ۋانكۇۋېر

ۋانكۇۋىر مەنزىرىسى

كانادانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ پورتى، بىرىتان كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، كانادانىڭ مونتىرىئال، تورۇنتو شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى. ۋانكۇۋېر شەھىرى بۇرارد بوغۇزى بىلەن فراسېر دەريا ئاغزى ئارىلىقىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 2مىلىيون300مىڭ

نامى ۋانكۇۋېر
دۆلىتى كانادا
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
يەر مەيدانى 114.97كىۋادىرات كىلومىتىر
كىلىماتى ئوتتۇرچە تىمپۇراتۇرىسى ℃2.9
خەنزۇچە نامى 温哥华
ئۆلكىسى بىرىتان كولۇمبىيە
تەۋە رايون كولۇمبىيە
نوپۇسى شەھەر ئاھالىسى؛600000مىڭ رايۇنلىرىنىڭكىنى قوشقاندا 2مىلىيون300مىڭ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋانكۇۋېر

كانادانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ پورتى .
بىرىتان كولۇمبىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، كانادانىڭ مونتىرىئال، تورۇنتو شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى.

 ۋانكۇۋېر شەھىرى بۇرارد بوغۇزى بىلەن فراسېر دەريا ئاغزى ئارىلىقىغا جايلاشقان، شەھەر ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ ب 2مىلىيون300مىڭ ، بۇ جايدا جۇڭگولۇقلارنىڭ نىسبىتى خېلى يۇقىرى تۇرىدۇ. ۋانكۇۋېرنىڭ ھاۋاسى يىللىق، قىش پەسلى سوغۇق بولمايدۇ، پورتنىڭ سۈيى توڭلىمايدۇ، بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃2.9، 7-، 8-ئايلاردىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃17.7 بولىدۇ.


 يىللىق ھۆل-يېغىن مىقادرى 1044 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ۋانكۇۋېرغا 1886-يىلى كانادانىڭ تىنچ ئوكيان قىرغىقىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول سېلىنغان، 1887-يىلى رەسمىي قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان. 1910-يىلغا كەلگەندە ئاھالىسى 100 مىڭدىن ئاشقان، ھازىرئ ۇ كانادانىڭ تىچن ئوكيان ياقىسىغا جايلاشقان ئەڭ مۇھىم سودا-سانائەت، پۇل مۇئامىلە مەركەلزىرىنىڭ بىرى، بۇ جايدا كېمىسازلىق، بېلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، قەغەزچىلىك، ئاپتوموبىل، ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىش، نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ياغاچچىلىق قاتارلىق سانائەتلەر بار، كانادا بىلەن دۆلىتىمىز ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرىدىغان ماللارنىڭ كۆپى ۋانكۇۋېر پورتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ پاراخوتلىرىمۇ ۋانكوۋېر پورتىغا قاتناپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، شەھەردە ئاتاقلىق باغچىلار، گۈللۈك مەيدانلار، دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى، ئاتاقلىق بىلىم يۇرتلىرى بار. ئۇ جايدىكى كونا بىرىتان كولۇمبىيە داشۆسى 1908-يىلى قۇرۇلغان. 

ۋانكۇۋېر قۇرۇلۇش مەدەنىيىتىۋانكۇۋېر خەلقى قىزغىن مېھماندوسىت،شەھەر ئاھالىلىرى ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل ،مەيلى سىز قەيەردىن كىلىڭ ،ئۇلار سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ ،مەيلى سىز 

نىمىگە ئىھتىياجلىق بولۇڭ ئۇلار سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ،2010-يىلى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋانكۇۋېردا ئۆتكۈزىلدى.

ۋانكۇۋېر باغچىسىۋانكۇۋېردا نۇرغۇنلىغان ساياھەت نوقتىللىرى بار ئۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر دەرجىلىك باغچا سىتانلى باغچىسى،شىر دەرۋازىسى چوڭكۆۋرۈكى،كانادا مەيدانى، ئىلزابىت ئايال پادىشاھ باغچىسى قاتارلىقلار بار.........

ۋانكۇۋېردا 74باشلانغۇچ مەكتەپ18تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ7چوڭلار مائارىپى مەركىزى باربۇلۇپ ئوقۇغۇچى سانى 110مىڭغا يېتىدۇ،ئېنگىلىز تىلى ۋانكۇۋېردىكى ئىككىنچى ئانا تىل بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ


ۋانكۇۋېر ئەڭ بۇرۇن باشقا شەھەرلەر بىلەن دوسىتلۇق ئورناتقان شەھەرلەرنىڭ بىرى.1944-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىتتىپاقداش سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئودىسسا شەھىرى بىلەن دوسىتلۇق ئورناتقان.تۆۋەندىكىسى ۋانكۇۋېر بىلەن 

دوسىتلۇق ئورناتقان شەھەرلەرنىڭ تىزىملىكى؛

شوتلاندىيىنىڭ ئېدىنبورگ 1978-يىلى

جۇڭگو گۇاڭجۇ1985-يىلى

 تەيۋەن گاۋشيۇڭ1985 -يىلى

 ئامېرىكا لوس 1986-يىلى

 كورىيەنىڭ پۇسان 2007-يىلى

 ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا 1944-يىلى

 برازىلىيە برازىلىيە 1944-يىلى



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ تورى قامۇسى

http://baike.baidu.com/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#