ئىت ياڭىقى ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىت ياڭىقى ئۇرۇقىئىت ياڭىقى ئۇرۇقى بولسا پىدىگەن ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئاق گۈللۈك ئىتياڭىقى ياكى تۈكلۈك ئىتياڭىقىنىڭ مېۋىسى ياكى ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ،.مېۋىسى شار شەكىللىك، ئۇرۇقى بۆرەك شەكىللىك ياپىلاق ، قۇڭۇر رەڭلى بولىدۇ. تەم قېرىق، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ . مېۋىسى شار شەكىللىك، ئۇرۇقى بۆرەك شەكىللىك ياپىلاق ، قۇڭۇر رەڭلى بولىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن ھەم ئافرىقا، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
ئاغرىق پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش، مەست قىلىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، تۇتۇش (قابىزلىق)، باھنى قۇۋۋەتلەش، ئۇخلىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىت ياڭىقى ئۇرۇقىئاق گۈللۈك ئىتياڭىقى مېۋىسىنىڭ ھەرقايسى قىسمىنىڭ تەركىبىدە ئالكالوئىد بار، ئۇرۇقى تەركىبىدە ئاز مىقداردا ئۇمۇمى ئالكولوئىد بار، بۇ ئاساسلىقى، ھىئوسىيامىن (Hyoseymine)، ھىئوسىن (Hyoscine) ۋە ئاز مىقداردا ئاتروپىنلاردىن ئىبارەت . تۈكلۈك ئىتياڭىقى ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە يېرىم پىرسەنىت ئۇمۇمى ئالكولوئىد بار، بۇ ئاساسلىقى ھىئوسىيامىن ۋە ھىئوسىنلاردىن ئىبارەت . پىشقان مېۋىسىنىڭ پوستىدا 100 مىللىلېتىر ئالما كىسلاتاسى بار . ياۋرۇپا ئىت ياڭىقى مېۋىسىنىڭ ۋە ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە يېرىم پىرسەنىت ئومۇمى ئالكولوئىد بار . مېۋە پوستىدا ئازراق ئاتروپىن بار . ئۇرۇقنىڭ ئالكولوئىدى ئىچىدە ئاتروپىن ھىئوسىن ، ھىئوسىيامىن ۋە تىروپىن قاتارلىقلار بار . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇقنىڭ تەركىبىدە %25 ياغلىق ماي بار ، سۆسۈن رەڭلىك ئىت ياڭىقى ئۇرۇق تەركىبىدە ئازراق ئومۇمى ئالكولوئىد بار ، بۇ ئاساسلىقى، ئاتروپىن يەنە ھىئوسىن قاتارلىقلاردۇر . لېكىن يەنە باشقا ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ئالكولوئىدلار ئاساسلىقى مېۋە ئېتىدە بولۇپ، تۆرەلمىسى، تۆرەلمە سۈتى ئۇرۇقى پوستى ۋە مېۋە پوستى ئىچىدە ئالكولوئىد مەۋجۇت بولمايدىكەن ، ئۇرۇقنىڭ تەركىبىدە %24 ماي بار.
ئىت ياڭىقى ئۇرۇقى1. ئەپيۇندىن 0.01 گرام ، ئىتياڭىقى ئۇرۇقىدىن 0.03 گرام ، بەزرۇلبەنجىدىن 5 گرام ، ئوسۇڭ ئۇرۇقىدىن 5 گرام ، كەندىرىدىن 3 گرام ئېلىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىپ نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ .
2. ئاقا قىيا ، ئەنجىبار ، خۇنسىياۋشان ، ئىتياڭىقى ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 0.01 گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ قىلىپ جاراھەتلەرگە سېپىپ بەرسە، قان توختىتىپ جاراھەت پۈتۈۈرىدۇ .
3. 5 گرام ئىت ياڭىقى ئۇرۇقىنى يېرىم لىتىر سۇدا 1/3 قىسىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ 50 گرام ۋاسالغۇنى يەنە شۇ سۇدا قاينىتىپ سۈيىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ، ھەر كۈنى يېرىم گرامدىن ئىستېمال قىلسا يۈتەل ، دېمى سىقىلىش ۋە باشقا ئاغرىقلاردا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .
ھەببى شىپا.
نەزلە، زۇكام ، باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق ، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش ، بوۋاسىر ، ئاقما ، جاراھەت ، غەلۋىرەك ، چىش مىلىكلىرى ئىششىقى قاتارلىقلارغا ئىشلتىلىدۇ .
1. مۇۋاپىق مىقداردىكى ۋاڭ ئۇرۇقىنى بىر كېچەكۈندۈز تۇز سۈيىگە چىلاپ قۇيۇپ، ئاندىن كېيىن تۇزنى تۆكۈۋېتىپ، نەم ھالدا قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا ئوبدان قورۇپ ئاندىن ئشلىتىلىدۇ
2. ۋاڭ ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى خەشخاش سۈيىدە قاينىتىپ،نەم ھالدا قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا ئوبدان قورۇپ ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر)
ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى). [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.