تارىم توغراق ئارىلى

تارىم توغراق ئارىلى

تارىم ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىندا 5000 مودىن ئارتۇق بىر كىچىك ئارال بار، بۇ ئارال تارىم توغراق ئارىلى دىيىلىدۇ. تۆت ئەتراپىنى سۇ ئوراپ تۇرىدىغان بۇلۇپ، سۇ بايلىقى مول، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 نەچچە كىلومېتىر، ئارالدىكى نەچچە مىڭ مو ئىپتىدائىي ياۋا توغراق ئورمانلىقىدا ياۋاتوشقان، قىرغاۋۇل، كىرپە قاتارلىق كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى تارىم توغراق ئارىلى
قاراشلىق دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 塔里木胡杨岛
ئورنى شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تارىم توغراق ئارىلىتارىم ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىندا 5000 مودىن ئارتۇق بىر كىچىك ئارال بار، بۇ ئارال تارىم توغراق ئارىلى دىيىلىدۇ. تۆت ئەتراپىنى سۇ ئوراپ تۇرىدىغان بۇلۇپ، سۇ بايلىقى مول، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 نەچچە كىلومېتىر، ئارالدىكى نەچچە مىڭ مو ئىپتىدائىي ياۋا توغراق ئورمانلىقىدا ياۋاتوشقان، قىرغاۋۇل، كىرپە قاتارلىق كۆپ خىل ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ. سۇ بولغانلىقى ئۈچۈن جانلىقلار ۋە توغراقلار يوقىلىپ كەتمەي مىڭ يىللىق قەدىمىي توغراق ۋە دەرەخلەردىن شەكىللەنگەن ئىپتىدائىي تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك ساياھەت مەنزىرىسى بىلەن داڭق چىقارغان. 

مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، توغراق ئارىلىدىكى بۇ دائىرىدىكى توغراق ئورمىنى نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ياۋا توغراق ئورمان قوغداش رايونى، ناھايىتى كۈچلۈك پەن تەتقىقات قىممىتى ۋە تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە رايون قىلىنغان. 

توغراق ئارىلىدىكى كۆپ قىسم توغراقلارنىڭ يېشى 50 يىل ئەتراپىدا، دەرەخ ئېگىزلىكى بولسا نەچچە مېتىر، باھار ۋە ياز ئارىلىقىدا ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ، سۇ شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان. كۈزدە توغراقلارنىڭ يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ ئالتۇن رەڭگە كىرىپ كۈز شامىلىدا يوپۇرماق تاشلاپ چىرايلىق مەنزىرىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. 

تارىم توغراق ئارىلىيۇقىرى ئېقىنىدا ئۈستى ئوچۇق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ساھىل ۋالىبول مەيدانى، ئوقيا ئېتىش، پەي توپ، تىك-تاك توپ، بىليارت ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە چېنىقىش پائالىيەت سورۇنى قاتارلىقلار بار. 20 كىلومېتر كېلىدىغان تارىم دەرياسى ئېقىنىدا تۆگە مىنىپ ساياھەت قىلىش، ئۇيغۇر بېلىق تۇتۇش ئۇسۇلى، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ناھايىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەڭ غەلىتە يېرى بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ دەريادىن ئۆتكەندە خەتىرى يوق، ئېكسپېدىتسىيە مول بولىدۇ. 

ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرى ئېقىنىدىكى شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزگىچە كىگىز ئۆيلىرى، مۇنچىسى، چىڭ سۇلالىسى ئاسما راۋىقى، ناخشا-ئۇسسۇل زالى، تاماق ۋە ئىچىملىك، ياتاق-تاماق، كۆڭۈل ئېچىش ۋە مىللىيچە ناخشا-ئۇسسۇل، سەنئەتكارلارنىڭ ناخشا ئېيتىش، ساز چېلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلدۇ.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#