تاتۇقسىمان ھۈررەك كېسىلى

تاتۇقسىمان ھۈررەك كېسىلى

تېرە زەخىملىنىشتىن كېيىن پەيدا بولىدىغان ئۆسۈش خاراكتېرلىك تالالىشىش ھادىسىسىدىن ئىبارەت. ئېنى يامان، بەدىنى ئاجىز، سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەردە نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى تاتۇقسىمان ھۈررەك كېسىلى
تەۋە بۆلۈم شەكىل تۈزەش بۆلۈمى
خەنزۇچە نامى 瘢痕疙瘩
كېسەللىك ئورنى كۆكرەك،ئارقا گەۋدە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1. غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.

غەيرىي تەبئىي سەۋدا خىلىتى قان ئايلىنىش ئارقىلىق تېرە توقۇلما ھۈجەيرىلەرگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇندا چۆكمىگە چۈشۈش، زەخىملەنگەن ئورۇن تېرىسىنى تەكرار غىدىقلاش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. قۇلاق يۇمشىقى، مەڭىز قىسمى، بويۇن، مۈرە، گەۋدە يۇقىرى قىسمى ۋە تۆۋەنكى مۈچىلەردە كۆپ يۈز بېرىدۇ. قىچىشىش، سانجىلىپ ئاغرىش بولىدۇ. ھەتتا كىيىم − كېچەكلەر سۈركەلسىمۇ ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ. دەسلەپ چىققاندا تېرە زەخمىسى سۇس قىزىل رەڭلىك، رىزىنكىگە ئوخشاش قاتتىقلىقتا بولۇپ، تەدرىجىي كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ قاتتىقلىشىدۇ. سىرتقى يۈزى سىلىق بولۇپ، تۈكلەر بولمايدۇ. چۆرىسى ئېنىق بولىدۇ. تەرەققىي قىلىش خاراكتېرلىك كېڭىيىپ، ئەسلىدىكى زەخىملەرنىڭ دائىرىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئەتراپىدا كېڭىيىپ كەتكەن قان تومۇرلارنىڭ تۆت ئەتراپقا قاراپ ئۆسكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. زەخمە كۆپىنچە يۇمىلاق، سوقىچاق، ئۇزۇنچاق ۋە قالايمىقان شەكىلدە بولۇپ، زەخىملىنىش شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە يېنىشقا باشلاپ، تاتۇق تەكشىلىشىپ يۇمشايدۇ. قىلقان تومۇرلار قىسقىراپ رەڭگى سۇسلىشىپ ئاستا − ئاستا تېرە رەڭگىگە يېقىنلىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا يەرلىك ئورۇندا يۇمشاق، يىگىلەش خاراكتېرلىك تاتۇقنى ھاسىل قىلىدۇ.

تاتۇق تېرە يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەسلىدىكى زەخىملىنىش دائىرىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. تەرەققىي قىلىش خاراكتېرلىك كېڭىيىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئەتراپىدا كېڭىيىپ كەتكەن قىلقان تومۇرلارنىڭ تۆت ئەتراپقا قاراپ ئۆسكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كۆپىنچە بىمارنىڭ سىرتقى جاراھەتلىنىش تارىخى بولىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەرگە قاراپ بۇ كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش قىيىن ئەمەس.

1. غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىغا قارىتا سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى بېرىلىپ ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن مۇسھىل بېرىپ تەنقىيە قىلىش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

2. جىگەرنىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يەرلىك ئورۇنغا يىغىلغان ماددىلارنى تارقىتىش، يەرلىك ئورۇننى يۇمشىتىش چارىسى قوللىنىلىدۇ.

ئالدى بىلەن مىزاج تەڭشەش مەقسەتتە: سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى بېرىلىپ، ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كېيىن مەتبۇخى ئەفتىمۇن بېرىلىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ. تەنقىەدىن كېيىن جىگەرنىڭ تەبىئىي قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش، يەرلىك ئورۇنغا يىغىلغان ماددىلارنى تارقىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇمشىتىش مەقسەتتە: ئىترىفىل سانانى 10 گرامدىن ئىككى ۋاق، سېرىق ياغ ئېرىتمىسى بلەن ئۇدا 15 كۈن بېرىپ؛ ئارقىدىن ئايارەنجى لوغانزىيا بەش گرامدىن ئىككى ۋاق بېرىلىدۇ. ھەمدە سىرتتىن بىلسان يېغى، بادام يېغى بىلەن يەرلىك ئورۇن مايلىنىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى تەدبىرلەر بىلەن تاتۇق ھۈررىكى يۈتمىسە، ئەنزۇرتقا ئوخشاش گۆشنى يېگۈچى دورىلارنى سىرتىدىن يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ، ئارتۇق گۆشنى يوقىتىپ بولغاندىن كېيىن كەھرىۋا، مەرۋايىت تالقىنى، بىخ  مارجان ئۈچ گرامدىن ئېلىپ 15 گرام شېكەر قوشۇپ يۇمشاق تالقانلاپ يەرلىك ورۇنغا سېپىلىدۇ.

1. يەرلىك ئورۇننىڭ قايتا زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

2. غىدىقلىغۇچى، تەستە سىڭىدىغان غەلىز يېمەك − ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش؛ ئاسان سىڭىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك  − ئىچمەك، مېۋە − چىۋە، سەي − كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=951

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=951

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#