قىزىلگۈل رەڭلىك توپان ئەسۋىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قاننىڭ ئوفۇنەتلىنىشى سەۋەبىدىن
ھەر خىل چىرىگەن، بۇزۇلغان، زەھەرلىك ماددىلار، كېسەل پەيدا قىلغۇچى جاراسىملارنىڭ قان خىلىتىدا ئوفۇنەت پەيدا قىلىش بىلەن قان خىلىتى تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى يۇقىرى بولۇپ، قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە، توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بارغاندا تېرە توقۇلمىلىرىنى تەكرار غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرانىڭ قانغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن
ھەر خىل سەۋەبلەردىن سەپرا خىلىتى تەركىبىگە قويۇق بەلغەم خىلىتى ئارىلىشىپ تۇخۇم سېرىقى رەڭلىك سەپرا خىلىتى پەيدا بولغاندا، سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىرگە باشقا خىلىتلارنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما، ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بارغاندا بۇ خىل ماددىنىڭ بەدەندە ئۆزلىشىش سالاھىيىتى بولمىغاچقا تېرە، توقۇلما، ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلىشى سەۋەبىدىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.
قىزىلگۈل رەڭلىك توپان ئەسۋىسىياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. قىسمەن بىمارلاردا ئەسۋە چىقىشتىن بۇرۇن پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، بېشى ئاغرىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، تۆۋەن قىزىتما بولۇش قاتارلىق دەسلەپكى دەۋرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئارقىدىنلا گەۋدە، يۇقىرىقى بىلەك ياكى يوتا ئىچكى تەرەپلىرىگە ئالدى بىلەن قىزغۇچ داغ ئۆرلەيدۇ. يۈزىدە نېپىز، قۇرۇق تەڭگە قاسىراقچە بولۇپ، رادىئوسى تەخمىنەن 3~2 سانتىمېتىر بولىدۇ. بۇ ئانا داغ ياكى دەسلەپكى دەۋرلىك داغ دېيىلىدۇ. بۇ ھەمىشە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئانا داغ پەيدا بولۇپ، بىر ئىككى ھەپتىدىن كېيىن گەۋدە ياكى مۈچىلەرنىڭ يۈرەككە يېقىن ئۇچلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن ئانا داغدىن كىچىكرەك قىزىل داغزلار چىقىدۇ. بۇ بالا داغ ياكى ئىككىلەمچى داغ دېيىلىدۇ. تېرە زەخمىسى دۈگىلەك ياكى ئېللىپىس شەكىلدە بولپ گىرۋەكلىرىنىڭ رەڭگى قېنىق، ئوتتۇرىسىنىڭ رەڭگى سۇسراق بولىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى ئۇششاق سىزىقچىلار بىرلىشىپ قىزىلگۈل رەڭلىك تەڭگە قاسىراقچىنى پەيدا قىلىدۇ. چېگرىسى ئېنىق بولىدۇ. قىچىشىش تىپلىق بولمايدۇ. كېسەللىك جەريانى تەخمىنەن 8~6 ھەپتە بولىدۇ. ئەسۋە يوقالغاندىنك ېيىن داغ قالمايدۇ. قايتا قوزغالمايدۇ ياكى ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرى قايتا قوزغىلىدۇ.
ئەتىياز، كۈز پەسىللىرىدە كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئاساسلىقى گەۋدە، تۆت مۈچىنىڭ يۈرەككە يېقىن ئۇچىدا دەسلىپىدە يۇمىلاق ئېللىپىسسىمان داغ پەيدا بولۇپ، رەڭگى قىزىلگۈل رەڭگىدە بولىدۇ. داۋاملىق ئەسۋە ئۆرلەيدۇ. داغ ئۈستىنى كېپەك باغلايدۇ. تېرە زەخمىسى ئۇزۇن ئوق، تېرە سىزىقچىلىرى بىلەن بىر يۆنىلىشتە بولىدۇ. ھېسسىي بەلگىلەردىن قىچىشىش بولمايدۇ. كېسەللىك ئۆزلۈكىدىن چەكلىنىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ ئالامەتلەرگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ.
بەدەن تەمرەتكىسىدىن
بۇ ئىسسىق پەسىلدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. دەسلەپتە يىڭنە ئۇچىدەك، سۇس قىزىل رەڭلىك دۆڭچە ئەسۋە، سۇلۇق قاپارتما ياكى دۆڭچە قاپارتقۇلۇق ئەسۋە چىقىدۇ. كېيىن تەدرىجىي سىرتقا قاراپ كېڭىيىدۇ. قاتتىق قىچىشىش بولىدۇ. تېرە زەخمىسى ساقايغاندىن كېيىن ۋاقىتلىق پىگمېنت چۆكمىسى ھاسىل بولىدۇ. زەمبۇرۇغ تەكشۈرگەندە مۇسپىي چىقىدۇ.
جايلىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىدىن
بۇ كېسەل چوڭلاردا ۋە بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تېرە زەخمىسى تېرە ياغ بەزلىرى نىسبەتەن كۆپ بولغان ئورۇنلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، باش، قاش يايى، قاپاق، بۇرۇن-كالپۇك ئېرىقچىسى، قۇلاق كەينى، قولتۇق، تۆش سۆڭىكى ئالدى، تاغاق ئارىلىق رايونى قاتارلىق ئورۇنلاردا دەسلەپتە پارچە-پارچە ياكى توپ-توپ بولۇپ تۈك خالىتىلىق دۆڭچە ئەسۋە چىقىدۇ. تۆپىدە مايلىق تەڭگە قاسىراق ياكى قاقاچ بولىدۇ. ئادەتتە سۇلۇق قاپارتما بولمايدۇ، قىچىشىدۇ.
گۈللۈك تەمرەتكىدىن
بۇ كېسەل ئىسسىق پەسىلدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. تېرە ماي بەزلىرى كۆپ جايلاشقان ئورۇنلاردا مەسىلەن، كۆكرەك، مۈرە، بويۇن، قورساق، قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا كۆپ پەيدا بولىدۇ. ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. تېرە زەخمىسىنىڭ شەكلى ھەم رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ. قاتتىق قىچىشىدۇ. يەرلىك ئورۇندىن قاسىراقچە ئېلىپ تەكشۈرگەندە ۋە جاراسىم ئۆستۈرگەندە زەمبۇرۇخ تېپىلىدۇ.
تەڭگىسىمان تەمرەتكىدىن
قىزىلگۈل رەڭلىك توپان ئەسۋىسىبۇ كېسەلدە كۈمۈش رەڭلىك قاسىراقچە ئالامىتى، كۈل رەڭ پەيردە ھادىسىسى ۋە توچكىسىمان قاناش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىچىشىش ھەم كېپەكلىشىش بولىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەرگە ئاساسەن قىزىلگۈل رەڭلىك توپان ئەسۋىسى يۇقىرىقى كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.
1. قان تازىلاش، ھارارەت پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىغا بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كېيىن، سەپرا خىلىتى بىلەن بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش ھارارەت پەسەيتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1. غىدىقلىغۇچى، قاننى قىزىتقۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، تەستە سىڭىدىغان، تاتلىق، مايلىق، تۇزلۇق ۋە ئاچچىق-چۈچۈك يېمەك-ئىچمەك، دورا-دەرمانلارنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش، ئاسان سىڭىدىغان، سۇيۇق، لەتىف، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ساپ قان پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم.
2. تېرە تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، سۈنئىي تالالىق كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمەسىك، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش، يەرلىك ئورۇننى قول بىلەن قالايمىقان تۇتماسلىق لازىم.
3. زۇكام، بادامسىمان بەز ياللۇغى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.