بۇئېنوس ئايرېس
ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس ئايرېس ئىسپان تىلىدا «ھاۋاسى ساپ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەر ئەسلىدە لاپلاتا دەرياسى ئېغىزىدىكى بىر پارچە ئوتلاق ئىدى، ھازىر جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ شەھەرگە ئايلاندى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس ئايرېس ئىسپان تىلىدا «ھاۋاسى ساپ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەر ئەسلىدە لاپلاتا دەرياسى ئېغىزىدىكى بىر پارچە ئوتلاق ئىدى، ھازىر جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ شەھەرگە ئايلاندى. بۇئېنوس ئايرېس شەھىرىنى پورتتىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئاقىدىغان بىر كىچىك دەريا بىلەن شەھەر ئەتراپىنى ئايلاندۇرۇپ ياسىغان تاشيول ئوراپ تۇرىدۇ. پۈتۈن شەھەرنىڭ يوللىرى كەڭ ھەم رەتلىك، كوچىلىرى خۇددى كاتەكچە سخېما شەكلىدە بولۇپ، پۈتۈن شەھەر بىر شاھمات تاختىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەر ئىككى تۆت كوچا ئېغىزى ئارىسىدا ئايرىم-ئايرىم نومۇر قويۇلغان 100 ئىشىك بار.
« جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پارىژ » دەپ نام ئالغان بۇ شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرى زەپەر دەرۋازىسىنى مەركەز قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارىژ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، نۇرغۇن داڭلىق چوڭ كوچىلىرى مەشھۇر «25.5» مەيدانىنى مەركەز قىلغان ھالدا رادىئاتسىيە شەكلىدە تۆت تەرەپكە تارقىلىپ جايلاشقان. مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە «ئەتىرگۈل ئوردىسى» دەپ ئاتىلىدىغان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى بار. 1810-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بۇ مەيداندا يىغىن ئېچىلىپ ئىسپانىيە مۇستەملىكە باش ۋالىيسىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالغانلىقى، ئارگېنتىنا ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. شۇڭا، بۇ مەيدان «25.5» مەيدانى دەپ ئاتالغان. بۇ يەردىن غەربكە قاراپ يىغىن مەيدانىغىچە بولغان ئارىلىق شەھەردىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك «7-ئاينىڭ 9-كۈنى چوڭ كوچىسى» دۇر. بۇ كوچا 1816-يىل 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئارگېنتىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياسالغان، كوچىنىڭ كەڭلىكى 140 مېتىر كېلىدۇ، يول ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنلۇقى 6.1 كىلومېتىر كېلىدىغان كۆكەرتىلگەن بەلۋاغ بار. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە پۈتۈن شەھەردىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك ئاسمان-پەلەك ئېگىز بىنالار سېلىنغان. كوچىنىڭ شىمالىدا ئېگىزلىكى 72 مېتىر كېلىدىغان مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ مەزكۇر شەھەرنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇئېنوس ئايرېستا 40 تىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ، نۇرغۇنلىغان مۇزېي، كۇتۇپخانا، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، شۇنداقلا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى بار، ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ يەرنىڭ ئىقلىمى ئىللىق، تۆت پەسلى ئېنىق، شەھەردىكى دەل-دەرەخلەر يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ئالتۇن كۈز مەزگىلى بۇ يەرنىڭ دەل باھار پەسلىدۇر.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.