چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ يۆتكىلىشى
قەدىمكى چوڭ قۇرۇقلۇق خۇددى كۆچمە مۇزدەك يەر شارىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى «ئاستېنوسفېرا» دا لەيلەپ تۇراتتى. قۇياش بىلەن ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۇ ئاستا-ئاستا يۆتكىلىپ بىر-بىرىدىن پەيدىنپەي ئايرىلىپ، ئاخىرى بۈگۈنكى كۈندىكى مۇشۇنداق جايلىشىش ھالىتىنى شەكىللىنىش جەريانى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قىياس قىلىش
دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن «چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ يۆتكىلىش» تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى گېرمانىيەلىك ئالىم ۋېگېنو. 1910-يىلىنىڭ بىر كۈنى، ۋېگېنو سالامەتلىكى ياخشى بولماي كارىۋاتتا ياتقانىدى. ئۇ كۆزىنى تامدا ئېسىقلىق تۇرغان دۇنيا خەرىتىسىگە تىككىنىدە، كۈتمىگەن يەردىن ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇق ئىزناسىنىڭ شۇ قەدەر دەل جىپسىلىشىدىغانلىقىنى، شەرقىي قىرغاقتىكى ئويمان قىسمىنىڭ دەل غەربىي قىرغاقتىكى چوقچىيىپ تۇرغان قىسمىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي تەرىپى بىلەن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ تىلسىملارچە جىپسىلىشىدىغانلىقىنى، خۇددى بىر پۈتۈن گەۋدىنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەندەكلا تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بايقىشىدىن قاتتىق ھاياجانلىنىپ، بىتابلىقىنى ئۇنتۇپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ خەرىتىنى قايچا بىلەن قىيىۋېلىپ، قايتا بىرلەشتۈرىدۇ، ئېرىشكەن نەتىجە ئۇنى قاتتىق رازى قىلىدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق ھەقىقەتەن جىپسىلىشىپ بىر گەۋدە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋېگېنونىڭ مېڭىسىدە بەلكىم بۇ چوڭ قۇرۇقلۇق ئەسلىدە بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ، كېيىن ئاستا-ئاستا ئايرىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن قىياس پەيدا بولىدۇ.
ۋېگېنو ئۆز تەسەۋۋۇرىنى دەلىللەش ئۈچۈن كۆپلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ گېئولوگىيەلىك قۇرۇلمىسى، يەر قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى ۋە قەدىمىي ھاياتلىقلار تارىخى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى تەرىپى، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز قىرغىقى، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىن ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغىچە ئەسلىدە بىر پارچە چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇپ بۇلار كېيىن ئىككى بۆلەككە پارچىلانغان. شۇڭا، ئۇ 200-300 مىليون يىل بۇرۇن يەر شارىدا پەقەت بىر پۈتۈن چوڭ قۇرۇقلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى بىپايايان دېڭىز-ئوكيان ئىدى، بۇ چاغدا قەدىمكى چوڭ قۇرۇقلۇق خۇددى كۆچمە مۇزدەك يەر شارىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى «ئاستېنوسفېرا» دا لەيلەپ تۇراتتى. قۇياش بىلەن ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۇ ئاستا-ئاستا يۆتكىلىپ بىر-بىرىدىن پەيدىنپەي ئايرىلىپ، ئاخىرى بۈگۈنكى كۈندىكى مۇشۇنداق جايلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ يۆتكىلىشى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.