ئەل ئىچى قەرز دىلولىرىدا قانۇننى تەدبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەرگە دائىر بەلگىلىمە

ئەل ئىچى قەرز دىلولىرىدا قانۇننى تەدبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلە

ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەل ئىچى قەرز دىلولىرىدا قانۇننى تەدبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەرگە دائىر بەلگىلىمىسى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت ھەيئەتلىرى 1655-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان. 


ئۇيغۇرچە نامى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەل ئىچى قەرز دىلولىرىدا قانۇننى تەدبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەرگە دائىر بەلگىلىمىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于审理民间借贷案件适用法律若干问题的规定
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
ھۆججەت ق ئى «2015» 18-نۇمۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ق ئى «2015» 18-نۇمۇرلۇق پەرمانى 

ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ« ئەل ئىچى قەرز دىلولىرىدا قانۇننى تەدبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەرگە دائىر بەلگىلىمىسى » 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئەتلىرى 1655-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.

ئالى خەلق سوت مەھكىمسى

2015-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى

ئەل ئىچى قەرز ماجراسى دىلولىرىنى توغرا سوت قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ ئومۇمىي قائىدىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»دىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سوتلاش ئەمىلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، بۇ بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.

1-ماددا بۇ بەلگىلىمىدە دىيىلگەن ئەل ئىچى قەرز بولسا تەبئىي شەخس، قانۇنى ئىگە، باشقا تەشكىلاتلار ئارىسىدا ياكى ئۆزلىرى ئارىسىدىكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

پۇل مۇئامىلە نازارەت تارماقلىرى تەستىقلاپ قۇرۇلغان، قەرز مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى قەرز تارقىتىش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن كىلىپ چىققان ماجرالارغا بۇ بەلگىلىمە تەدبىقلانمايدۇ.

2-ماددا قەرز بەرگۈچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغاندا، تىلخەت( قەرز ئېلىش ھۆججىتى)، ھۆججەت(پۇل تاپشۇرىۋېلىش ھۆججىتى)، قەرز چېكى (قەرز ھۆججىتى) قاتارلىق ھەقدارلىق ئىسپاتى ۋە باشقا ئېلىم بېرىم قانۇنى مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بىلەن تەمىنلىشى كىرەك.

دەۋالاشقۇچىنىڭ ئىلكىدىكى تىلخەت، ھۆججەت، قەرز چېكى قاتارلىق ھەقدارلىق ئىسپاتىدا ھەقدار خاتىرىلەنمەي، ھەقدارلىق ئىسپاتنى ئىلكىدە ساقلىغان دەۋالاشقۇچى ئەل ئىچى قەرز دەۋاسى قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىشى كىرەك. جاۋاپكار دەۋاگەرنىڭ ھەقدارلىق سالاھىيىتىگە پاكىت ئاساسى بىلەن رەددىيە بەرسە، خەلق سوت مەھكىمىسى سوتلاپ دەۋاگەر ھەقدارلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان دەپ قارىسا، كىسىم بىلەن دەۋانى رەت قىلىدۇ.

3-ماددا ئېلىم بېرىم قىلغان ئىككى تەرەپ توختام ئىجرا قىلىندىغان جاينى پۈتۈشمىگەن ياكى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا پۈتۈم ئېنىق بولمىسا، كىيىن تۇلۇقلىما كىلىشىمگە كەلمىگەن بولسا، توختامدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلار ياكى سودا ئادىتى بۇيىچە يەنىلا بىكىتكىلى بولمىسا، پۇلنى تاپشۇرۋالغۇچى تەرەپنىڭ تۇرۇشلۇق جايى توختام ئىجراقىلىنغان جاي بولىدۇ.

4-ماددا كىپىل بولغۇچى قەرز ئالغۇچى ئۈچۈن چاتما جاۋاپكار كىپىلى بولسا، قەرز بەرگۈچى پەقەت قەرز ئالغۇچىنى دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمسى كىپىل بولغۇچىنى ئورتاق جاۋاپكار قىلىپ قوشمىسىمۇ بولىدۇ؛ قەرز بەرگۈچى پەقەت كىپىل بولغۇچى ئۈستىدىن دەۋاقىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قەرز ئالغۇچىنى ئورتاق جاۋاپكار قىلىپ قوشسا بولىدۇ.

كىپىل بولغۇچى ئادەتتىكى كىپىل بولسا، قەرز بەرگۈچى پەقەت كىپىل بولغۇچىنى دەۋا قىلسا،خەلق سوت مەھكىمىسى قەرز ئالغۇچىنى ئورتاق جاۋاپكار قىلىپ قۇشۇشى كىرەك. قەرزبەرگۈچى پەقەت قەرز ئالغۇچى ئۈستىدىن دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كىپىل بولغۇچىنى ئورتاق جاۋاپكار قىلىپ قوشمىسىمۇ بولىدۇ.

5-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دىلو ئاچقاندىن كىيىن، ئەل ئىچى قەرز ھەرىكىتى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىسا، كىسىم بىلەن دەۋنى رەت قىلىشى ھەمدە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا چېتىشلىق يىپ ئۇچى ۋە ماتىرىياللارنى ج خ ياكى تەپتىش ئورگىنىغا يۆتكەپ بىرىشى كىرەك.

ج خ ياكى تەپتىش ئورگىنى دىلو ئاچمىغان، ياكى دىلو ئېچىپ تەھقىقلىگەندىن كىيىن دىلونى بىكارقىلسا، ياكى ج خ ئورگىنى ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقارسا، ياكى خەلق سوتمەھكىمىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈمىدە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش شەكىللەنمەيدۇدەپ بىكىتىسە، دەۋالاشقۇچى شۇ بىر پاكىتقا ئاساسەن قايتا خەلى سوت مەھكىمىسىگەدەۋا قىلسا ، خەلق سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىشى كىرەك.

6-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دىلو ئاچقاندىن كىيىن، ئەل ئىچى قەرز ماجراسى دىلوسى بىلەن مۇناسىۋىتى بۇلۇپ، پاكىتى بىر بولمىغان قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا چېتىشلىق يىپئۇچى ۋە ماتىرىيالىنى بايقىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەل ئىچى قەرز ماجراسى دىلوسىنى داۋاملىق سوتلىشى كىرەك، ھەمدە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قاتارلىق جىنايەتلەرگەچېتىشلىق يىپ ئۇچى ۋە ماتىرىيالىنى ج خ ياكى تەپتىش ئورگخىنىغا يوتكەپ بىرىشىكىرەك.

7-ماددا ئەل ئىچى قەرزنىڭ ئاساسى دىلو پاكىتى جىنايى ئىشلار دىلوسىنىڭ سوتلاش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ، شۇ جىنايى ئىشلار دىلوسى تاماملانمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمسى كىسىم بىلەن دەۋانى توختىتىشى كىرەك.

8-ماددا قەرز ئالغۇچى جىنايەتكە چېتىشلىق ياكى كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم قەرز ئالغۇچىنى جىنايەتلىك دەپ بىكىتسە، قەرز بەرگۈچى كىپىل بولغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىپ دەۋا قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىشى كىرەك.

9-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، توختام قانۇنىنىڭ 210-ماددىسىدىكى تەبىئي شەخس ئوتتۇرىسىدىكى قەرز توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە بۇلۇش شەرتىنى ھازىرلىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ:

(1) نەق پۇل بەرگەنلەرنىڭ، قەرز ئالغۇچى قەرز پۇلنى تاپشۇرۋالغان ۋاقتى؛

(2) بانكىداھىساب يۆتكەش، تور ئېلىكترونلۇق پېرىۋوت ياكى تور قەرز سۇپىسى ئارقىلىق پۇل بەرگەنلەرنىڭ، مەبلەغ قەرز ئالغۇچىنىڭ ھېساباتىغا كىرگەن ۋاقتى؛

(3) ۋېكسىل ئارقىلىق پۇل بەرگەنلەرنىڭ، قەرز ئالغۇچى قانۇن بۇيىچە ۋېكسىل ھوقوقىغا ئىرىشكەنۋاقتى؛

(4) قەرزبەرگۈچى مەلۇم مەبلەغ ھىساباتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقوقىنى قەرز ئالغۇچىغا بېرىپ، قەرزئالغۇچى شۇ ھىساباتنىڭ ئەمەلى باشقۇرۇش ھوقوقىغا ئىرىشكەن ۋاقتى؛

(5) قەرزبەرگۈچى بىلەن قەرز ئالغۇچى باشقا ئۇسۇلدا قەرز پۇلنى بىرىشنى كىلىشىپ، ئەمەلى ئىجرا قىلغان ۋاقتى؛

10-ماددا تەبىئي شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى قەرز توختامىدىن سىرت، دەۋالاشقۇچى ئەل ئىچى قەرزتوختامى توختام شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە دەپ تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك، لېكىن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ باشقىچە پۈتۈمى بارلىرى ياكى قانۇن، مەمۇرى قانۇنلاردا باشقىچە بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

11-ماددا قانۇنى ئىگىلەر ئوتتۇرىسىدا، باشقا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ياكى ئۇلارئوتتۇرىسىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئېھتىياجى ئۈچۈن تۈزۈلگەن ئەل ئىچى قەرزتوختامى، توختام قانۇنىنىڭ 52-ماددىسى، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 14-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن سىرتقى ئەھۋالدا، دەۋالاشقۇچى ئەل ئىچى قەرز توختامى ئىناۋەتلىك دەپ تەشەببۇس قىلسا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللا كىرەك.

12-ماددا قانۇنى ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار شۇ ئورۇننىڭ ئىچىدە قەرز ئېلىش شەكلى بىلەن خىزمەتچىلىرىدىن مەبلەغ توپلاپ، شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە ئىشلىتىپ،توختام قانۇنىنىڭ 52-ماددىسى، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 14-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاركۈرۈلمىسە، دەۋالاشقۇچى ئەل ئىچى قەرز توختامى ئىناۋەتلىك دەپ تەشەببۇس قىلسا،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك.

13-ماددا قەرزئالغۇچى ياكى قەرز بەرگۈچىنىڭ ئېلىم بېرىم ھەرىكىتى جىنايەتكە چېتىلسا، ياكى كۈچكەئىگە بولغان ھۆكۈم جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ دەپ بىكىتسە، دەۋالاشقۇچى ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغانلىرىنىڭ ئەل ئىچى قەرز توختامى چوقۇم ئىناۋەتسىز دەپ قارالمايدۇ.خەلق سوت مەھكىمىسى توختام قانۇنىنىڭ 52-ماددىسى، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 14-ماددىسىدىكىبەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەل ئىچى قەرز توختامىنىڭ كۈچىنى بىكىتىدۇ.

كىپىل بولغۇچى قەرز ئالغۇچى ياكى قەرز بەرگۈچىنىڭ ئېلىم بېرىم ھەرىكىتى جىنايەتكەچېتىشلىق ياكى كۈچكە ئىگە ھۆكۈم جىنايەت شەكىللەندۈرگەن دەپ بىكىتكەن دەپ، ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەل ئىچى قەرز توختامىنىڭ ۋە كىپىللىك توختامىنىڭ كۈچى، دەۋالاشقۇچىنىڭ سەۋەنلىكىنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن قانۇن بۇيىچە كىپىل بولغۇچىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقىنى بىكىتىدۇ.

14-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۈرۈلسە خەلق سوت مەھكىمىسى ئەل ئىچى قەرز توختامى ئىناۋەتسىز دەپ بىكىتىش كىرەك:

(1) پۇلمۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ كىرىدېت مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىپ، يەنە يۇقۇرى ئۆسۈم بىلەن قەرز ئالغۈچىغا قەرز بەرسە، شۇنداقلا قەرز ئالغۇچى ئالدىن بىلىدىغان ياكى بىلىشكەتىگىشلىك بولسا؛

(2) باشقاكارخانىلاردىن قەرز ئېلىش ياكى شۇ ئورۇندىكى خىزمەتچىلەردىن مەبلەغ توپلاپ يىغقان مەبلەغنى باشقىلارغا قەرز بىرىپ پايدا ئالغان، شۇنداقلا پۇل قەرز ئالغۇچى ئالدىن بىلىدىغان ياكى بىلىشكە تىگىشلىك بولسا؛

(3) قەرزبەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز پۇلنى قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە ئىشلىتىدىغاننىئالدىن بىلىپ تۇرۇپ ياكى بىلىشكە تىگىشلىك تۇرۇپ يەنىلا ئۇنىڭغا قەرز بەرگەن بولسا؛

(4) جەمىئەت ئەخلاقىغا خىلاپ بولسا؛

(5) قانۇن، مەمۇرى قانۇنلاردىكى كۈچكە ئىگە مەجبۇرلاش خارەكتىردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا ئېلىم بىرىملار؛

15-ماددا دەۋاگەر تىلخەت، ھۆججەت، قەرز چېكى قاتارلىق ھەقدارلىق ئىسپاتىغا ئاساسەن ئەل ئىچى قەرز دەۋاسى قىلسا، جاۋاپكار ئاساسى قانۇنى مۇناسىۋەتكە ئاساسەن رەددىيە بەرسەياكى قارشى دەۋا قىلسا، ھەمدە دەلىل ئىسپات بىلەن ھەقدارلىق ھوقوقى ماجراسىنىڭ ئەل ئىچى قەرز ھەرىكىتىدىن كىلىپ چىقمىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بۇيىچە دىلو پاكىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئاساسى قانۇنى مۇناسىۋەتكە ئاساسەن سوت قىلىش كىرەك.

دەۋالاشقۇچى مۇرەسسە، كىلىشىم ياكى ھىساب ئېنىقلاش ئارقىلىق ھەقدارلىق قەرزدارلىق كىلىشىمىگەكەلگەن بولسا، ئالدىنقى تارماق تەدبىقلانمايدۇ.

16-ماددا دەۋاگەر پەقەت تىلخەت، ھۆججەت، قەرز چېكى قاتارلىق ھەقدارلىق ئىسپاتى بىلەن ئەل ئىچى قەرز دەۋاسى قىلسا، جاۋاپكار قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولغان دەپ رەددىيە بەرسە،جاۋاپكار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغا قارىتا ئىسپات تەمىنلەپ ئىسپاتلىشى كىرەك. جاۋاپكارمۇناسىپ ئىسپات تەمىنلەپ ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىنى ئىسپاتلىغاندىن كىيىن، دەۋاگەر يەنە ئېلىم بېرىم مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرۇلدىغانلىقىغا قارىتا دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

جاۋاپكارئېلىم بېرىم ھەرىكىتىنىڭ تېخى ئەمەلى يۈز بەرمىگەنلىكىگە رەددىيە بىرىپ، مۇۋاپىق ئىزاھات بىرەلىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزنىڭ سوممىسى، پۇلنى تاپشۇرۇش، دەۋالاشقۇچىنىڭ ئىقتىسادى ئىقتىدارى، شۇيەر تاكى دەۋالاشقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم بېرىم شەكلى، ئېلىم بېرىم ئادىتى، دەۋالاشقۇچىنىڭ مال مۈلۈك ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەمدە گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىق پاكىت ۋە ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئېلىم بېرىم پاكىتى يۈز بەرگەنمۇ يوق ئونۋېرسال ھۆكۈم قىلىپ ئېنىقلاش كىرەك.

17-ماددا دەۋاگەر پەقەتلا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ھىساب يۆتلەش ئىسپاتىغا ئاساسەن ئەل ئىچى قەرز دەۋاسى قىلسا، جاۋاپكار ھىساب يۆتكەش ئىككى تەرەپنىڭ ئىلگىرىكى قەرزنى ياكى باسقا قەرزنى قايتۇرغان دەپ رەددىيە بەرسە، جاۋاپكار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسىغاقارىتا دەلىل ئىسپات تەمىنلەپ ئىسپاتلىشى كىرەك. جاۋاپكار ئىسپات تەمىنلەپ ئۆزتەشەببۇسىنى ئىسپاتلىغاندىن كىيىن، دەۋاگەر يەنە شۇ ئېلىم بېرىم مۇناسىۋەتىنىڭ قۇرۇلدىغانلىقىغا قارىتا دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

18-ماددا «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى›نى تەدبىقلاشقا دائىرئىزاھات»نىڭ 174-ماددىسى 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دەلىل ئىسپات كۆرسىتىش جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان دەۋاگەر سەۋەبسىز سوتقا كەلمىسە، ئېنىقلاش ئارقىلىق بار بولغان دەلىل ئىسپاتلار ئېلىم بېرىم ھەرىكىتى، قەرز سوممىسى، پۇل بېرىش شەكلى قاتارلىق دىلونىڭ ئاساسى پاكىتىنى بىكىتەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ تەشەببۇس قىلغان پاكىتىنى بىكىتمەيدۇ.

19-ماددا خەلق سوت مەھكىمسىى ئەل ئىچى قەرز ماجراسى دىلولىرىنى سوت قىلغاندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۈرۈلسە، ئېلىم بېرىم يۈز بىرىش سەۋەبى، ۋاقتى، ئورنى، پۇلنىڭ كىلىش مەنبەسى، پۇل تاپشۇرۇش شەكلى، پۇلنىڭ بارار جايى ۋە ئېلىم بېرىم قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىقتىسادى ئەھۋالى قاتارلىق پاكىتلارنى چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈپ، يالغان ھەق تەلەپ دەۋاسىمۇ ئەمەس دىگەننى ئونۋېرسال بىكىتىش كىرەك:

(1) قەرز بەرگۈچىنىڭ ئېنىق قەرز بىرىش ئىقتىدارى بولمىسا؛

(2) قەرز بەرگۈچىنىڭ دەۋا قىلغاندا ئاساسلانغان پاكىتى ۋە ئاساسى ئېنىق قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىسا؛

(3) قەرز بەرگۈچى ھەقدارلىق ئىسپاتىنى تاپشۇرالمىسا ياكى تاپشۇرغان ھەقدارلىق ئىسپاتنىىڭ يالغانلىق ئېھتىمالى بولسا؛

(4) دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ مەلۇم مەزگىدە كۆپ قېتىم ئەل ئىچى قەرز دەۋاسىغا قاتناشسا؛

(5) دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ سەۋەبسىز سوتقا كەلمەي، ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىنىڭ بايانى ئېنىق ئەمەس ياكى ئالدى كەينى زىت بولسا؛

(6) دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئېلىم بېرىمنىڭ يۈز بىرىشىگە ھىچقانداق تالاش تارتىشى يوق ياكى دەۋا تەلىۋى بىلەن جاۋابى قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىسا؛

(7) قەرز ئالغۇچىنىڭ جۆرىسى ياكى شىرىكى، دىلو سىرتىدىكى باشقا ھەقدار پاكىت ئاساسى بىلەن باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا؛

(8) دەۋالاشقۇچى باشقا ماجرادا مال مۈلكىنى ئەرزان سېتىۋەتكەن ئەھۋال بولسا؛

(9) دەۋالاشقۇچى ئورۇنسىز ھۆقوقىدىن ۋاز كەچسە؛

(10) يالغان ئەل ئىچى قەرز دەۋاسى بۇلۇش ئېھتىماللىقى بولغان باشقائەھۋاللار؛

20-ماددا يالغان ئەل ئىچى قەرز دەۋاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، دەۋاگەر دەۋادىن ۋاز كەچسى،خەلق سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلمايدۇ، ھەمدە جىنايى ئىسلار دەۋا قانۇنىنىڭ112-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ھۆكۈم بىلەن دەۋا تەلىۋىنى رەت قىلىش كىرەك.

دەۋائىشتىراكچىلىرى ياكى باشقىلار غەرەزلىك يالغان دەۋا ئويدۇرسا ياكى قاتناشسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ 111-ماددىسى، 112-ماددىسى، 113-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇن بۇيىچە جېرىمانە قويۇشى ياكى توختۇتۇپ قويۇشى كىرەك؛ جىنايەت شەكىللەدۈرگەنلىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بولغان قانۇن يۈرگۈزۈش ئورۇنلىرىغا يۆتكەن جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشكىرەك؛

ئورۇنلاردىن غەرەزلىك يالغان دەۋا ئويدۇرغان ياكى قاتناشقان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى شۇئورۇنغا جېرىمانە قۇيۇشى كىرەك، ھەمدە ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى بىۋاستە جاۋاپكارخادىمغا جېرىمانە قويسا، توختۇتۇپ قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكلىللەندۈرگەنلىرىنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بولغان قانۇن يۈرگۈزۈش ئورۇنلىرىغا يۆتكەپ جىنايى ئىشلارجاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش كىرەك.

21-ماددا باشقىلار تىلخەت، ھۆججەت، قەرز چېكى قاتارلىق ھەقدارلىق ئىسپاتىغا ياكى قەرزتوختامىغا ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان، لېكىن كىپىللىك سالاھىيىتى ياكىئۈستىگە ئالىدىغان كىپىللىك جاۋاپكارلىقىنى ئىپادىلىمىگەن بولسا، ياكى باشقا پاكىتلار ئارقىلىق كىپىل ئىكەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولمىسا، قەرز بەرگۈچى كىپللىك جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

22-ماددا ئېلىم بېرىم قىلغۇچى ئىككى تەرەپ تور ئېلىم بېرىم سۇپىسى ئارقىلىق ئېلىم بېرىم مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولسا، تور ئېلىم بېرىم سۇپىسى پەقەت ۋاستىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسە، دەۋالاشقۇچى تور ئېلىم بېرىم سۇپىسىنىڭ كىپىللىك جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

تور ئېلىم بېرىم سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى تور بىتى، ئېلان، ياكى باشقا ۋاسىتىلار بىلەن قەرزگە كىپىل بولدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىسە ياكى باشقا ئىسپاتلار ئۇنىڭ قەرزگەكىپىل بۇلدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالىسا، قەرز بەرگۈچى تور ئېلىم بېرىم سۇپىسىنى تەمىنلىگۈچىنىڭ كىپىللىك جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك.

23-ماددا كارخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى كارخانىنىڭ نامىدا قەرز بەرگۈچى بىلەن ئەل ئىچى قەرز توختامى تۈزسە قەرز بەرگۈچى، كارخانا ياكى پايچىكلار قەرز پۇلنىڭ كارخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ياكى مەسئۇلىنىڭ شەخسى ئىسلەتكەنلىكلىنى ئىسپاتلىيالىسا، قەرز بەرگۈچى كارخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ياكى مەسئۇلىنى ئورتاق جاۋاپكار ياكى ئۈچىنچى كىشى قىلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلىشى كىرەك.

كارخانىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ياكى مەسئۇلى شەخسى نامىدا قەرز بەگۈچى بىلەن ئەل ئىچى قەرز توختامى تۈزۈپ، قەرز پۇلنى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە ئىشلەتسە، قەرز بەرگۈچى كارخانا بىلەن شەخسنىڭ ئورتاق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك.

24-ماددا دەۋالاشقۇچى سېتىش سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈپ، ئەل ئىچى قەرز توختامىنىڭ كىپىللىكى قىلسا، قەرز مۆھلىتى توشقاندىن كىيىن قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرالماي، قەرز بەرگۈچى سېتىش سېتىۋېلىش توختامىنى ئىجرا قىلشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەل ئىچى قەرز قانۇن مۇناسىۋىتى بۇيىچە سوتلىشى كىرەك، ھەمدە دەۋالاشقۇچىغا دەۋا تەلىۋىنى ئۆزگەرتىشىنى چۈشەندۈرۈش كىرەك. دەۋالاشقۇچى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كىسىم بىلەن دەۋانى رەت قىلىشنى كىرەك.

ئەل ئىچى قەرز قانۇن مۇناسىۋىتى بۇيىچە سوت قىلىپ چىقىرىلغان ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كىيىن، قەرز بەرگۈچى كۈچكە ئىگە ھۆكۈمدە بىكىتىلگەن قەرزنى ئادا قىلمىسا، قەرزبەرگۈچى سېتىش سېتىۋېلىش توختامىدىكى نىشاندىكى نەرسىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ قەرزنى قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان باھا بىلەن قەرزنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقىنى، قەرز ئالغۇچى ياكى قەرز بەرگۈچى قايتۇرۇشنى ياكى تۇلۇقلاشنى تەشەببۇس قىلىشقا ھوقوقلۇق.

25-ماددا ئېلىم بېرىم قىلغۇچى ئىككى تەرەپ ئۆسۈمىنى پۈتۈشمەي، قەرز بەرگۈچى قەرزمۆھلىتىدىكى ئۆسۈمنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

تەبىئي شەخىسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم بېرىمدا ئۆسۈم پۈتۈمى ئېنىق بولماي، قەرز بەرگۈچى ئۆسۈمنى تۆلەشنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. تەبىئي شەخىسلەرئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم بېرىمدىن باشقىلىرىدا، ئېلىم بېرىم قىلغۇچى ئېككى تەرەپ ئېلىم بېرىمنىڭ ئۆسۈمىگە پۈتۈم ئېنىق بولمىسا، قەرز بەرگۈچى ئۆسۈمىنى تەشەببۇس قىلسا،خەلق سوت مەھكىمىسى ئەل ئىچى قەرز توختامىنىڭ مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇ يەر ياكى دەۋالاشقۇچىنىڭ سودا شەكلى، سودا ئادىتى، بازار ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىقلارغائاساسەن ئۆسۈمىنى بىكىتىدۇ.

26-ماددا ئېلىم بېرىم قىلغۇچى ئىككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئۈسۈم يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %24 تىن ئېشىپ كەتمىسە، قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنى پۈتۈشكەن ئۆسۈم نىسبىتى بۇيىچە ئۆسۈم تۆلىشىنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك.

ئېلىم بېرىم قىلغۇچى ئېككى تەرەپ پۈتۈشكەن ئۆسۈم يىللىق ئۈسۈم نىسبىتى %36 تىن ئېشىپ كەتسە،ئېشىپ كەتكەن قىسىمىغا قارىتا پۈتۈم ئىناۋەتسىز. قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچىدىن بىرىپ بولغان يىللىق ئۈسۈم نىسبىتى %36 تىن ئېشىپ كەتكەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك.

27-ماددا تىلخەت، ھۆججەت، قارز چېكى قاتارلىق ھەقدارلىق ئىسپاتىدا خاتىرىلەنگەن قەرزسوممىسى ئادەتتە دىرى دەپ بىكتىلىدۇ. ئالدىن دىرىدىن ئۈسۈمىنى تۇتىۋالغانلارنىڭ، خەلق سوت مەھكىمسى ئەمەلى قەرز بەرگەن سوممىنى دىرى دەپ بىكىتىشى كىرەك.

28-ماددا ئېلىم بېرىم قىلغۇچى ئىككى تەرەپ بۇرۇنقى قەرزنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى ھىسابلاپ، ئۈسۈمىنى كىيىنكى دىرىگە قۇشۇپ قايتىدىن ھەقدارلىق ئىسپاتى چىقارغان بولسا، ئەگەرئالدىنقى ئۆشۈم نىسبىتى يىللىق ئۈسۈم نىسبىتى %24 تىن ئېشىپ كەتمىسە، قايتاچىقارغان ھەقدارلىق ئىسپاتىدا خاتىرىلەنگەن سوممىنى كىيىنكى قەرزنىڭ دىرى دەپ بىكىتىشكە بولىدۇ؛ ئېشىپ كەتكەن قىسىمىنىڭ ئۈسۈمى كىيىنكى قەرزنىڭ دىرى ھىسابلانمايدۇ. پۈتۈشكەن ئۈسۈم نىسبىتى يىللىق ئۈسۈم نىسبىتى 24%تىن ئېشىپ كەتسە، دەۋالاشقۇچى ئېشىپ كەتكەن ئۈسۈمنى كىيىنكى قەرزنىڭ دىرىغا ھىسابلانماسلىقىنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك.

ئالدىنقى تارماق بۇيىچە ھىسابلاپ، قەرز ئالغۇچى قەرز مۆھلىتى توشقاندىن كىيىن تۆلەشكەتىگىشلىك دىرى بىلەن ئۆسۈمى، بۇرۇنقى قەرزنىڭ دىرى ۋە بۇرۇنقى قەرزنىڭ دىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %24 بۇيىچە بارلىق قەرز مۆھلىتى ئىچىدىكى ئۆسۈمىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپكەتمەيدۇ. قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ.

29-ماددا ئېلىم بېرىم قىلغۈچى ئىككى تەرەپ مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەندىكى ئۆسۈمىگە قارىتاپۈتۈم بولسا پۈتۈم بۇيىچە بولىدۇ، بىراق يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %24 تىن ئېشىپكەتمەيدۇ.

مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەندىكى ئۆسۈمىنى پۈتۈشمىگەن ياكى پۈتۈم ئېنىق بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمسى ئوخشىمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ:

(1) مۆھلەتتىكى ئۈسۈمىنىمۇ، مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەندىكى ئۈسۈمىنىمۇ پۈتۈشمەي، قەرز بەرگۈچى قەرزئالغۇچىدىن مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ يىللىق ئۈسۈم نىسبىتى %6 بۇيىچەمەبلەغنى ئىگەللىۋالغاندىكى ئۆسۈمىنى تۆلەشنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمسى قوللىشى كىرەك.

(2) مۆھلەت ئىچىدىكى ئۈسۈمنى پۈتۈشۈپ، مۆھلەت ئېشىپ كەتكەندىكى ئۈسۈمنى پۈتۈشمەي، قەرزبەرگۈچى قەرز ئالغۈچىدىن مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەن كۈندىن باشلاپ مۆھلەت ئىچىدىكى ئۈسۈم نىسبىتى بۇيىچە مەبلەغنى ئىگەللىۋالغاندىكى ئۈسۈمنى تۆلەشنى تەشەببۇس قىلسا،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك.

30-ماددا قەرز بەرگۈچى بىلەن قەرز ئالغۇچى مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەندىكى ئۈسۈمىنى پۈتۈشۈپ،يەنە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ۋە باشقا پۇللارنى پۈتۈشكەن بولسا، قەرزبەرگۈچى مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتكەندىكى ئۈسۈمى ياكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى،باشقا پۇللاردىن تاللاپ تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ، ھەممىسىنى قۇشۇپ تەشەببۇس قىلسىمۇبولىدۇ، لېكىن يىغىندىسىنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %24 تىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمىنى خەلق سوت مەھكىمسى قوللىمايدۇ.

31-ماددا ئۆسۈمىنى پۈتۈشمەي لىكىن قەرز ئالغۇچى ئىختىيارلىقى بىلەن تۆلەپ، ياكى پۈتۈشكەن ئۆسۈمدىن ئاشۇرۇپ ئىختىيارلىقى بىلەن ئۈسۈم تۆلەپ ياكى خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەپ،ھەمدە دۆلەت، كولىكتىپ، 3-شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتمىسا، قەرز ئالغۇچى مۇۋاپىق مەنپەئەت بۇيىچە قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمسى قوللىمايدۇ، بىراق قەرز ئالغۇچى يىللىق ئۈسۈم نىسبىتى %36 تىن ئېشىپ كەتكەن قىسىمىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

32-ماددا قەرز ئالغۇچى قەرزنى بۇرۇن قايتۇرسا بولىدۇ، لىكىن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ باشقىچەپۈتۈمى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

قەرز ئالغۇچى قەرزنى بۇرۇن قايتۇرۇپ، ھەمدە ئەمەلى قەرز ئالغان مۆھلەت بۇيىچە ئۈسۈم ھىسابلاشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك. 

33-ماددا بۇ بەلگىلىمە يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى 1991-يىلى 8-ئاينىڭ13-كۈنى ئېلان قىلغان« خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قەرز دىلولىرىنى سوتلاشقا دائىربەزى پىكرى» بىكار قىلىندۇ؛ ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇرۇن ئېلان قىلغان قانۇن يۈرگۈزۈش ئىزاھاتىدىكى بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىغانلىرى تەدبىقلانمايدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#