زاكا مەنبەلىك تېرە ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1. ھەزىم بۇزۇلۇش تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.
ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى ھەمدە بالىنى كۆپ ئېمىتىش تەسىرىدىن ئاشقازاننىڭ خىزمىتى ناچارلىشىپ ئورگانىزمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى تەدرىجىي سۇسلىشىپ، يەرلىك ئورۇننىڭ ئوزۇقلۇققا ئېھتىياج بولۇشى ھەمدە ھەزىم ناچارلاش تەسىرىدىن ئىچ سۈرۈپ يەرلىك ئورۇننىڭ تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تەسىرىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.
2. خىلىتسىز ھۆللۈكتىن مىزاج بۇلۇش تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.
بوۋاقلارنى چاي، سۇ ۋە سۇيۇق-سەلەڭ نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلدۇرۇش كۆپ ئېمىتىش، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېگۈزۈش تەسىرىدىن بەدەندە ھۆللۈك ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، يەرلىك ئورۇنغا بارىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ئازلايدۇ ھەمدە يەرلىك ئورۇننىڭ ماددا ئالمىشىشى ئاستىلاپ يەرلىك ئوۇرن ئوزۇقلۇققا ئېھتىياج بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يەرلىك ئورۇن تەكرار سۈركىلىش نەتىجىسىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.
3. سىرتقى غىدىقلىنىشتىن پەيدا بولىدۇ.
يەرلىك ئورۇن تازىلىقىنىڭ پاكىز بولماسلىقى، زاكىنىڭ پاكىز، قۇرۇق، يۇمشاق بولماسلىقى ھەمدە داۋاملىق ھۆل تۇرۇش نەتىجىسىدە يەرلىك ئورۇن سۈركىلىشكە ئۇچراپ بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.
بۇ كېسەل كۆپىنچە يېرىم ياشتىن تۆۋەن بولغان قىز بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. سىرتقى جىنسىي ئەزا، ساغرا، دوۋسۇن ۋە دوۋسۇننىڭ ئىچكى تەرىپى قاتارلىق زاكالاتىسى بىۋاسىتە تېگىپ تۇرىدىغان ئورۇنلاردا نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدۇ. چېگرىسى ئېنىق بولغان چوڭ پارچە قىزىل داغلار پەيدا بولىدۇ. يۈزدە ئاز ساندائەسۋە پەيدا بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا سۇلۇق قاپارتما، شەلۋەرەش، يەڭگىل دەرىجىدە يارا ياكى ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشلار كۆرۈلۈپ يىرىڭلىق قاپارتمىلار پەيدا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قىزىتىش قاتارلىق ئومۇمىي بەدەنلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ.
زاكا بىلەن يۆگىگەن تارىخى بولىدۇ. چېگرىسى ئېنىق بولغان چوڭ پارچە قىزىل داغ بولۇش، سۇلۇق قاپارتما، شەلۋەرەش قاتارلىق ئالامەتلەرگە قاراپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
بوۋاقلار ھۆل تەمرەتكىسىدىن پەرقلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بۇ كېسەلدە، بوۋاقلارنىڭ يۈز قىسمىدا كۆپ پەيدا بولىدۇ. كۆپ شەكىللىك سۇلۇشىش خاراكتېرلىك تېرە زەخمىسى بولىدۇ. قاتتىق قىچىشىدۇ، قىچىشىش بالىنى بىئارام قىلغانلىقتىن بالا توختىماي يىغلايدۇ ياكى يەرلىك ئورۇننى تاتىلايدۇ.
1. ھەزىمنى ياخشىلاش چارىسى قوللىنىلىدۇ.
2. ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش چارىسى قوللىنىلىدۇ.
مىزاجنىڭ خىلىتسىز ھۆللۈكتىن بۇزۇلۇشى ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشقا قارىتا ئامىلە نوشدارى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ، 11~7 گرام، جاۋارىش ئامىلە كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 11~7 گرام، گۈلقەنت كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 20 گرامدىن بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرقى بەدىيان كۈنىگە ئۈچ ۋاخ 110~50 مىللىلىتىر ياكى بەدىيان 15 گرام، رۇم بەدىيان 15 گرام، قەلەمپۇر 10 گرام، لاچىندانە 15 گرام، دارچىن 10 گرام، جۇۋىنە 10 گرام قاتارلىقلاردىن چاپىلىق تەييارلاپ بېرىلىدۇ. يۇقىرىقىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە سىرتىدىن مامرانچىن قاينىتىپ يەرلىك ئورۇن يۇيۇپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قىزىلگۈل 10 گرام، زەمچە 25 گرام، ئانار پوستى 130 گرام، ئانار گۈلى 10 گرام دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بېرىلىدۇ ياكى چامما تامنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆمۈچۈك تۈرلىرىنى ئېلىپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
1. زاكىغا ئەڭ ياخشىسى ئاق رەڭلىك پاختا رەخت تاللاش، پات-پات ئالماشتۇرۇپ يۇيۇش كېرەك.
2. نېپىز سۇلياۋ ياكى سۇلياۋ ئارىلاش رەختلەر بىلەن يۆگەشتىن ساقلىنىش لازىم.
3. زاكىنى پات-پات كۈن نۇرىغا قاقلاپ تۇرۇش كېرەك.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.