شىرئەلىجان مۇختەر

شىرئەلىجان مۇختەر

شىرئەلىجان 1991-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان. تەنتەربىيەچى ئائىلىسدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئاساسىمۇ خېلىلا كۈچلۈك ھېساپلىناتتى.كىچىك ۋاقتىدا شىرئەلى دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ۋاسكىتبول مەشق قىلغان.تولۇقسىز 1-يىللىققا چىققاندا ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە بىلەك كۈچى باشقا ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن خېلىلا پەرقلىق بولۇپ ئۇ ئاخىرى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپى تەرىپىدىن تاللىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلىدۇ.

1991-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى

ئۇيغۇرچە ئىسمى شىرئەلىجان مۇختەر
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى قەشقەر
بوي ئېگىزلىكى 191 سانتىمېتىر
كەسپى تەنھەركەتچى
خەنزۇچە ئىسمى 西热力江·木合塔尔
مىللىتى ئۇيغۇر
تۇغۇلغان ۋاقتى 1991-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى
بەدەن ئېغىرلىقى 81 كىلوگىرام
تەۋە كوماندا گۇاڭخۇي كوماندىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىرئەلىجان مۇختەرئۇ دىيارىمىزنىڭ قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ كىچىك ۋاقتىدا باشقا بالىلارغا ئوخشاش توپا مەيداندا پۇتبول ئويناپ چوڭ بولغان.3-يىلىققا چىققان ۋاقىتتا ئۇ قوشنىسىنىڭ تېلىۋىزورىدىن بىر تېلىۋىزىيە ئېلانى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدا فرانكىسنىڭ ئەڭ دەسلەپ مودا بولغان ۋاسكىتبول ئايىغى ئېلانى قويۇلغان بولۇپ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دائىم فرانكىس ئېلانىنىڭ ئىلھامى بىلەن ۋاسكىتبولغا قىزىقىپ قالىدۇ. 

شىرئەلىجان تەنتەربىيەچى ئائىلىسدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئاساسىمۇ خېلىلا كۈچلۈك ھېساپلىناتتى.كىچىك ۋاقتىدا شىرئەلى دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ۋاسكىتبول مەشق قىلغان.تولۇقسىز 1-يىللىققا چىققاندا ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە بىلەك كۈچى باشقا ئوخشاش ياشتىكى بالىلاردىن خېلىلا پەرقلىق بولۇپ ئۇ ئاخىرى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە مەكتىپى تەرىپىدىن تاللىنىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلىدۇ.گەرچە ئۇ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە سىنىپىدا ۋاسكىتبول دەرسىگە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ ئەمما ۋاسكىتبول ئۆگىنىش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.ھەر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ يازنىڭ تۈن نىسبىلىرىگىچە باشقا بالىلار بىلەن ۋاسكىتبول مەشقى قىلىدۇ،توپ ئويناش،ئېگىزگە سەكرەش،گارغا توپ ئېتىش قاتارلىق ھەرخىل جاپالىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ ئۆزىنىڭ ۋاسكىتبول ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

شىرئەلىجان مۇختەر2008-يىلى يازدا جاڭ شىڭچۈەن ياشلار كوماندىسىغا ئەزا تاللاش ئۈچۈن كېلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈنىمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم مەزكۇر مەكتەپكە كېلىپ ئۆزىگە بىر ئوقۇغۇچىنى تەۋسيە قىلىشنى ئېيتىدۇ.مەكتەپ تەرەپ ئۇنىڭغا شىرئەلىنى تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ. 

كېيىن ئۇ رەسمى مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتناشقاندا بىر ئاز جىددىيلەشكەن بولسىمۇ ئەمما تېرىنىرنىڭ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا بارابارا مۇسابىقە كەيپىياتىغا كۆنۈپ كېتىدۇ. 

شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن شىرئەلى ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ ۋە بىرلەشمە مۇسابىقىدە تېخىمۇ كۈچلۈك چەتئەللىك كوماندا ئەزالىرى بىلەن روبىرو بولۇپ قالسىمۇ قىلچە تەمتىرىمەي ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. 

شىرئەلىجان مۇختەر2008-2009 يىللىق مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.3نومۇربولغان ۋە 1.2نومۇرلۇق گاردىن قايىتقان توپقا ئىرشكەن.2009-2010 يىللىق مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى ئوتتىراھېساب بىلەن 8.3نومۇر ،3.1گاردىن قايىتقان توپ نومۇرىغا ئىرشكەن.2010-2011 يىللىق مۇسابىقىدە دۆلەت كوماندىسىدىكى جاڭچيىڭ پىڭنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ كىرگەنلىك سەۋەبى تۈپەيلى مەيدانغا چىقىش ۋاقتى قىسقىراپ ،ھەرمەيداندا ئېرشكەن نەتىجىسدە ئازراق كېمىيىش بولغان.2011-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 11-مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى95كە قارشى 115 نومۇر بىلەن تيەنجىن كوماندىسىنى يەڭگەن. 

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىرئەلى 37.6مىنۇت مەيدانغا چىقىپ مۇستەقىل ھالدا 30نومۇرغا ئىرىشپ،ئۆزىنىڭ كەسپي ۋاسكىتبولچىلق ھاياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئىرشكەن.2011-يىللىق جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ دوسلۇق مۇسابىقىسى ھەم سىتەنكوۋىچ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان،بولۇپمۇ روسىيە بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى تىخىمۇ ياخشى نامايەن قىلىپ ،بىر كېچىدىلا جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى "يېڭى چولپان" غا ئايلانغان. 

ئۇيغۇر يىگىتى شىرئەلىجان مۇختەر جاڭ شىڭچۈەن ئەڭ رازى بولغان شاگىرتلارنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ 2008~2009 مۇسابىقە پەسلىدە ئىزچىل مۇداپىئە ئۇسۇلى بىلەن توپ ئوينىسا 2009~2010 مۇسابىقە پەسلىدە ئاساسلىق ئارقا سەپ ۋاسكىتبولچىغا ئايلانغان.شىرئەلى ئىسمى جىسمىغا يارىشا ۋاسكىتبول ئويناش ۋە يىراقتىن توپ ئېتىش ماھارىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاسكىتبولچى بولۇشتەك ئوبرازىنى مەملىكەت خەلقىگە تونۇتقان.

2017-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ كوماندىسى كونا رەقىبى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى 0-4 نەتىجە بىلەن يېڭىپ CBA چېمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، شىرئەلىجان كوماندىدىكى 9 يىللىق پېشقەدەم ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن چېمپونلۇق لوڭقىسىنى قولىغا ئالدى.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (7 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    85.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    14.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#