نۇرخاچ

چىڭ تەيزۇ ئەيشىنجۆلو نۇرخاچ 1559-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى (جياجىڭ 38-يىلى) تۇغۇلۇپ 1626-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاپات بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، كېيىنكى جىن سۇلالىسىنى قۇرغان پادىشاھ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى نۇرخاچ
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1559-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى (جياجىڭ 38-يىلى)
كەسپى كېيىنكى جىن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى
باشقا نامى چىڭ تەيزۇ ئەيشىنجۆلو نۇرخاچ
مىللىتى مانجۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1626-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نۇرخاچچىڭ تەيزۇ ئەيشىنجۆلو نۇرخاچ 1559-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى (جياجىڭ 38-يىلى) تۇغۇلۇپ 1626-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋاپات بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى، كېيىنكى جىن سۇلالىسىنى قۇرغان پادىشاھ.

مانجۇ تىلى ۋە خەنزۇ تىلىغا پۇختا «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. 25 يېشىدا لەشكەر تارتىپ جۇرجىت قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىڭ خاندانلىقى شېنزۇڭ ۋەنلى 44-يىلى (1616-يىلى) نۇرخاچ خاتۇئالادا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، كېيىنكى جىن سۇلالىسى قۇرغان، لياۋدۇڭدىكى، تيەنمىڭ يىلنامىسىنى قوللانغان. سارخۇ تىنجىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، پايتەختنى شېنياڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەن، كېيىن لياۋدۇڭنى قاپلىغان، كىيىنكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ 70 تىن ئارتۇق شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان.

نۇرخاچنۇرخاچ 68 يىل ياشىغان (1559~1626)، ئۇ 25 ياش (1583-يىلى) ۋاقتىدا قۇشۇن تارتىپ چىقىپ، ھاياتى ئاخىرلاشقۇچە 44 يىل سىياسى–ھەربى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان. تارىخشۇناسلار نۇرخاچنىڭ تارىخى تۆھپىسىگە باھا بىرىپ، 10 چوڭ تۈرگە يىغقان:

1. جۇرجىت قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

جىن سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كىيىن، جۇرجىت قەبىلىلىرىدە تالاش-تارتىش زوراۋانلىق ئۈزۈلمەي، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ، 300 يىلدىن كۆپ داۋاملاشقان يۇەن، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىمۇ بىرلىككە كېلەلمىگەن ئىدى. نۇرخاچ باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن «بويسۇنغانلارنى ئەخلاق بىلەن قايىل قىلىش، قارشى چىققانلارنى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇش» سىياسىتىنى قوللۇنۇپ، 30 يىلدىن كۆپ داۋاملاشقان بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق ھەر قايسى جۇرجىت قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز –ئارا قىرغىن قىلىشىدۇ، بۇنىڭدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى كۆزگە كۈرۈنگەن بىر مىللى داھىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ، ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتنى تەڭشەپ بىرلىككە كەلتۈرەلمىگەنلىكىدىندۇر. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نۇرخاچنىڭ مانجۇرىيەدىكى جۇرجىت قاتارلىق مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ھەقىقەتەن قالتىس بىر ئىش ھىساپلىنىدۇ.

2. شەرقى شىمال رايۇنىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.

مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ خانلىق ھوقۇق ئاجىزلاپ، شەرقى شىمالدىكى كەڭ زىمىنلارغا ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزەلمەس بولۇپ قالغان. نۇرخاچ ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى قۇنتەيجىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە شەرقى شىمال بىرلىككە كەلتۈرگەن. شەرقتە ئوخوت دېڭىزىدىن ،غەربتە چىڭخەيگىچە،غەربى شىمالدا بايقال كۆلىگىچە، جەنۇبتا ياپۇن دېڭىزىدىن، شىمالدا تاشقى ھىنگان تاغلىرىغىچە بولغان كۆلىمى 5 مىليۇن كۇۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان زىمىننى كونتىرۇل قىلىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلىي كونتىرۇللۇقىدىكى زىمىن بىلەن  تەڭلەشكەن ئىدى.

شەرقى شىمالنىڭ قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرلىشى، ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تالان-تاراج قىلىش، ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىشتەك ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتكە خاتىمە بەرگەن. بۇ ئىش كاڭشىنىڭ 28-يىلى (1689) دىكى جۇڭگو-روسىيە «نىبچۇ شەرتنامىسى»نىڭ ئىمزالىنىشىغا ئاساس سالغان.

ئەگەردە نۇرخاچ شەرقى شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرمىگەن بولسا كىيىنچە چار روسىيە شەرققە، ياپۇنىيە جەنۇپقا تاجاۋۇز قىلىپ، كۈچلۈك دۆلەتلەر ئۆز-ئارا تالىشىپ، شەرقى شىمالغا كىمنىڭ ئىگىدارچىلىق  قىلدىغانلىقىغا بىر نىمە دىمەك تەس ئىدى.

3. مانجۇ يېزىقىنى ئىجات قىلغان.

جىن سۇلالىسى ھالاك بولغاندىن كىيىن، جۇرجىت يېزىقىنى بىلىدىغانلار تەدرىجى ئازىيىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە كەلگەندە پۈتۈنلەي يوقالغان.

مانجۇ تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ مانجۇ-توڭگۇس تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە بولۇپ، مانجۇلارنىڭ يېزىقى يوق ئىدى. نۇرخاچ باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن جيەنجۇ بىلەن چاۋشيەن، مىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرسىدىكى خەت-چەكلەرنى گوڭجىڭلۇ ئىسىملىك خەنزۇ خەنزۇ يېزىقىدا يېزىپ بىرەتتى. جورجىتلارغا ھەربىي بۇيرۇق، ھۆكۈمەت بۇيرۇقى چىقارغاندا موڭغۇل يېزىقى ئىشلىتەتتى،بۇنى ئادەتتىكى چورجىتلار كۆرسىمۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشىنەلمەيتتى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى خانىنىڭ 27-يىلى (1599) نۇرخاچ باخشى ئېردىنى بىلەن يارغۇچى گېگەينى موڭغۇل يېزىقىدىن پايدىلنىپ مانجۇچە يېزىلدىغان مانجۇ يېزىقىنى ئىجاد قىلىشقا بۇيرىغان.

مانا بۇ چىكىتسىز مانجۇ يېزىقى (كونا مانجۇ يېزىقى) ئىدى. قۇنتەيجى زامانىسىدا ئىسلاھ قىلىنىپ،چىكىتلىك مانجۇ يېزىقى (يېڭى مانجۇ يېزىقى) بارلىققا كەلدى. مانجۇ يېزىقى ھەرىپلىك يېزىق بۇلۇپ،ئالتە سوزۇق تاۋۇش،22 ئۈزۈك تاۋۇش ۋە ئون ئالاھىدە ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان. كىيىنچە مانجۇ يېزىقى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ يېزىقى ۋە تىلى بۇلۇپ قالغان.

ئەينى چاغدىكى شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى مانجۇ توڭگۇس تىللىرى ئائىلىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە، مانجۇلاردىن باشقىلارنىڭ يېزىقى يوق ئىدى. مانجۇ تىلىدا خاتىرلەنگەن شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايۇنىدىكى مەدىنىيەت ئانتىروپولوگىيىسىگە دائىر قىممەتلىك ماتىرىياللار مانجۇ، خەنزۇ ۋە غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. كىيىن خىرىستىيان دىن تارقاتقۇچىلىرى مانجۇ يېزىقى ئارقىلىق «تۆت كىتاب»، «بەش دەستۇر»نى غەرب تىللىرىغا تەرجىمە قىلىغان.

شۇڭا نۇرخاچنىڭ مانجۇ تىلىنى ئىجاد قىلىشقا رىياسەتچىلىك قىلىشى مانجۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى شانلىق ئابىدە بۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تارىخى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيا مەدىنىيەت تارىخىدىكى بىر كاتتا ئىش ھېساپلىنىدۇ.

4. سەككىز تۇغلۇق قۇشۇن تۈزۈمىنى تۇرغۇزغان.

نۇرخاچ جورجىتلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئوۋچىلىق تەشكىلىي شەكلىدىن پايدىلىنىپ سەككىز تۇغلۇق قۇشۇن تۈزۈمىنى تۇرغۇزغان.جورجىتلار ئوۋ ئوۋلىغاندا ھەر ئون ئادەم ئىچىدىن بىر ئوق بېشى تەيىنلىنەتتى، بۇ نېرۇ ئېجىن (牛录额真) دىيىلەتتى، مەنىسى ئوق بېشى دىگەنلىك ئىدى. كىيىن بۇ ئوۋ ئوۋلاش شەكلىدىكى كىچىك گۇرۇپپا باشلىقى ھىساپلىنىدىغان ئوق بېشى بىرىنچى دەرىجىلىك مەنسەپ نامى، ئوق ئەڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلى بۇلۇپ قالغان. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىش،ھەبىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش، باج-سېلىق قاتارلىق ئىشلاردا ئوق ئاساسىي ھىساۋات بىرلىكى قىلىناتتى.

نۇرخاچ بۇ خىل تەشكىلىي ئاساس ئاساسىدا  ئۆزگەرتىش ئېلىپ بىرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كېڭەيتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ سەككىز تۇغلۇق قۇشۇن تۈزۈمىنى تۇرغۇزغان. تۈزۈمدە: ھەر 300 ئادەم بىر نېرۇ ئېجىن، ھەر بەش نېرو ئېجىن بىر جالان ئېجىن (甲喇额真قەدىمكى موڭغۇل قۇشۇنىنىڭ تۈزۈلمە بىرلىكى )، ھەر بەش جالان ئېجىن بىر خۇشۇن ئېجىن (固山额真) بۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن.

خۇشۇن مانجۇلارنىڭ نۇپۇس، ھەربىي تۈزۈلمىسىدىكى ئەڭ چوڭ بىرلىك ھىساپلىناتتى، ھەر بىر خۇشۇننىڭ رەڭگى ئالاھىدە بىكىتىلگەن تۇغى بۇلاتتى، شۇڭا خەنزۇچە تەرجىمىسىدە خۇشۇن سۆزى «بايراق» دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئەسلىدە سېرىق،ئاق، قىزىل، كۆك تۇغلار بار ئىدى. كىيىن يەنە تۆت تۇغ كۆپەيتىلگەن، ئەسلىدىكى سېرىق،ئاق،كۆك قاتارلىق ئۈچ خىل رەڭلىك تۇغ ئەتىراپىغا قىزىل رەڭلىك جىيەك، قىزىل رەڭلىك تۇغقا ئاق رەڭلىك جيەك تىكىلدى،شۇنداق قىلىپ،ئوخشاش بولمىغان سەككىز رەڭلىك تۇغ بارلىققا كەلدى ۋە قىسقارتىلىپ «سەككىز تۇغ» دەپ ئاتىلىپ، مانجۇلارنىڭ سەككىز تۇغىنى كۆرسىتىدىغان بولغان.

كىيىن موڭغۇللارنىڭ سەككىز تۇغى ۋە خەنزۇلارنىڭ سەككىز تۇغى قۇشۇلۇپ، 24 تۇغ بولغان بولسىمۇ،يەنىلا سەككىز تۇغ دەپ ئاتىلىۋەردى.سەككىز تۇغلۇق قۇشۇن تۈزۈمى «تۇغ ئارقىلىق قۇشۇننى،ئاۋامنى باشقۇرۇش» تۈزۈلمىسى بۇلۇپ، ئادەتتە تېرىقچىلىق، ئوۋچىلىق قىلغاندا پۇقرا، ئۇرۇش ۋاقتىدا ئەسكەر بۇلاتتى.

سەككىز تۇغلۇق قۇشۇن تۈزىمىدە سەككىز تۇغ ئاساسىي تۈگۈن قىلىنىپ، پۈتۈن جەمىيەتتىكى ھەر بىي ئىشلار، سىياسىي، ئىقتىساد، مەمۇرىي، ئەدىلىيە، دىنىي ئىشلارنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرگەن، تەشكىلىي تۈزۈلمىسى قاتتىق، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بولغان ئىجدىمائىي ئورگان ئىدى. سەككىز تۇغلۇق قۇشۇن تۈزۈمى نۇرخاچنىڭ بىر ئىجادىيىتى بۇلۇپ،چىڭ سۇلالىسىنىڭ يادرولۇق جەمئىيەت تۈزۈلمىسى بۇلۇپلا قالماي، چىڭ سۇلالىسىنىڭ بېيجىڭنى ئىگىللەپ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىپ، جۇڭگۇغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش،ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملىشىدىكى ئاچقۇچ ئىدى.

5. مانجۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جيەنجۇ جورجىتلىرىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرلىشى، جورجىتلارنىڭ ھەر قايسى قەبىللىرىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرلىشى، شەرقىي شىمال رايۇنىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرلىشى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قۇشۇلۇشى، ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ تويلىشىشى، سەككىز تۇغلۇق قۇشۇن تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى، مانجۇ يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى جۇڭگۇدىكى مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە يېڭىچە مانجۇ مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مانجۇ مىللىتى جيەنجۇ جورجىتلىرىنى يادرو، خەيشى جورجىتلىرىنى ئاساس قىلىپ، خەنزۇلار، موڭغۇللار، داغۇرلار، شىبەلەر، كورىيانلار قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر يېڭى مىللەت گەۋدىسى ئىدى.

1635-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى قۇنتەيجى يارلىق چىقىرىپ مىللەت نامىنى مانجۇغا ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ مانجۇ دىگەن نام رەسمىي كۆرىلىشكە باشلىغان. مانجۇ مىللىتى ئەسلىدىكى شەرقىي شىمالنىڭ بۇرجىكىگە جايلاشقان كىچىككىنە قەبىلىدىن ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى نۇپۇسى ئون مىليونغا يىتىدىغان بىر چوڭ مىللەتكە ئايلانغان.

مانجۇ مىللىتىنىڭ گۈلىنىشىنىڭ رەھبىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى نۇرخاچتۇر ئەلۋەتتە.

6. كىيىنكى جىن سۇلالىسى قۇرغان.

چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكۈچىلەردە قابىليەت بۇلۇشى كېرەك. ئەگەر چىگرا رايۇندىكى بىرەر ھاكىميەتمۇ قۇرالمىغان بىر ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىدىن جۇڭگۇدا بىرەر ھاكىمىيەت قۇرۇشنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.مىڭ سۇلالىسى ۋەنلى خانىنىڭ 44-يىلى (1616) نۇرخاچ بىر چەت چىگرا رايۇندىكى مانجۇ رەھبىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، خېتۇئالانى مەركەز قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى خەنزۇلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن پايدىلىنىپ، تەخىتكە چىقىپ كىيىنكى جىن سۇلالىسىنى قۇرغان.

شۇنىڭدىن باشلاپ مۇستەھكەم بازىغا تايىنىپ، بىرىلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرغان.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ شېنياڭ، لىياۋ ياڭ،  گۇاڭنىڭ، يىجۇنى ئىگىللىگەن. پايتەخىتنى ئاۋال لياۋياڭ، كىيىن شېنياڭغا كۈچۈرگەن.

ئىككىنچى ئوغلى قۇنتەيجى 1636-يىلى 4-ئايدا دۆلەت نامىنى بۈيۈك چىڭغا ئۆزگەرتكەن. بۇ سۇلالە قۇرۇلغان 1616-يىلىدىن تاكى 1911-يىلغىچە جەمئىي 296 يىل ھۆكۈم سۈرگەن.

نۇرخاچ ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بەل باغلاپ،ھاكىميەت ئورناتقان بۇلۇپ، ئۇنى بۈيۈك چىڭ ئىمپىريىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئاساس سالغۇچىسى دىيىشكە مۇناسىپ.

7. مول ھەربىي ئىشلار بىلىم–تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلىگەن.

نۇرخاچ 44 يىل ھەربى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئەسكەر ئىشلىتىش ئەۋلىياسى» دەپ ئاتالغان بىر مۇنەۋۋەر ھەربى قوماندان.

ئۇ قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان سەككىز تۇغلۇق قۇشۇن17-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى جوڭگۇدىكى ئۇرۇش قىلىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك قۇشۇن بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاتلىق قۇشۇن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. نۇرخاچ بۇ قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىلگىرى-كېيىن گولىشەن ئۇرۇشى، ئۇجېيەن ئۇرۇشى، خادا ئۇرۇشى،خۇيفا ئۇرۇشى، ئۇلا ئۇرۇشى، ۋۇچىڭ ئۇرۇشى، سارخۇ ئۇرۇشى، يىخې ئۇرۇشى، كەيتيې ئۇرۇشى، شېنلياۋ ئۇرۇشى، گۇاڭنىڭ ئۇرۇشى،  جۇېخۇاداۋ ئۇرۇشى قاتارلىق 12 ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.

بۇنىڭ ئىچىدە گولىشەن ئۇرۇشى، سارخۇ ئۇرۇشى، شېنلياۋ ئۇرۇشى، گۇاڭنىڭ ئۇرۇشى، جۇېخۇاداۋ ئۇرۇشى ئەڭ مەشھۇر. ئۇ ھەربى ئىستىراتېگىيە، قوماندانلىق سەنئىتى، ئەسكىرى كۈچنى يىغىپ ئىشلىتىش، بىر بىرلەپ مەغلۇپ قىلىش، شەھەرنى قورشاپ مۇستەھكەم قورغانغا ھۇجۇم قىلىش، ئىچى-سىرتىدىن ماسلىشىش، ئاتلىق ئەسكەرلەر ئارقىلىق توسالغۇلارنى بۆسۈش، تىز جەڭ قىلىپ تىز ئاخىرلاشتۇرۇش جەھەتلەردە يۇقۇرى ئەقىل پاراسىتىنى نامايەن قىلغان.

ئۇ سارخۇ ئۇرۇشىدا «دۈشمەن قانچە يولغا بۈلۈنۈپ كەلسىمۇ، بىر يولدىكىسى بىلەن تۇتۇشۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «ئەسكىرى كۈچنى يىغىپ، بىر بىرلەپ مەغلۇپ قىلىش» ئىستىراتىگىيسى جۇڭگو ھەربى ئىشلار تارىخىدىكى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاز سانلقنىڭ كۆپ سانلىقنى مەغلۇپ قىلىشىدەك مىساللىرىدىن بىرى.

ئۇنىڭ قوشۇن تەشكىللەش، مەشقلەندۈرۈش، قوماندانلىق قىلىش، ئۇرۇش سەنئىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىسى بىر بىرىدىن سەرخىل. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشتىكى نۇرغۇن ھەربى ئىشلار پىرىنسىپى، مەسىلەن، رازۋېتكىغا ئەھمىيەت بىرىش، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۈرۈش، دۈشمەننى ئالداپ ئىچكىرلەپ كىرگۈزۈش، پىستۇرما قۇيۇش، قايمۇقتۇرغۇچى قۇشۇندىن ئەپچىل پايدىلنىش، ئاتلىق ئەسكەرلەر ئارقىلىق توسالغۇلارنى بۆسۈش، ئەسكىرى كۈچنى يىغىپ ئىشلىتىش، بىر بىرلەپ مەغلۇپ قىلىش، تىز جەڭ قىلىپ تىز ئاخىرلاشتۇرۇش، ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى، ئىچى-سىرتىدىن ماسلىشىش قاتارلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ،جۇڭخۇا قەدىمقى ھەربى ئىشلار خەزىنىسىنى بېيىتقان.

8. موڭغۇللارنى مايىل قىلىش سىياسىتىنى تۈزۈپ چىققان.

چىن،خەن سۇلالىسىدىن بېرى شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەر ئىزچىل مەركىزى ھاكىمىيەتنىڭ شىمالىدىكى تەھدىت بولۇپ كەلگەن.چۈنكى چىنشىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى تىنجىتىپ،ئالتە بەگلىكنىڭ سېپىلىنى تۇتاشتۇرۇپ سەددىچىن سېپىلىنى بىنا قىلغان.مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پايتەخت ئىككى قېتىم شىماللىق چەۋاندازلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان، مىڭ يىڭزۇڭ ھەتتا موڭغۇللارنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان. شۈيدا ۋە چى جىگۇاڭ چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سەددىچىن سېپىلىنى رېمۇنت قىلدۇرغان.

نۇرخاچ باش كۆتۈرگەندىن كېيىن،موڭغۇللارغا قارىتا ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇ پادىشاھلارغا ھەم جىن سۇلالىسىنىڭ جورجىت پادىشاھلىرىغا ئوخشاشمايدىغان ئۇسۇلنى قوللانغان. ئۇ خۇشۇن تەشكىللەش،قۇدىلىشىش، ئىتتىپاق تۈزۈش، ئوتۇغات بېرىش، قۇتقۇزۇش بىرىش، قۇبۇل قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق، موڭغۇل يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ۋە قەبىللەر بىلەن بولغان ھەر خىل مۇناسىۋەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن.

كىيىن چۆللىكنىڭ جەنۇبىدىكى موڭغۇللاردىن سەككىز تۇغلۇق خۇشۇن تەشكىللەپ، ئۇنى ھەربىي، سىياسىي ئىشلاردىكى تۈۋرۈككە ئايلاندۇرغان. خالخا موڭغۇللىرىغا قارىتا ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈمىنى،ئويراتلارغا نىسبەتەن تاشقى جاساق تۈزۈمىنى قوللانغان. قۇدىلىشىشى خەن،تاڭ مەلىكىلىرىنىڭ ياتلىق قىلىنىشىغا ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ، بۇ خىل ئۆز-ئارا ئېلىپ بىرىلدىغان قۇدىلىشىشتا ئىككى تەرەپ ھەقىقىي رەۋىشتىكى قۇدىلاردىن بۇلۇپ قالاتتى. بۇ تارىختىن بۇيانقى مەركىزىي خانلىقلارنىڭ (يۈەن سۇلالىسىدىن باشقا) موڭغۇللارغا تۇتقان سىياسىتىدىكى غايەت زور ئىسلاھات ئىدى.قەدىمكى جۇڭگۇنىڭ ئىككى مىڭ يىللىق تارىخىدا ھەل بولمىغان شىمالدىكى بوز قىر مىللەتلىرى مەسىلىسىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن ھەل قىلىنغان ئىدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ موڭغۇللارغا قارىتا يولغا قويغان موڭغۇللارنى مايىل قىلىپ،چىگرانى تىچلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاساسچىسى نۇرخاچ ھىساپلىنىدۇ.

9. ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگەن.

نۇرخاچ 44 يىللىق سىياسىي ھاياتىدا ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى توختىماي ئىلگىرى سۈرگەن. ھاكىمىيەت مىخانىزىمى جەھەتتە، قاغاننى يادرو، بەش چوڭ ۋەزىر،سەككىز بېيلى (شاھزادە)نى ئاساس قىلغان رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈررۈپ، خۇشۇن، جالان، نېرۇ قاتارلىق ئۈچ دەرىجىلىك تەشكىلىي ئاپرات ئارقىلىق، كىيىنكى جىن خانلىقىدىكى ئارمىيە ۋە خەلىققە بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىق قىلغان.

ئارقىدىن شاھزادە، ۋەزىرلەر كېڭىشىدىن ئىبارەت-چوڭ ئىشلارنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان، قاغاننى سايلاش ياكى بىكار قىلىش ھوقوقىغا ئىگە بولغان ئاقسۆڭەكلەر جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللانغان. ئەمما بۇ تۈزۈم نۇرخاچنىڭ ئالەمدىن ئۆتىشى بىلەن يۈرگۈزۈلمىگەن. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە جەھەتتە، ئوق بويىچە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، جان سانىغا ئاساسەن يەر تەقسىملەپ بىرىش تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ، قۇللۇق تۈزۈلمىدىكى تېرىقچىلىقنى فىئوداللىق تۈزۈلمىدىكى تېرىقچىلىققا ئايلاندۇرغان.

سەككىز تۇغلۇق قۇشۇننىڭ لياۋخې دەريا بويلىرىغا كۈچۈپ ئولتۇراقلىشىشىغا ئەگىشىپ،جورجىتلاردىكى ئوۋچىلىقنى ئاساس قىلدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلدىغان ئىقتىسادى تۈزۈلمىگە ئايلانغان.مەدەنىيەت جەھەتتە ئوۋچىلىق مەدىنيىتىنىڭ تېرىم مەدىنيىتىگە ئايلىنىشىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرغان.

10. پايتەخىتنى شېنياڭغا كۈچۈرگەن.

ئۇنىڭدىن بۇرۇن لياۋ سۇلالىسى بەش ئورۇننى، جىن سۇلالىسى بەش ئورۇننى پايتەخىت قىلغان بولسىمۇ ئەمما ھىچقايسىسى شېنياڭنى پايتەخىت قىلمىغان.

يۈەن سۇلالىسىنىڭ شەرقىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسى لياۋياڭغا تەسىس قىلىنغان. مىڭ سۇلالىسىنڭ لىياۋدوڭ ھەربىي مەھكىمىسى ئاۋال نىڭيۈەنگە، كىيىن لياۋياڭغا تەسىس قىلىنغان. 1625-يىلى نۇرخاچ پايتەخىتنى شېنياڭغا كۈچۈرۈشنى قارار قىلغان، ئەمما شاھزادىلەر ۋە  كۆپچىلىك ئەمىرلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچۇرغان سەۋەب بولسا: شەرقىي ئاستانە لياۋياڭغا سېلىنۋاتقان خان ئوردىسى ئاساسەن پۈتۈپ قالغان،خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇسى تېخى پۈتمىدى. ئەسلىدىمۇ بۇ يىل ھۇسۇل ياخشى ئەمەس،پايتەختنى كۆچۈرگەندە چوڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ،خەلق جاپادا قالىدۇ، مال–مۈلۈك زىيانغا ئۇچرايدۇ...قاتارلىقلار.

قاغان پايتەختنى كۆچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ،«شېنياڭنىڭ ئورنى قولايلىق، ياخشى، غەربتە مىڭ سۇلالىسىگە جازا يۈرۈشى قىلىشتا يول ھەم تۈز ھەم يېقىن، شىمالدا موڭغۇللارغا جازا يۈرۈش قىلىشتا ئىككى ئۈچ كۈندىلا يىتىپ بارغىلى بولىدۇ، جەنۇبتا كورىيەگە جازا يۈرۈش قىلىشتا ئارىلىق يېقىن ئەپلىك دىدى.

نۇرخاچ تارىخ، جۇغراپىيە، تەبئى ۋە ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ھەربى، مىللەت ۋە بايلىق، قاتناش قاتارلىق ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ تۇرۇپ، پايتەختنى شېنياڭغا كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم قارارنى چىقارغان.

شۇنىڭ بىلەن شېنياڭ تۇنجى قېتىم پايتەخت بولۇپ قالغان. نۇرخاچنىڭ شېنياڭنى پايتەخىت قىلىشى لياۋخې رايۇنىنىڭ ئېچلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەلقنى بېيىتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. تۆمۈر، ئالتۇن، كۈمۈش كانلىرىنى كۆپلەپ ئېچىپ، مىتال تاۋلىغان. ئۇ يەنە قول سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا ئەھمىيەت بەرگەن، بۇلۇپمۇ، ھەربىي قورال-ياراق، كېمە ياساش، تۇقۇمىچىلىق، ساپال، تۇزچىلىق، ئوق-دورا قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بەرگەن.

ھەتتا مىڭ سۇلالىسىمۇ ئۇلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. نۇرخاچ ھۈنەرۋەنلەرنىڭ جورجىتلار رايۇنىغا كىرىشىگە ئىلھام بەرگەن. ئۇ دائىم «كىشىلەر ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى گۆھەر دەيدىكەن، ئۇنى زىمىستان سوغۇقتا كەيگىلى، ئاچ قالغاندا يىگىلى بۇلاتتىمۇ؟ دۆلىتىمىز كىشىلىرى ياسيالمايدىغان مەھسۇلاتلارنى ياساپ چىقالىغان ئۇستاملارنى ھەقىقىي گۆھەر دىسەك بۇلىدۇ» دەيتتى. پايتەخىتنى شېنياڭغا كۈچۈرگەندىن كېيىن، نۇرخاچ ۋە قۇنتەيجى ئاتا-بالا ئىككى ئەۋلاد ئېچىش ئارقىلىق، شېنياڭ ۋە لياۋخې دەريا ۋادىسىنىڭ ئىقتىسادى ۋە جەمىيەت تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، شەرقىي شىمال رايۇنىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چىڭ سۇلالىسى پايتەخىتنى بېيجىڭ غا كۈچۈرگەندىن كېيىن، شىنياڭ قۇشۇمچە پايتەخىت بۇلۇپ قالغان. شۇنىداق دىيىشكە بولىدۇكى يېقىنقى زامان لياۋخې دەريا ۋادىسى، شېنياڭ رايۇنلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسچىسى نۇرخاچتۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#