زاڭگۇي يېزىسى
شىنجاڭ گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىدىن شەرققە 67 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە پىيالما يېزىسى، غەرب تەرىپى مۇجى يېزىسى شىمالدا قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى، جەنۇبتا سانجۇ يېزىسى بىلەن قوشنا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايىدىن شەرققە 67 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە پىيالما يېزىسى، غەرب تەرىپى مۇجى يېزىسى،
شىمالدا قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى، جەنۇبتا سانجۇ يېزىسى بىلەن قوشنا. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 19 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 45 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 855 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا قارمىقىدا 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار، نوپۇسى 13027 ئادەم.
بۇ يېزىنى قۇملۇق چۆل ئوراپ تۇرىدۇ. قەشقەر دەريا ۋادىسىنىڭ يەلپۈگۈچ كۆپەيتمە يېشىللىقتىكى يانتۇلۇق بەلۋاغقا جايلاشقان، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى،بەلباغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، قۇم-بوران كۆپ بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، ئەڭ ئىسسىق ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24.9، ئەڭ سوغۇق ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃6، قىروسىز مەزگىلى 215 كۈن.
يېزا بويىچە تېرىلغۇ كۆلىمى 2.84 مىڭ مو، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، ياغلىق دان ۋە پۇرچاق تۈرى، مېۋە-كۆكتات، ئاق ئارپا، بېدە قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. چارۋىچىلىقتا قوي، تەرپە ھەم ئات، تۆگە، ئېشەك قاتارلىقلار بار. ئورمانچىلىق سۈنئىي ئورمان يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئاساس قىلغان، ئاساسلىقى تېرەك، سەئىدە-سۇئۇد، جىگدە ۋە ئۈجمە دەرىخى، قوشۇمچە ئۆسۈملۈك ئانار، ياڭاق، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار. چېگرا ئىچىدە ئىشلەنگەن چۈچۈكبۇيا، ئېفېدرا، ئىت ياڭىقى قاتارلىق دورىلىق ئوت-چۆپ، ياۋا توڭگۇز بار، سۇغۇ، توشقان قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.