جون بىرۇكس

(John Brooks) جون بىرۇكس Ricochet نىڭ  پىروگراممېرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(John Brooks) جون بىرۇكس Ricochet نىڭ  پىروگراممېرى.

WhatsApp، Signal، ئالما iMessage قاتارلىق خەۋەرلىشىش مۇلازىمەتلىرىنىڭ مودا بولۇشى بىلەن، ئۇچتىن ئۇچقا شىفىرلاشتۇرۇش ئەمدى پەقەت جاسۇسلار ۋە مەخپىيەتلىكنى بىكار قىلىش ماھىرلىرىغىلا قارىتىلىشتىن قالدى، ئۇ خۇددى چىراي ئىپادىسى بەلگىسىگە ئوخشاش دېگۈدەك ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ ئۆزگەردى. بىراق بەزى چاغلاردا يەتكۈزگۈچى ۋە قوبۇل قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدا يىمىرىلمەس مەخپىي يول بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇ ئەلۋەتتە ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىنى يوشۇرالايدۇ، لېكىن ئۇ يەتكۈزگۈچى ۋە قوبۇل قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى يوشۇرۇن تۇتالمايدۇ، چۈنكى مېتا سانلىق مەلۇماتلىرى مەلۇم بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ياكى مۇخبىر سالاھىيىتى بىلەن تورنى مەنبە قىلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىيالايدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىلا ئوقۇشتىن چېكىنكەن، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن جون بىرۇكس بىر خىل كېيىنكى ئەۋلاد مەخپىيەتلىكنى ھەمبەھىرلەش قورالىغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن بولغان ئەپ دېتالىنى ياساپ چىققان، بۇ خىل قورال پەقەت سىزنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنىڭىزنى يوشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى سىزنىڭ مۇناسىۋەت تورىڭىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە خەرىتىسىنى يوشۇرۇپ قالالايدۇ.

ئۇنىڭ پاراڭلىشىش ئەپ دېتالىنىڭ ئىسمى «Ricochet» بولۇپ، ئۇ ئىمزاسىز يۇمشاق دېتال ئاساسىدىكى بىر تۈرلۈك يوشۇرۇن تور (暗网)دىكى تور بېكىتىنى كۆپ يىللارغىچە ئاختۇرۇپ تېپىشقا يىپ ئۇچى يوق قىلىش ۋە نامسىز قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. لېكىن «Ricochet»  ھەرگىزمۇ  تور ئادرېسىنى يوشۇرمايدۇ، بەلكى ئۇ ئاشۇنداق يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا ئەمەلىي قوللىنىدىغان قىلىدۇ، يەنى ئۇ سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنى يوشۇرۇن تورنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرىدۇ. باشقا بارلىق خەۋەرلىشىش ئەپ دېتاللىرى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، «Ricochet» سۆھبەت مەزمۇنىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېرىدىن قوبۇل قىلغۇچىنىڭ كومپيۇتېرىغا بىۋاسىتە ھالدا يوللاپ بېرىدۇ، ئابۇنتلارنىڭ خەۋەرلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرى ياكى مېتا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان مەركىزىي مۇلازىمېتىردىن ئۆتۈشى تامامەن ھاجەتسىز.

بىرۇكس مۇنداق دېگەن ئىدى: «توردا سىزنىڭ ئۇنى ئىشلىتىپ باققانلىق خاتىرىڭىز يوق بولىدۇ. ئۇ Tor ئىچىدە يۈز بەرگەن باشقا بارلىق ئىشلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىدۇ. سىز كىشىلەر ئارىسىغا يوشۇرۇن شەكىللىك بولۇپ قالىسىز». بۇ خىل يوشۇرۇن شەكىل كىشىلەرنىڭ تاللىشىغا ئايلانغاندا، ئادەتتىكى كونىچە شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ناھايىتى ئاشكارا كۆرۈنىدىغان بولۇپ قېلىشقا باشلايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#