گۈزەلئاي زەينىدىن

گۈزەلئاي زەينىدىن

گۈزەلئاي زەينىدىن، 1985-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان. ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى《ئۈمىد چېچەكلىرى》پىروگىرامىسىنىڭ رىياسەتچىسى؛

ئۇيغۇرچە ئىسمى گۈزەلئاي زەينىدىن
مىللىتى ئۇيغۇر
كەسپى رىياسەتچى
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1985-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۈزەلئاي زەينىدىن، 1985-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان. ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى《ئۈمىد چېچەكلىرى》پىروگىرامىسىنىڭ رىياسەتچىسى؛ 

1991-يىلى 9-ئايدىن 1997-يىلى 6-ئايغىچە غۇلجا ناھىيىلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان؛

1997-يىلى 9-ئايدىن 2003-يىلى 6-ئايغىچە غۇلجا ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغان؛

2003-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكلىرىدە رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

2009-يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. گۈزەلئاي زەينىدىن رىياسەتچىلىك قىلغان «مېنىڭ يېڭى ئۆيۈم» تېمىسىدىكى ئەسەر 13-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىككە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىككە ئېرىشكەن. 

يەنە ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ كىرىشتۈرگەن «بالىلار قەلبىدىكى BRT» ئون تۆتىنچى قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2-دەرىجىگە، ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

گۈزەلئاي زەينىدىنگۈزەلئاي زەينىدىن ئاپتورلۇق قىلىپ كىرىشتۈرۈپ ئىشلىگەن ۋە رىياسەتچىلىك قىلغان《مېنىڭ ئۆيۈم 》تېمىىسىدىكى ئەسەر 13-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تېلىۋىزىيە نادىر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئاپتونوم رايونى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛

 ئۇ ئاپتورلۇق قىلىپ رىياسەتچىلىك قىلغان «بالىلار قەلبىدىكى ب ر ت» دېگەن فىلىم 14-قېتىمىلىق مەملىكەتلىك نادىر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئاپتونوم رايونى بويىچە‬ 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ ئەسەر يەنە 2011-يىلى《 تۆگە كولدۇرمىسى》2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،《ئۈرۈمچى ياخشى ئەسەر مۇكاپاتى》دا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ 

ئۇ رىياسەتچىلىك قىلغان 2011-ۋە 2012-يىللىق بالىلار بايراملىق سەنئەت كېچىلىكى ئاپتونوم رايونلۇق نادىر تېلىۋىزىيە ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاشتا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛

2011-يىلى، 2012-يىلى ئارقا-ئارقىدىن ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان؛[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#