىمىسى

جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئ

خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى 10-نۆۋەتلىك تەپتىش ھەيئىتىنىڭ 16-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان، 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.


ئۇيغۇرچە نامى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە نامى 关于人民检察院保障律师在刑事诉讼中依法执业的规定
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2004-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ بەلگىلىمە دەۋا ئىشتىراكچىلىرىنى قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ بىۋاسىتە قوبۇل قىلغان دېلولارنى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەش، جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش خىزمىتىدە ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ قانۇننى قەتئى، ئادىل ئىجرا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلگەن.

بىرىنچى ئادۋوكاتنىڭ جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشى توغرىسىدا

1. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلودا، تەپتىش خادىملىرى جىنايەت گۇماندارىدىن تۇنجى قېتىم گەپ سورىغاندىن كېيىن ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارىغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان كۈندىن باشلاپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتى قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشسە، جىنايەت گۇماندارىدىن دېلوغا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلىدە بولىدۇ. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارى چېتىلىدىغان جىنايەت نامى ۋە جىنايەت گۇماندارى قامالغانئورۇننى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتقا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

2. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلونى بېجىرگەندە، ئادۋوكات جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلسا، تەھقىقلەش تارمىقى ئادۋوكاتنىڭ كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالىنى قوبۇل قىلىشقا مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ، ئادۋوكات بىلەن جىنايەت گۇماندارىنىڭ كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر ئىشلارنى بېجىرىشى ھەمدە ئەنگە ئېلىشى كېرەك.

3. خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى كۆرۈشۈشنى ئادۋوكات ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن 48 سائەت ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇققا ئوخشاش ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم بىرلىشىپ سادىر قىلغان چوڭ، مۇرەككەپ دېلولاردا، ئادۋوكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلسا، تەھقىقلەش تارمىقى كۆرۈشۈش ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 5 كۈن ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.

4. خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەھقىقلەش تارمىقى ئادۋوكاتنىڭ جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشستۇرغاندا، تۆپىدە تۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتىش-ئەۋەتمەسلىكنى ئەھۋالىغا قاراپ ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن قارار قىلسا بولىدۇ.

5. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلودا، ئادۋوكات قاماقتىكى جىنايەت گماندارى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىلتىماس قىلسا، بۇ دېلو دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىشلىق بولسا، تەھقىقلەش تارمىقى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 5 كۈن ئىچىدە تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىشى كېرەك. كۆرۈشۈشنى تەستىقلىغان بولسا، ئادۋوكاتقا «قاماقتىكى جىنايەت گماندارى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەستىقلاش قارارنامىسى»نى بېرىش ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش لازىم. دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلمايدىغان دېلولارنى تەستىقلىتىش ھاجەتسىز.

6. ئادۋوكات قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشكەندە، دېلوغا دائىر تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىسە بولىدۇ:

(1) جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى؛

(2) جىنايەت گۇماندارىنىڭ چېتىشلىق جىنايەتنى سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقى ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقى؛

(3) جىنايەت گۇماندارىنىڭ دېلو پاكىتى ۋە ئەھۋالى توغرىسىدىكى بايانى؛

(4) جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئۆزىنى گۇناھسىز ياكى جىنايىتىم يېنىك دەپ ئاقلىشى؛

(5) قوللىنىلغان مەجبۇرلاش تەدبىرىگە دائىر قانۇن رەسمىيىتىنىڭ تولۇق، تەرتىپىنىڭ قانۇنلۇق بولغان-بولمىغانلىقى؛

(6) مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلغاندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، دەۋا ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغان-ئۇچرىمىغانلىقى؛

(7) ئىگىلەشكە تېگىشلىك بولغان دېلوغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئەھۋاللار.

7. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ھاۋالىنامە، ئادۋوكاتلار ئىش ئورنىنىڭ ئالاقىسىنى ئېلىپ كېلىپ جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشسە بولىدۇ. ئاقلىغۇچى ئادۋوكات جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشكەندە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۆپىدە تۇرۇشقا ئادەم ئەۋەتمەيدۇ.

8. ئادۋوكاتنىڭ جىنايەت گۇماندارى بىلەن كۆرۈشۈش ئىشى بىردەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىككىنچى ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش توغرىسىدا

9. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئېچىپ تەھقىقلىگەن دېلودا، جىنايەت گۇماندارى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكات قاماش سۈرۈكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارىغاندا، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، بۇ توغرىلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 7 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى ھەمدە ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتقا يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.

10. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەھقىقلەپ ئاياغلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى، دېلو بېجىرگۈچى ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكاتنىڭ دېلو توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئاڭلىشى ھەمدە ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرۇپ دېلو ئارخىپىغا سېلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغان ئادۋوكات يازما پىكىر بەرگەن بولسا ئارخىپقا سېلىشى لازىم.

11. ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈشكە يوللانغان دېلودا، ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قوللانغان مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكتىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارىسا، مەجبۇرلاش تەدبىرىنى بىكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بۇ توغرىلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 7 كۈن ئىچىدە يازما قارار چىقىرىشى ھەمدە ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتقا يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.

12. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللانغان دېلودا جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىشى ھەمدە ئېنىق خاتىرە قالدۇرۇپ ئارخىپقا سېلىشى كېرەك. جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتنىڭ پىكىرىنى بىۋاسىتە ئاڭلاشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلسا، جىنايەت گۇماندارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكاتقا يازما ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، ئادۋوكات يازما پىكىر بەرسە بولىدۇ. ئادۋوكات تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكى ئىچىدە پىكىر بەرمىسە، ئۇنى خاتىرىلەپ ئارخىپقا سېلىش كېرەك.

13. ئادۋوكات جىنايەت گۇماندارىنىڭ گۇناھسىزلىقى، جىنايىتىنىڭ يېنىكلىكى ياكى جىنايى جاۋابكارلىقىنىڭ يېنىكلىتىلىدىغانلىقى، كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پىكىرنى بەرگەندە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى دېلو بېجىرگۈچىلەر ئەستايىدىل تەكشۈرۈشى كېرەك.

ئۈچىنچى ئادۋوكاتنىڭ دېلو ماتېرىيالىنى كۆرىشى توغرىسىدا

14. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دېلونى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەنگەن كۈندىن باشلاپ ئاقلىغۇچى ئادۋوكات، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋەكالەتچىسى ياكى ئۇنىڭ يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ھاۋالە قىلغان ئادۋوكات دەۋا ھۆججىتى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىيالىنى كۆچۈرىۋالسا، كۆپەيتىۋالسا بولىدۇ.

15. ئاۋوكات دېلودىكى دەۋا ھۆججىتى، تېخنىكىلىق باھالاش ماتېرىيالىنى كۆچۈرۈۋېلىشنى، كۆپەيتىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئەيىبلەش تارمىقى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ شۇ كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇمكىن بولمىسا، سەۋەبىنى ئادۋوكاتقا چۈشەندۈرۈپ قويۇشى ۋە ۋاقىتنى 3 كۈن ئىچىدە بېكىتىپ، ئادۋوكاتقا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

16. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشنى تەشكۈرۈش مەزگىلىدە ياكى دېلونى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنى جىنايەت گۇماندارىنىڭ گۇناھسىزلىقى، جىنايىتىنىڭ يېنىكلىكى، جازاسى يېنىكلىتىلىدىغانلىقى ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەش تارمىقى قوبۇل قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

تۆتىنچى ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ دەلىل-ئىسپات توپلاش، ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى توغرىسىدا

17. ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەمىنلىگەن گۇۋاھچىلاردىن، مەزكۇر دېلوغا دائىر ماتېرىياللارنى توپلاشنى تەلەپ قىلسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەمىنلىگەن گۇۋاھچىدىن پىكىر ئېلىپ، 7 كۈن ئىچىدە رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رۇخسەت قىلمىسا، سەۋەبىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

18. ئاقلىغۇچى ئادۋوكات خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنغاندىن كېيىن، جىنايەت گۇماندارى تەمىنلىگەن گۇۋاھچى ياكى باشقا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر توپلىغان، ئالدۇرغان دەلىل-ئىسپات دېلو پاكىتىنى بېكىتىش ۋە قانۇننى تەتبىقلاشقا تەسىر يەتكۈزسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنى قانۇن بويىچە توپلىشى، ئالدۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭدىن خاتىرە قالدۇرۇپ ئارخىپقا سېلىشى لازىم.

19. خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ ئىلتىماسى بويىچە دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغاندا، ئالدۇرغاندا ئىلتىماس قىلغۇچىغا تۆپىدە تۇرۇشىنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ.

بەشىنچى ئادۋوكاتنىڭ ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا

20. ئاۋوكات جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش جەريانىدا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرىش تارمىقى ۋە دېلو بېجىرگۈچىلەرنىڭ قانۇنغا ۋە بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سەزسە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

21. ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئادۋوكاتنىڭ ئەرزىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئالاقىدار قانۇن ۋە بۇ بەلگىلىمىدىكى تەلەپ بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئادۋوكات كۆرۈشۈشنى قانۇن بويىچە ئورۇنلاشتۇرمىغانلىق توغرىسىدا ئەرز قىلغان بولسا، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 5 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشى ۋە قارار چىقىرىش ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى تارماقنىڭ ئىجرا قىلىشىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

22. ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ئەرز قىلغۇچىغا بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

23. ئادۋوكات تەپتىش خادىملىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ دېلو بېجىرگەنلىكى توغرىسىدا ئەرز قىلغان بولسا، ئالاقىدار خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋاقتىدا تەكشۈرۈشى لازىم؛ قانۇن-ئىنتىزامغا ھەقىقەتەن خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئالاقىدارلارنىڭ جاۋابكالرىقىنى قانۇن-ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#