چىمەن كۆلى ئىستىراھەت ئارامگاھى
چىمەن كۆلى ئىستىراھەت ئارامگاھى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى تويبولدى بازىرى تەۋەسىدىكى چىمەن كەنتىگە جايلاشقان، شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر، كۆلىمى 45 موغا يېتىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىمەن كۆلى ئىستىراھەت ئارامگاھى مەنزىرە رايونىدا ئاساسلىق مەنزىرىسى كۆل سۈيى، كۆلنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا قىسمىدىكى كىچىك ئارال بار بۇلۇپ، ئەتراپى قۇم بارخانلىرى، قومۇش، توغراق، مەنزىرە سۇ قاتارلىق قوشۇمچە لاندشاپلاردىن تەركىب تاپقان.
چىمەن قومۇشلۇق كۆلدە كۆپ مىقداردا قومۇش ئۆسىدۇ، قومۇش ئارقىسىدا شىنجاڭدىكى داڭلىق ئىتباش بېلىق، تاپانبېلىق، كاراس بېلىقى، ۋۇچاڭ بېلىقى، سازاڭبېلىق، ئاق ئامۇر بېلىقى قاتارلىق بېلىقلار بار. كۆلدە كىچىك ئارال بار بۇلۇپ، كۆلنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بۈك-باراقسان يۇلغۇن، قومۇش، ئېگىر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئون نەچچە مىڭ مو بىپايان سۇلۇق يەر بار؛ كۆل ۋە سۇلۇق يەرنىڭ ئارىلىقىدا بىر توسما بار، نۇرغۇن قوشماق ئۆردەك (سۇقسۇر)، قوڭۇر باش بېلىق ئالغۇچ، بېلىقئالغۇچ، ساقىيقۇش، ياۋا غاز، ئاققۇ، قارا لەيلەك، قارا تۇرنا قاتارلىق كۆپ خىل ئاز ئۇچرايدىغان قۇشلارنىڭ 100 نەچچە خىلى بۇ سۇلۇق قۇمۇشلۇق يەردە ياشايدۇ.
نەم يەرنىڭ جەنۇبىدا كەڭ كەتكەن توغراقلىق بار، كۆلنىڭ شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى قۇم، پۈتكۈل چىمەن كۆلى مەنزىرىسى جىمجىت، نەپىس كۆرسىتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.