گولف توپ

گولف توپ

«گولف» گوللاندىيە تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇ شوتلاندىيە خەلقى ئىچىدە بارلىققا كەلگەن. 14-، 15-ئەسىرلەردە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گولف توپ
خەنزۇچە ئىسمى 高尔夫球

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گولف توپ«گولف» گوللاندىيە تىلىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئۇ شوتلاندىيە خەلقى ئىچىدە بارلىققا كەلگەن. 14-، 15-ئەسىرلەردە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە تارقالغان.

گولف توپ مەيدانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم يوق، ئادەتتە مەنزىرىسى گۈزەل رايونلارغا ياكى باغچىلارنىڭ چىملىقلىرىغا قۇرۇلىدۇ. ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى تەخمىنەن 50 گېكتار كېلىدۇ. مەيدانغا توققۇز ياكى 18 تۆشۈك كولىنىپ، ھەرقايسى تۆشۈكلەرنىڭ ئارىلىقى باش-ئايىغى ئۇلانغان توپ يولى بىلەن تۇتاشقان بولىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 200-500 مېتىرغىچە بولۇپ، ئوخشاش بولمايدۇ. ھەربىر تۆشۈكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئاخىرقى نۇقتىسىغىچە بولغان ئارىلىقتا توپ باشلاش رايونى، ئوچۇق يول، توسالغۇ ۋە تەكشى چىملىقلار بولىدۇ.

 نومۇر توپلاش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرىدە، بارلىق تۆشۈكلەرگە ئۇرۇلغان ئومۇمىي تاياق سانىغا قارىلىپ، ئاز بولغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. يەنە بىرىدە، ھەربىر تۆشۈككە ئۇرۇلغان توپنىڭ سانىغا قارىلىپ، تەڭلەشكەن ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئۇرۇلغان توپ ئاز، كىرگۈزگەن تۆشۈكى كۆپ بولغىنى غەلىبە قىلغان بولىدۇ. 

گولف توپگولف توپ ھەرىكىتىنىڭ ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى چوڭ، قۇرۇلۇش تەننەرخى يۇقىرى، سايمانلىرى قىممەت بولغاچقا، دۇنيادا بۇ خىل ھەرىكەتنى ئومۇملاشتۇرغان دۆلەتلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گولف توپ ھەرىكىتى ئېلىمىزنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، نەنجىڭ، شېنجېن، جۇخەي شەھەرلىرىدە ئارقىمۇئارقا قانات يايدۇرۇلدى. 1987-يىلىدىكى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    25%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    25%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#