- بادام (خام دورا)
- بادام ()
بادام
بادام ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بادامغا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى كۈل رەڭ بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، گىرۋەكلىرى سەل ھەرە چىشىسىمان، تۈكسىز، گۈلى ھال رەڭ ياكى ئاقۇش رەڭدە، گۈل تاجى ياپرىقى بەش تال؛ مېۋىسى سوقىچاق، سىلىق، قۇرۇق بولۇپ، ئاسان يېرىلىدۇ، ئۈچكىسى سىلىق، چوڭقۇر ئويمانلىرى بولىدۇ. مېغىزى، شاكىلى ۋە يېغى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بادام ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بادامغا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى كۈل رەڭ بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، گىرۋەكلىرى سەل ھەرە چىشىسىمان، تۈكسىز، يوپۇرماق سېپىنىڭ تۈۋىدە بەزلىك نۇقتىلار بولىدۇ؛ گۈلى ھال رەڭ ياكى ئاقۇش رەڭدە بىر-ئىككىدىن بولۇپ ئۆسىدۇ، گۈل تاجى ياپرىقى بەش تال؛ مېۋىسى سوقىچاق، سىلىق، قۇرۇق بولۇپ، ئاسان يېرىلىدۇ، ئۈچكىسى سىلىق، چوڭقۇر ئويمانلىرى بولىدۇ. مېغىزى، شاكىلى ۋە يېغى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېغىزى، شاكىلى ۋە يېغى ئىشلىتىلىدۇ.
ياز كۈنلىرى مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئۈچكىسىنى ئاجرىتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى قۇۋۋەتلەش، يۆتەل ۋە زىققىنى توختىتىش، نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بادام مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. بادام مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ناۋات بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بۆرەك ۋە نېرۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بىر كىلوگرام بادام مېغىزىنى ئىككى كىلوگرام ياڭاق مېغىزى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، 500 گرام ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىپ، چىراينى پارقىرىتىدۇ؛ نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈپ، خۇشخۇي قىلىدۇ. بادام مېغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا شىكەر قوشۇپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، يۆتەل، زىققە، يۇتقۇنچاق ئاغرىقى ۋە كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. بادام مېغىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇش ۋە مەنىي بالدۇر كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.