ياۋا زاغۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياۋا زاغۇنياۋا زاغۇن بولسا ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك زاغۇن بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى، ئۇرىقى《زاغۇن》 نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز ۋە كۈز پەسلىدە گۇلى ئىچىلغاندا ،يەر ئۈستى قىسمىنى، ئۇرۇقنى ئېلىپ يېغۋىلىندۇ. سىچۇەن ،جياڭشى،جاڭسۇدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىدىن چىقىدۇ.
ئاغرىق توختىتىش، يۆتەلنى بېسىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىگە جۇلا بېرىش، ئىششىق ۋە زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
كـۆپ خـىـل بـىـئـولوگـىـيلـىك ئىشقار بولۇپ، خېلىـدونـىـن (chelidonene) ، ئەپيـۈن ئەسلى ئىشقـارى(protopine)، بـېربـىرىـنى (berberine)،خېلىدونىك كىسلىتا (chelhdonic acid )،ئۇچۇچان مايدىن تەركىب تاپقان.
1. خىيار شەنبەردىن 15 گرام، زاغۇندىن 7 گرام، سانادىن 10 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە دەملەپ تەمىنى چىقىرىپ، بادام يېغى تېمىتىپ ئىچسە، ھەيزنى راۋان قىلىدۇ.
2. زاغۇندىن 10 گرام، ئاق تىكەندىن 7 گرام، ئاق لەيلىگۈلىدىن 10گرام ئېلىپ، قاينىتىپ ئىچسە ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ھۆل زاغۇننى ئېلىپ يەرلىك ئورۇنغا، سۈركىسە ياكى مەلھەم قىلىپ چاپسا، چاقا، قوتۇر، تەمرەتكە قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4.ياۋا زاغۇننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى سىرتتىن چىپىپ بەرسە راكقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياۋا زاغۇن كاشكىپى.
سوزۇلما ئاشقازان، ئۇچەي ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، قورساق كۆپۈش، تولغاق، ئاستاخاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى، كۆك يوتەل، سۇلۇق ئىششىق، سۈيدۈك ۋە ھەيز راۋان بولماسلىق، تەمرەتكۈ، راك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ دورا زەھەرلىك بولۇپ،مىقتارىنى ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى2 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.