ئالوي دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئالوي ()
  2. ئالوي (خام دورا)

 ئالوي گۈل سامساق ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئالوي
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
چەتئەلچە نامى Aloe vera var. chinensis (Haw.) Berg
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
كەنجى سىنىپى گۈلسامساق كەنجى سىنىپى
خەنزۇچە نامى 芦荟
ئائىلىسى گۈل سامساق ئائىلىسى
باشقا نامى سەبرە
سىنىپى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئەترىتى گۈلسامساق ئەترىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالوي5000 يىل ئىلگىرى مىسىرلىقلار ئالوينى دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ، ھەرخىل ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالىغان. مىسىر خانىشى ئالويدىن پايدىلىنىپ ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرگەن، چاچ يۇيغان. ئالوي تېرىنىڭ ئاقلىقىنى، چاچنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلايدۇ. كىيىن گىرىتسىيە، گىرمانىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئالوينىڭ دورىلىق ھەم ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولىغا دىققەت قىلدى. مەملىكىتىمىزدە سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ كىشىلەر ئالويدىن پايدىلىنىپ بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغانلىقى، مەددە قۇرتنى چۈشۈرگەنلىكى خاتىرلەنگەن. ھازىر ھەرخىل پەن-تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئانالىزى ئارقىلىق، كىشىلەر ئالوينىڭ قىممىتىگە ھەقىقەتەن ئىشەندى. ئالوي ئېچىپ پايدىلىنىش ئىستىقبالى ئەڭ ياخىشى ئۆسۈملۈك مەنبەسىگە ئايلاندى. 

ئالويئالوينىڭ شەكلى گۈل سۆسەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەمما غولى گۈل سۆسەردىن سەل ئۇزۇن. يوپۇرمىقى قېلىن، رەڭگى يېشىل، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ سېرىق رەڭلىك دېغى بولىدۇ. يوپۇرماق گىرۋىكىدە تىكەنگە ئوخشاش بۆرتۈپ چىققان نۇقتىلىرى بولىدۇ. يوپۇرمىقىنى سۇندۇرسىڭىز سۇنغان يۈزىدىن يېپىشقان سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىدۇ. ئالوي گۈل سامساق ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ.

ئالويتەتقىقاتچىلار ئالوي تېنىدە كېسەل داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار ئالويئالوي  تېنىدىكى 18 خىل مىكرو ئىلمىنىتنى (جانلىقلار تېنىدە مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئەمما ئىنتايىن پايدىلىق ئېلېمېنىت، مەسلەن، مىس، سىنىك قاتارلىقلار )، 11 خىل ئەركىن ئىيونلۇق ئاممونىي كىسلاتاسىنى ( ئاقسىلنىڭ ئەڭ ئاساسىي تەركىبىي ماددىسى)، 21 خىل ئورگانىك كىسلاتا، ۋىتامىن، قەنىت تۈرىدىكى ماددىلار قاتارلىق 70 خىلدىن ئارتۇق تەركىبنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ خىمىيەلىك ماددىلار ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئادەم تېنىدىكى كېسەللىكنى داۋالاش، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. 

بۇنىڭ ئىچىدىكى ئانتىراخىنون دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا چوڭ ئۈچەيگە تەسىر قىلىپ، ئىچ سۈرۈشنى پەيدا قىلىپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ. ئالوينىڭ يېپىشقاق سۇيۇقلۇقىدا كۆپ خىل كۆپ خىل قەنت تۈرىدىكى ماددىلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ماننان دەپ ئاتىلىدىغان ئاساسلىق بىر خىل ماددا ئادەم تېنىنىڭ ئىممۇنىتىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، يەنى سىرىتتىن كەلگەن ۋىروس ۋە باكتىرىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. شۇڭا زۇكام، راك، ھەتتا ئەيدىز كېسەللىكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ۋە داۋالىيالايدۇ.

ئالوي تەركىبىدىكى يېپىشقاق سۇيۇقلۇقنىڭ يەنە ناھايىتى ياخشى مىكروپ ئۆلتۈرۈش ۋە مىكروپقا قارشى تۇرۇش رولى بار. ئۇنى كۆيگەن يەرگە سۈركىسە، كۆيۈك ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەم زىيانلىق باكتىرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىنى توسۇغىلى بولىدۇ . ئۇ يەنە زەمبۇرۇغنى ئۆلتۈرۈپ، پۇت تەمرەتكىسىنى داۋالىيالايدۇ. ئالوي تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ھەم ئۆزى بىرىكەلمەيدىغان 8 خىل ئاممونىي كىسلاتاسى بار. شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئالوي ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنى كېرەكلىك بولغان ئاممونىي كىسلاتاسنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالوي تەركىبىدە ماي، ئورگانىك كىسلاتا، مىنىرال ماددا قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىنى كۈچەيتىش، ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار. 

ئالوي تەركىبىدىكى ئاممونىي كىسلاتا ۋە كۆپ قەنتلەرنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن رولىدىن باشقا، يەنە تەبىئىي نەملىك ساقلاش رولىمۇ بار. ئالوينىڭ يوپۇرماق گۆشىنى ئىزىپ سۈيىنى يۈز تېرىسىگە سۈركىسە، تېرە يوقاتقان سۇ ۋە ئوزۇقلۇقنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ ھەم تېرە ھۈجەيرسىدىكى ئاقسىلنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۈز تېرىسىگە قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېرىنى سىلىقلاش، پارقىرىتىش ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئالوينىڭ تەركىبىدە تېرىنىڭ سىرىتقى يۈزىدە قوغداش پەردىسى ھاسىل قىلىپ، قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلتىرا بىنەبشە نۇرنىڭ تېرىگە زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باكتىرىيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرالايدىغان تەركىب بار. شۇڭا، ئالوي ھۆسىن گۈزەللەششتۈرۈپ كېسەل داۋالايدىغان ئۈنۈمگە ئىگە. 

دورا دۇكانلىرى، گىرىم بويۇملىرى ماگزىنلىرى ياكى ئالوي مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش پۇكەيلىرىدە ئالويدىن ياسالغان گىرىم بويۇملىرىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ھەم ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈستىگە ئالوينىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىمىز. جۇڭيى دورا دۇكانلىرىدىمۇ ئالوينىڭ قۇرۇتۇلغان پارچىسى مەخسۇس سېتىلىدۇ. ئەمما، ھازىر كىشىلەر ساپ، يېڭى ئالوي ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى ۋە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

 ئالويمۇ زەھەرلىك، ئەگەر كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتسە، جىددىي قورساق ئاغرىقى ۋە ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىرىتتىن ئىشلەتكەندە، ئالوي تېرىڭىزگە رېئاكسىيە قىلامدۇ - قىلمامدۇ دېگەنگە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر سۈركىگەندىن كېيىن، تېرىدە ئەسۋە، داغ كۆرۈلسە ھەمدە ئاغرىش ھېس قىلسىڭىز، ئالوينى ئىشلەتمەڭ. شۇڭا ئالوينى ئۆزىڭىزنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىڭىزغا قاراپ مۇۋاپىق ئىشلىتىڭ. دەسلەپ ئىشلەتكەندە ئاستا-ئاستا تېرىگە سىناق قىلىپ بېقىش، غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلمىسە مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. ئىچىشكە توغرا كەلسە، مەخسۇس دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچىش كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#