مەنچىزە ئاش

مەنچىزە ئاش بولسا ئۇن ، تۇز ، سۆڭەكلىك قوي گۆشى ، قارىمۇچ ، ياغ ، زەنجىۋىل ، سۇڭپىياز ل، كاۋاۋىچىن ، ياڭيۇ ، يۇمغاقسۈت ، پەمىدۇر ، سامساق قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ ،تەمى ياخشى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارئۇن 200 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۆڭەكلىك قوي گۆشى 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، ياغ 70 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، كاۋاۋىچىن ئازراق، ياڭيۇ ئىككى تال، يۇمغاقسۈت ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، سامساق بىر باش.

1.ئۈگرە ئاشقا تەييارلىغاندەك خېمىر تەييارلاپ يېيىپ، ئۇنى ئۈچ بۇرجەك قىلىپ كېسىپ، ئۈستىگە ئۇن سېپىپ قويۇلىدۇ. 

2. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، سۇڭپىيازنى ياپىلاق، پەمىدۇرنى قاقتەك چوڭلۇقتا ياپىلاق، ياڭيۇنى چاقماق قىلىپ، يۇمغاقسۈتنى ئۇششاق توغرىلىدۇ. سامساق ئۇششاق چانىلىدۇ. 

3. ياغ داغلانغاندىن كېيىن گۆشنى سېلىپ، بىر، ئىككى قېتىم قورۇپلا ئۈستىدىن پەمىدۇر، ياڭيۇنى سېلىپ 10 مىنۇت تېز قورۇپ تۇز، لازا، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ، ماتېرىياللار ئاساسەن پىشقاندا، كېسىلگەن خېمىرنى سېلىپ، بىر، ئىككى قاينىتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇمغاقسۈت، سامساقلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، دەرھال قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ، ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا ئاش قويۇلۇپ قالىدۇ. ئاچچىقسۇ، ياغ لازىلار ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#